قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: kadirdolan

[دولان ] ئۇرۇش بىزدىن قانچىلىك يېراق؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

1780

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11157
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 509
توردىكى ۋاقتى: 110
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 01:10:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

1

تېما

9

دوست

8855

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   77.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1080
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 2576
توردىكى ۋاقتى: 419
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 01:50:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      تېنچلىق بولغانغا يىتەمدۇ...
قۇتلان تېلفۇنلىرى

5

تېما

2

دوست

3088

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   36.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15932
يازما سانى: 411
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 874
توردىكى ۋاقتى: 125
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 01:58:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتۇرى؛ لاڭشەنپىڭ

1. باجنىڭ زىيادە كۆپ بولۇشى؛ 2. مەبلەغ زەنجىرىنىڭ ئۈزۈلۈشى؛ 3. ئەمگەك تەننەرخىنىڭ زور كۆلەمدە ئۆسۈشى.
ئاۋال بىرىنچىسىگە كېلەيلى، ھەر قايسى كارخانىچىلار، سىلەر ئالدىنقى يىلى قانچىلىك باج تاپشۇرغىنىڭلارنى بىلەمسىلەر؟ بىز قولغا چۈشۈرگەن ئەمەلىي سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يىلى سىلەر تاپشۇرغان بىۋاسىتە باج بىلەن ۋاسىتىلىك باج جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ باجدىن ئىلگىرىكى پايدىسىنىڭ %70 نى ئىگىلەيدىكەن. سىلەر ھەر بىرىڭلار قانچىلىك باج تاپشۇرىسىلەر؟ بىۋاسىتە باجغا ۋاسىتىلىك باجنى قوشقاندا، قوشۇلما قىممەت بېجى، ئىستىمال باجلىرىنى قوشقاندا، ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئالدىنقى يىلى شەخسلەردىن ئالغان بېجى ئوتتۇرىچە تاپاۋەتنىڭ %51.6 گە يەتكەن. بۇ ئىككى رەقەمنى ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان. بۇ ئىككى رەقەم ئىنسانىيەت پەيدا بولغاندىن كېيىنكى ئەڭ يۇقىرى نىسبەت ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق يۇقىرى باج يىغالايدىغان دۆلەت يوق، جۇڭگونىڭ 5000 يىللىق تارىخىدا بۇنداق يۇقىرى باج يىغقان سۇلالە يوق، ئەمما بىزنىڭ بۇ سۇلالىمىزدە يىغىلىۋاتىدۇ.
