- تىزىملاتقان
- 2014-7-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1153
- نادىر
- 0
- يازما
- 115
ئۆسۈش
  15.3%
|
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ. تېما ئېگىسىگە كۆپ رەھمەت.توردۇنياسىدا تالاش-تارتىشنىڭ بولۇشىنىڭ نۇرغۇن پايدىلىق تەرەپلىرى بار.1- كىشىلەرنىڭ ماھىيەتلىك مەسىللەر ئۈستىدە پەلەسەپىۋىيلىك ۋە لوگىيكىلىق پىكىر قىلىش ئىقتىدارى ئاشىدۇ،2-يىڭى ئۇچۇر، يېڭى بىلىملەردىن خەۋەردار بولۇپ بۇجەھەتتە مۇئايەن كۆز قاراشقا ئىگە بولالايدۇ.3- راست بىلەن يالغاننى ، توغرا بىلەن خاتانى ئايرىۋىلىش، توغرا پىكىر ئېقىمى شەكىللەندۈرۈش پۇرسىتىگە ئىرىشەلەيدۇ.4- تور دۇنياسىمۇ زامانىۋىي بىر مەكتەپ بولۇپ كىشىلەرنى نۇرغۇن يىڭى بىلىملەر بىلەن قوراللاندۇرالايدۇ، ھەتتا بەزى بىلىملەرنى مەكتەپلەردە ئۆگىنىش مۈمكىن بولمايدۇ. دەل شۇ بوشلۇقنى تور دۇنياسىدا تولدۇرالايدۇ.5-ئەۋلاتلارنى ئەجداتلىرىمىزنىڭ شەرەپلىك تارىخدىن خەۋەردار بولۇش پۇرستى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئەجداد بىلەن ئەۋلاتنى باغلاش تەك ياخشى مۇھىت يارىتالايدۇ.6-مىللىتىمىز ئىچىدىكى يىتىشىپ چىقىۋاتقان مەشھۇر شەخىسلەر، كەشپىياتچىلار، ئالىملار، كارخانىچىلارنىڭ كاتتا ئىش-پائالىيەتلىرى بىلەن تونۇشۇپ، ئۇلارنىڭ پەزىلەتلىرىدىن زور ئىلھام ئېلىپ، ئۆزىنى تونۇش، ئادىمىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ھېسقىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، مىللەت ئۈچۈن ، ۋەتەن ، يۇرت ئۈچۈن تۆھپە يارىتىش ئىددىيىسىنى تۇرغۇزغىلى بولىدۇ. قىسقىسى؛ توردۇنياسىدىكى بۇنداق مۆلچەرلىگۈسىز ئىجتىمائىي ھەرىكەت مىللىتىمىزنىڭ ئادىمىيلىك ساپاسىنى يېتىلدۈرۈپ،مۇكەممەل ئۇيغۇر ئدىئولوگىيىسى ، ،گۈزەل ئۇيغۇر جەمىيىتى شەكىللەندۈرەلەيدۇ دەپ قارايمەن ، بۇ مېنىڭ شەخسىي قارىشىم، بۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان پىكىردىكىلەر ئۆز پىكىرىدە قالىۋەرسۇن، خالىسا ئىنكاس يازسۇن. |
|