- تىزىملاتقان
- 2012-8-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-12-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6372
- نادىر
- 0
- يازما
- 483
ئۆسۈش
  27.44%
|
شۇ چاغدا مىللى ئارمىيەنىڭ سوۋىتنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشقانلىقى ناھايىتى توغرا ئەمەلىيەتچىل ھۆكۈم بولغان . ئەگەر شۇ چاغدا ئۇلار سوۋىتنىڭ ياردىمىسىز پارتىزانلىق ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغان بولسا سىتالىن يالتا يىغىنىدىكى قارارىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىزىل ئارمىيەنى ئەۋەتىپ ئۇيغۇر ئېنقىلاۋىنى باستۇرىشى مۇمكىن ئىدى . چۈنكى ئۇندىن ئىلگىرى شېىڭ دۇبەن بىلەن ھەمكارلاشقاندا قەشقەردە قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتنىڭ قالدۇق قوشۇنىنى قىزىل ئارمىيەنى ئەۋەتىپ ھاۋادىن ۋە قۇرۇقلۇقتىن قىرغىن قىلىپ يوق قىلغان ئىدى . سىتالىننىڭ ئوخشاش قىرغىنچىلىقنى يەنە بىر قىتىم قىلىشى ھەتتا ئاشۇرۇپ قىلىشى مۇمكىن ئىدى . شۇڭا مىللى ئارمىيە 11 بېتىمدە قولغا كەلتۈرگەن ھوقۇقلىرىنى ساقلاپ قېلىش ھەم كېيىنكى قەدەمدە ئېنقىلاپنىڭ غەلبە مىۋىسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي ئامالسىز ئىدى . ئەينى ۋاقىتتا سۇن جۇڭشەن ئەپەندى ياپونىيەدە پارتىيە قۇرۇپ ئاندىن جوڭگۇدا مانجۇلارغا قارشى كۈرۈشنى قانات يايدۇرغان ، مۇستاپا كامالمۇ سوۋىتلەرنىڭ ياردىمىنى ئېلىپ غەرىپ قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلغان ... شۇڭا مىللى ئارمىيەنىڭ سوۋىتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشى ھەرگىزمۇ ئويۇنچۇق بولغانلىق ئەمەس بەلكى كېيىنكى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايوننىڭ ئۇلىنى سالدى . ئۇ چاغدا قانداق ھوقۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى شۇ چاغدا تۈزۈلگەن بېتىملارنى كۆرگەنلە ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ . |
|