تۈنۈگۈن بىر يەردە دەرس سۆزلىسەم، ئۇلارنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئۇچراپ قېلىپ، بىز شۇجىمىزنىڭ رەھبەرلىكىدە 9 ئاينىڭ ئىچىدە پۈتۈن يىللىق باج يىغىش نىشانىنى ئورۇنداپ بولدۇق دېدى. مەن ئۇنىڭ يۈزىنى ئايىمايلا، سىلەردەك مۇشۇنداق كادىرلار جۇڭگونى ئۈزۈل كېسىل ۋەيران قىلدىڭلار دېدىم. نېمىشقا؟ بۈگۈن سىلەرگە جاۋابىنى بېرەي. تاۋباۋ ۋەقەسى قانداق كېلىپ چىقتى؟ تاۋباۋ ۋەقەسىنىڭ يېقىندىكى غەۋغالىرىنى يىغىشتۇرغىلى بولمىدى. سىلەرچە پەقەت مايۈن ھېلىقىدەك تېخنىكا مۇلازىمەت ھەققى دېگەنلەرنى يىغىپ، ئاممىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويغاندىمۇ؟ ئىش بۇنداق ئاددى بولغان بولسا ياخشى بولاتتى. سىلەرگە بەزى سانلىق مەلۇماتلارنى ئېيتىپ بېرەي، بۇلتۇر جۇڭگونىڭ تور سودىسى 523 مىليارد يۈەنگە يەتكەن. 2009- يىلى 250 مىليارد ئىدى. يەنى بۇلتۇر بىر قاتلانغان. بۇ يىل ئالدىنقى يېرىم يىلدا 350 مىلياردقا يېتىپ بولدى. بۇ يىل ئاخىرلىشىشتىن ئاۋال 800 مىلياردتىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشەنسەك بولىدۇ. بۇ سانلارنىڭ قانچىلىك ھەيران قالارلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟ جۇڭگونىڭ GDP سى پۈتۈن دۇنيانىڭ %10 گە يەتمەيدۇ، ئەمما جۇڭگونىڭ تور سودىسى بۇلتۇر پۈتۈن دۇنيانىڭ %40 گە يەتتى. بۇ يىل پۈتۈن دۇنيا تور سودىسىنىڭ %50 گە يېتىدۇ. GDP سى پۈتۈن دۇنيانىڭ %10 گە يەتمەيدىغان دۆلەت %50 تور سودىسىنى ياراتسا، سىلەرچە جۇڭگو ئىقتىسادى ياخشىلىنىپ كېتىۋاتقانمىدۇ؟ خاتالاشتىڭلار، بۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ بەربات بولۇۋاتقانلىقىنىڭ ئالامىتى. بۇنى بىلەمسىلەر؟
ھۆكۈمەت قولايلىق دۇكان، مىلىچمال دۇكىنى دېگەندەك كىچىك ماگىزىنلاردىن ئېغىر باج ئېلىۋاتىدۇ. ھېسابلاپ كۆرەيلى، 15 خىل باجنىڭ ئىچىدە كاررىفور، ۋالمارتلارنىڭكىگە ئوخشاش %5 تىجارەت بېجى، %17 قوشۇلما قىممەت بېجى، يەنە باشقا بىر قاتار باجلار بار. جۇڭگودىكى بۇ دۇكان ئاچقۇچى پۇقرالار ئەڭ بىچارە بىر توپ. ئۇلار بىر مىلىچمال دۇكىنى، كىچىك بىر تاللا بازىرى ئېچىشقىلا چىقىنالايدۇ. ئەمما دۇكان ئاچسا ھۆكۈمەت ئۇلارنى شىلىۋالىدۇ. مۇشۇنداق ئېغىر باج يىغىشنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟ ھۆكۈمەت خەلق ئارىسىدىكى پارچە سېتىش بازىرىنى ئۆز قولى بىلەن ۋەيران قىلدى. كىچىك تاللا بازارلىرى، ئەپچىل دۇكانلاردىن ئېلىنىدىغان باج كاررىفور، ۋالمارتلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولسا، كىمگە پايدا بولىدۇ؟ ئەلۋەتتە كاررىفور، ۋالمارتلارغا پايدا بولىدۇ. نېمىشقا؟ ۋالمارتنىڭ دائىرىسى چوڭ، كۆلەم جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە، مەسئۇل بوغالتىردىن بىرنى تېپىپ، باج كېمەيتىش ئېلىپ بارالايدۇ. ئەمما كىچىك دۇكانلار بۇنداق قىلالمايدۇ. شۇڭا جۇڭگو ئىنتايىن غەلىتە دۆلەت، تاللا بازىرى قانچە چوڭ بولسا، بېجى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ. نېمىشقا؟ چۈنكى مالىيە خادىملىرى ئارقىلىق باجدىن قانۇنلۇق قاچالايدۇ. چوڭ تىپتىكى تاللا بازارلىرىنىڭ تېخى باج ئېتىبارلىرى بار.
