- تىزىملاتقان
- 2014-1-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 611
- نادىر
- 0
- يازما
- 44
ئۆسۈش
  22.2%
|
-5.jpg-
(77 KB, چۈشۈرۈش سانى: 18)
مۇنۇ رەسىم ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي قىسمى ئەسكەرلىرىنىڭ رەسىمى ئەمەس.
بۇ سۈرەتتىكى ئەسكەرلەرنىڭ ھەربىي فورمىسىغا دىققەت قىلىڭ: ئەسكەرلەر بېشىغا تەلپەك كىيگەن، قايرىلما ياقىلىق، ياقىسىنىڭ ئىككى يېنىدا پاگون بار، فورمىنىڭ ئاستى ئىككى يان تەرەپتە كۆرۈنەرلىك يانچۇق ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئاندىن قولىدىكى قورالغا قاراڭ. مانا بۇلار ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيە ئارمىيىس ئەسكەرلىرىنىڭ ھەربىي فورمىسى. قولىدىكى قورالمۇ ھەم گېرمانلارنىڭ «ماۋزېر 98.ك» تىپلىق مىلتىقىدۇر. ئۇنداق بولسا بۇ رەسىمدىكى كىشىلەر كىملەر؟
بۇلار گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ «تۈركىستان دېۋىزىيىسى»گە تەۋە ئەسكەرلەردۇر. بۇ دېۋىزىيە گېرمانىيە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپتىن گېرمانىيەگە ئەسىرگە چۈشكەن ئوتتۇرا ئاسىيالىق تۈركىي مىللەت ئەسكەرلىرىدىن تۈزۈلگەن. 1942-يىلىدىن باشلاپ گېرمانىيە ئارمىيىسىدە پەيدا بولغان، سانى تەخمىنەن 100 مىڭدىن ئاشىدۇ. گېرمانىيە ئارمىيىسى ئۇلارنى ئاساسەن غەربىي سەپتە، ئامېرىكا-ئەنگىلىيە ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇشقان ئۇرۇشلارغا سالغان.
مەن پەقەت بىلگەنلىرىمنى دەپ قويدۇم خالاس. مەنمۇ مىللىي ئارمىيە ئەسكەرلىرىدىن پەخىرلىنىمەن. ئۇلارنىڭ باتۇرلۇقلىرىدىن مەنمۇ بەك تەسىرلىنىمەن. ئەمما مۇنۇ رەسىم بىزگە تەۋە ئەمەس. يوق نەرسىنى يوق دېيىش مېنىڭ ئادىتىم. توغرا چۈشىنەرسىز. مىللىي ھېسسىياتىمىزغا يالغان نەرسىلەر، بىزگە تەۋە ئەمەس نەرسىلەر ئارىلىشىپ قالمىسىكەن دەپ ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى بىر كۈنلەر كېلىپ ھەقىقەت ئاشكارىلانغاندا، ئەۋلادلىرىمىزغا نېمە دەپ چۈشەندۈرۈش بىر چوڭ مەسىلە بولۇپ قالىدۇ.
شۇنداق ياخشى تېمىنى يوللىغىنىڭىزغا تەشەككۇر بولسۇن! |
|