ئۇلار باھانى كونترول قىلىپ، پارچە سېتىش دۇكانلىرىدىكىدىن سەل تۆۋەن چۈشۈرسىلا، يېقىن ئەتراپتىكى بارلىق كىچىك دۇكانلارنى شاللىۋىتەلەيدۇ. ئاندىن رايون خاراكتېرلىك مونوپوللۇق شەكىللىنىدۇ. مونوپوللۇقتىن كېيىن، بۇ ۋالمارت، كاررىفورلار مال تەمىنلىگۈچىلەر ۋە ياساش كەسپىدىكىلەرنى بوزەك قىلىشقا باشلايدۇ، مالنىڭ پۇلىنى ئۇزۇن مۇددەت بېسىۋىلىپ بەرمەيدۇ، مەيدانغا كىرىش ھەققى، يايما ئورنى ھەققى، بايرامنى تەبرىكلەش ھەققى دېگەندەك ھەر خىل خىراجەتلەرنى مال پۇلىدىن تۇتۇپ قالىدۇ. نېمىشقا؟ چۈنكى ئۇ رايون خاراكتېرلىك مونوپولچىغا ئايلىنىپ بولغان. پۈتۈن دۇنيادا پەقەت جۇڭگو ھۆكۈمىتىلا بۇ ئىشلارغا پەرۋا قىلمايدۇ، بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز خېرىدار چاقىرىپ، مەبلەغ كىرگۈزۈشنىلا بىلىدۇ، قۇرۇلۇش قىلىشنىلا بىلىدۇ. پۇقرالارنىڭ مەنپەئەتىگە ئالاقىدار بۇنداق ئىشلار بىلەن كارى يوق. چوڭ تاللا بازارلىرىنىڭ زورلۇق – زومبۇلۇق قىلىشىنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولىدۇ؟ بېيجىڭدىكى ۋۇمىي مال سېتىۋىلىش مەركىزىنى مىسالغا ئالايلى. تورغا چىقىپ باھا تەكشۈرۈپ شۇنى بايقىدۇقكى، ۋۇمىيدىكى ئالتە خىل ئۇششاق يىمەكلىكنىڭ باھاسى گۈزەل زىمىن (جىنشيۇ دادى) توپ تارقىتىش بازىرىدىكىدىن 2.85 ھەسسە يۇقىرى. بۇ نېمە دېگەنلىك؟ بۇ ئۇلارنىڭ مونوپوللۇق شەكىللەندۈرگەندىن كېيىن، مال باھاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستىمالچىلارنى بوزەك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا بىر رايوندا چوڭ تاللا بازارلىرى قانچە كۆپ بولسا، پارچە سېتىش باھاسى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. پەقەت ئەتراپتىكى كىچىك دۇكانلارنى يوقاتسىلا، بۇ مۇقەررەر ئاقىۋەت بولىدۇ. چوڭ تاللا بازىرى قۇرۇلۇپ، رايون مونوپوللۇقىنى شەكىللەندۈرگەندىن كېيىن، باھانى ئۆستۈرۈپ ئىستىمالچىلارنى بوزەك قىلىدۇ، ئاندىن مال تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ پۇلىنى تۇتۇپ قالىدۇ، ئىشلەپچىقارغۇچى ياكى ياساش كەسپىدىكىلەرنى بوزەك قىلىدۇ. ئۇلارغا بۇ ئىمتىيازنى كىم بەرگەن؟ بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز.
شياڭگاڭدا قانداق؟ شياڭگاڭدا كىچىك دۇكانلار باجدىن پۈتۈنلەي دېگۈدەك كەچۈرۈم قىلىنغان. پەقەت ئىككىلا خىل باج بار. بىرى %0.1 لىك رويخەتكە ئېلىنغان كاپىتال بېجى، يەنە بىرى مەلۇم سوممىدىكى پايدىغا ئېرىشكەندىن كېيىن تاپشۇرىدىغان %17 لىك پايدا بېجى. ئەمما راۋۇرۇس پايدا تاپالمىسا بۇ باجنى تاپشۇرمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن شياڭگاڭدا ھەممە يەردە كىچىك دۇكانلار بار. بۇنىڭ نېمىگە پايدىسى بار؟ باج نۆل دىگۈدەك بولغانلىقتىن، پارچە سېتىش باھاسى خېلىلا تۆۋەن بولىدۇ. كىچىك دۇكانلارنىڭ باھا رىقابەت تەھدىدىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، شياڭگاڭدا ئىلگىرى كاررىفور، ۋالمارتلار كىچىك دۇكانلارغا ئەگىشىپ باھا چۈشۈرۈشكە مەجبۇر بولۇپ، قانچە چۈشۈرسە شۇنچە زىيان تارتقان. كىچىك دۇكانلارنىڭ رىقابىتى بولغانلىقتىن، مال تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ پۇلىنى تۇتۇپ قېلىشقا، ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى بوزەك قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان. مال تەمىنلىگۈچىنى بوزەك قىلساڭ، ئۇلار ساڭا ئىشلىمەي، كىچىك دۇكانلارغا تەمىنلەيدۇ. ئوخشاشلا گەپ، نېمىدەپ كاررىفورغا ئىشلىگۈدەك؟ شۇڭلاشقا شياڭگاڭ پۈتكۈل جۇڭگودىكى چوڭ تاللا بازارلىرى مەۋجۇت بولالمىغان بىردىنبىر جاي. شياڭگاڭغا ساياھەتكە بېرىپ باققان بولساڭلار، دەپ بېقىڭلار، كاررىفورنى كۆردۈڭلارمۇ؟ ۋالمارتنىچۇ؟ ياق. نېمىشقا؟ ھەممىسى يوقىتىلغان. قانداق قىلىپ؟ شياڭگاڭ رايونىنىڭ ھۆكۈمىتى تۆۋەن باج سىياسىتى ئارقىلىق كىچىك دۇكانلارنى يۆلەپ، چوڭ تاللا بازارلىرىنى شاللىۋەتكەن. بۇنىڭ نېمىگە پايدىسى بار؟ پايدىسى بەك چوڭ!
بىرىنچىدىن، تۆۋەن باج سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە پارچە سېتىش باھاسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، ئىستىمالچىلار نەپكە ئېرىشىدۇ، ئىچكى ئېھتىياج ئاشىدۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىشمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئېشىپ بارىدۇ. مال تەمىنلىگۈچىلەرنى، ياساش كەسپىدىكىلەرنى بوزەك قىلمىسا، ئۇلار بۇنداق ئوڭۇشلۇق ئەھۋالدا ئەلۋەتتە قايتا ئىشلەپچىقىرىشنى، قايتا مەبلەغ سېلىشنى، كۆپرەك ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. مانا بۇ شياڭگاڭدىكى ئىستىمال بازىرىنىڭ شۇنچىۋالا گۈللەپ - ياشنىشىنىڭ سەۋەبى. چوڭ قۇرۇقلۇقتىچۇ؟ بىرەر شەھەرگە ۋالمارت كىرسە، ئەتراپىدىكى كىچىك دۇكانلارنىڭ ھەممىسى يوقايدۇ. ئاندىن يەنە بىر شەھەرگە كىرىدۇ، يەنە بىر مۇنچە دۇكانلار غايىب بولىدۇ. ئاخىرىدا رايون مونوپوللۇقىنى شەكىللەندۈرۈپ، باھانى ئۆستۈرۈپ، ئىستىمالچىلارنى قاقتى – سوقتى قىلىدۇ، مالنىڭ كىرىش باھاسىغا بېسىم چۈشۈرۈپ، ئىشلەپچىقارغۇچىنى بوزەك قىلىدۇ. مېنىڭ بىر ئوقۇغۇچىم شىنجىندا كاررىفورغا 380 مىڭ يۈەنلىك گۈرۈچ ئۆتكۈزۈپتۇ. ھىساب بوغىدىغان چاغدا، 380 مىڭ يۈەننى ئالالماي ئەكسىچە كاررىفورغا 8000 يۈەن قەرز بولۇپ قاپتۇ. نېمىشقا؟ مەيدانغا كىرىش ھەققى، يايما ئورنى ھەققى، تىجارەت ھەققى، قانداقتۇر فرانسىيە دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش ھەققى دېگەندەك ھەر خىل خىراجەتلەرنى تۇتۇپ، پۇل يەتمىگەن گەپ. خوش، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن تاۋباۋ ۋەقەسى يۈز بەردى؟ چۈنكى پۇقرالارنىڭ چىقىش يولى قالمىدى. ئېغىر باجنىڭ ئاقىۋىتى پەقەت كاررىفور، ۋالمارتلارلا مەۋجۇت بولۇش، كىچىك دۇكانلارنىڭ ھەممىسى يوقىلىش بولدى. بۇ پۇقرالار تاۋباۋ تورىدا بىچارىلەرچە بىۋاسىتە سېتىشقا مەجبۇر بولدى. كۆپچىلىك چۈشەنگەنسىلەر؟ مانا بۇ جۇڭگو تور سودىسىنىڭ دۇنيا بويىچە بىرىنچى بولۇشىنىڭ سەۋەبى. ئاۋام پۇقرا كۈن ئۆتكۈزەلمەيۋاتىدۇ، نېمىشقا؟ باج بەك ئېغىر! شۇڭا تاۋباۋ بەك نوچى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، بۇ مايۈننىڭ سەۋىيىسى يۇقىرىلىقىدىن ئەمەس، خاتالاشماڭلار. ھۆكۈمەتنىڭ ئېغىر باج سىياسىتى ئەسلىدە كىچىك دۇكانلارنى ئېچىشقا تېگىشلىك پۇقرالارنى تاۋباۋ بازىرىغا كىرمىسە بولمايدىغان ھالەتكە قىستىدى. ئۇلار توردا ئۆزلىرىنىڭ غورىگول مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ، يوقنىڭ ئورنىدىكى پايدىسىنى تېپىپ، كۈن ئۆتكۈزىدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن جۇڭگونىڭ تور سودىسى مۇشۇنداق ئاۋاتلىشىپ كەتتى. ئەمىسە تاۋباۋ ۋەقەسى قانداق ئىش؟ ئۇ بولسىمۇ مايۈننىڭ ئاشۇ ئۇششاق سودىگەرلەرنىڭ تۆۋەن تەننەرختە تىجارەت قىلىش خىيالىنى بۇزۇۋەتكەنلىكىدۇر. سەن بۇ تېخنىكىلىق مۇلازىمەت ھەققى دېگەننى بىردىنلا بۇنداق يۇقىرى قىلىۋەتسەڭ، كاپالەت سوممىسىنى 200 مىڭغا چىقىرىۋەتسەڭ، خەق قانداق جان باقىدۇ؟ سېنىڭ بۇ قىلىغىڭ بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئېغىر بېجىنىڭ نېمە پەرقى بار؟ يەنە سوراي، بۇنداق قىلىشىڭنىڭ بىرەر نەزەرىيە ئاساسى بارمۇ؟ كىچىك سودىگەرلەر بىرلىشىپ قارشىلىق كۆرسەتكەندىن كېيىن، تاۋباۋ ئاخىرى بىر يىل كېچىكتۈرۈشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئالىدىغان ھەقنىڭ يېرىمىنى ئازايتىشنى قارار قىلدى. بىر يىل كىچىكتۈرەلىگىنىڭ باشتىكى قارارىڭدا مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭدىن چىسلانى خالىغانچە قارار قىلىدىغانلىقىڭنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئالىدىغان ھەقنىڭ يېرىمىنى ئازايتالىغانلىقىڭدىن ئەينى چاغدا سېنىڭ بۇ سوممىنى خالىغانچە قارار قىلغانلىقىڭنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. سەندە ھېچقانداق نەزەرىيە ئاساسى يوق. بولمىسا قانداقمۇ ھەقنىڭ يېرىمىنى ئازايتالايسەن؟ گېپىمنى چۈشىنىۋاتامسىلەر؟ سېنىڭ بۇنداق قىلىشىڭ، يەنى كاپالەت سوممىسىنى بىر يىل كېچىكتۈرۈشۈڭ، ئالىدىغان ھەقنىڭ يېرىمىنى ئازايتىشىڭ باشتىكى قارارىڭغا تۈزۈلمىنىڭ يار يۆلەك بولغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. سەن ئۆزەڭچە تاۋباۋنى مەن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈردۈم دەپ ئويلامسەن؟ خاتالاشتىڭ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ساڭا ياردەم قىلىپ تاۋباۋنى ئۇتۇققا ئىگە قىلدى. شياڭگاڭدا بولغان بولسا، تاۋباۋ مەۋجۇت بولالامتى؟ مۇمكىن ئەمەس، نېمىشقا؟ ئۇششاق سودىگەرلەر ئىنتايىن كۆپ، باھا ئۇنداق يۇقىرى ئەمەس. تاۋباۋغا ئەسلا ئېھتىياج يوق. شياڭگاڭدا مال باھاسى ئۇنداق پەرق قىلمىغاچقا، كىشىلەر ساپما كەشىنى كىيىپ، پەسكە چۈشۈپلا نەرسە – كېرەك سېتىۋالىدۇ. ماشىنىغا ئولتۇرۇپ چوڭ تاللا بازارلىرىغا بېرىپ سېتىۋىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. شۇڭا قاتناش ئەھۋالىمۇ ياخشى. ئەمەلىيەتتە قاتناش قىستاڭچىلىقى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى باج سىياسىتىنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى بار. ھازىر باجدىن قاچماي ياشىماق تەس، شۇڭا مەن كۆپچىلىكنىڭ باجدىن قېچىش قىلمىشلىرىنى توغرا چۈشىنىمەن! (ئالقىش)
------------
ئايرىم تىما قىلىپ يوللىسام تەستىقلىمىدى، كۆپچىلىكنىڭ دۇنيانى چۈشۈنۈشىگە  ئازراق بولسىمۇ ياردىمى بوپقالسا ئەجەپ ئەمەس.

0

تېما

0

دوست

91

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   30.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25570
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 28
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 02:07:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏‏دۇنيا تارىخى ماھىيەتتە ئۇرۇش تارىخىدۇر

0

تېما

0

دوست

190

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   63.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24481
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 60
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 03:21:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر نەچچە يىل ئالدىدا مەھەللە كومىتىدىلەر ئۆي ئۆيگە كىرىپ بىكار بىكاردىن ئەسكەرلىككە تىزىملاپ كەتكىنى بىكار ئەمەسكەندە؟ ۋاقتى تازا ئىسىمدە قالماپتۇ.
شۇ ۋاقىتتا مېنىمۇ تىزىملايمىز دەپ ئۆيگە كىرىپتىكەن، مەن تىزىملىمايمەن دىسەم، بۇ دىگەن يۇقۇردىن چۈشكەن بۇيريق دەپ تىزىملاپ چىكەتكەنتى. مۇشۇنداق ئىش بولغانتى ئەمما ھازىرغىچە ھېچ ئەسكەر بول دەپ چاقىرمىدى...

0

تېما

2

دوست

5366

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   7.32%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16890
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1586
توردىكى ۋاقتى: 425
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 08:35:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىدى ئالدى بىلەن ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كېرگۈزىش، چۈنكى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كېرگۈزگەندىلا ئارمىيەنى كۈچەيتىش مەقسىدىگە يېتەلەيدۇ ۋە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بېكىتىلگەن خەلقئارا تەرتىپنى بىكار قىلىپ، مىلتارىزم يولىغا ماڭالايدۇ


سوغوق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا ئورۇسلار يېڭىلىپ بېرلىن تېمى ئۆرۇلۇپ يالتا شەرت نامىسىنىڭ ياپرۇپاغا مۇناسىۋەتلىك قىسىمى يىرتىلىپ تاشلاندى شۇنىڭ بىلەن گېرمانىيە بىر پۇتۇنلۇككە ئېرىشتى ۋە ئوتتۇرا ياپرۇپادا دئېكتاتۇر كامىنىسىت روسلارنىڭ تەسىرى تازلاندى.. ئەمدى يالتا شەرىت نامىسىنىڭ ئاسىياغا مۇناسىۋەتلىك قىسىمى يىرتىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ ... جۇڭگۇنىڭ باش كۇتۇرىشى ۋە خوشنا دۆلەتلەرگە ئېغۋاگەرچىلىك قىلىشى ياپۇنىيەنىڭ يالتا كىلىشىمىنىڭ ئاسىياغا مۇناسىۋەتلىك قىسىمىنى بۇزۇشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەردى ... جۇڭگۇ ياپۇنىيىنىڭ يالتا كىلىشىمىنىڭ چەكلىمىسىدىن چىقىپ كەتمەسلىكىنى بەك ئارزۇ قىلىدۇ شۇنداق بولغاندا ۋەزىيەت جۇڭگۇغا پايدىلىق بۇلۇپ جۇڭگۇ شەرىقى ئاسىيادىكى 1- نۇمۇرلۇق كۇچكە ئايلىنالايدۇ ..لىكىن ئامېركا جۇڭگۇنى چەكلەش ئۇچۇن ياپۇنىيىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ ... بۇ قىتىملىق  پۇرسەتنى تۇنۇپ يەتكەن ياپۇنلار پۇتۇن كۇچى بىلەن ئاساسى قانۇنغا تۇزۇتۇش كىرگۇزۇش ئارقىلىق يالتا كىلىشىمىنىڭ بويۇن تۇرقىىدىن قۇتۇلۇپ كىتىشنىڭ يۇلىنى ئىزدەۋاتىدۇ ... شۇڭا جۇڭگۇ ياپۇنىيەگە قول سېلىشتىن ئېھتىيات قىلىۋاتىدۇ .....يالتا كىلىشىمىنىڭ ئاسىياغا مۇناسىۋەتلىك كىلىشىمىنىڭ يىرتىلىپ تاشلىنىشى ياپۇنلارغا نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ ...؟؟ ... بىزگىچۇ ..؟؟ .. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا ھاياتلام بولساق كۇرىدىغان ئۇيۇن بار ...

5

تېما

0

دوست

4485

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   82.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1153
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 734
تۆھپە : 901
توردىكى ۋاقتى: 664
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 10:33:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۇرۇش بۇلۇشىنى چىن دىلىمدىن ئارزۇ قىلمەن ، كۇرۇپ باققۇم بار دۆلىتىمىزنىڭ كۇچىنى،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

0

تېما

3

دوست

1054

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   5.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16205
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 334
توردىكى ۋاقتى: 136
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 11:09:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nawkeran يوللىغان ۋاقتى  2014-2-9 10:33
مەن ئۇرۇش بۇلۇشىنى چىن دىلىمدىن ئارزۇ قىلمەن ، كۇرۇپ ب ...

مەنمۇ شۇنداق .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )