- تىزىملاتقان
- 2013-5-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1064
- نادىر
- 0
- يازما
- 97
ئۆسۈش
  6.4%
|
بىر مىللەتنىڭ ھالاك بولىشى ئۇنىڭ ياشلىرىنىڭ ئەخلاقى بۇزۇلۇشى بىلەن باشلىندۇ.مىللەتنىڭ روھى زەئىپلىشىپ كىتىدىكەن ئۇنىڭ ئۇيغۇرلىقىدىن سۆز ئىچىش مۇمكىن ئەمەس. ئۇيغۇرچە سۆزلىسىلا ئۇيغۇر دىگىلى بولماس.بىر چەتەللىكمۇ ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلەيدۇ. ياشلارنى يىتەكلەش چوڭلارنىڭ مەجبۇرىيتىدۇ. چوڭلار نەچچە مىڭ يىلدىن بىرى بۇ مىللەتنى يىتەكلەپ بۈگۈنكى كۈنگىچە يوقىتىۋەتمەي ئىلىپ كەلدى.بەزىدە نەسىھەت قىلدى بەزىدە ماڭا ئوخشاش تەنقىت قىلدى.
بۇنىڭدىن بەش يۈز يىل بۇرۇن ئاماننىساخان 12 مۇقامنى رەتلەپ چىقمىسا ئىدى بۇگۇنكى كۈندە قىز ئاياللىرىمىز ئەرەپچە نەغمىگە يىرىم يالىڭاچ ئۇسۇل ئوينىغان بولاتتى. چەتەللىكلەر مەيلى كىم بولۇشدىن قەتئى نەزەر ھەممىسى ئۇيغۇرلاردىن پايدىلنىشنىلا ئويلايدۇ.ئۇيغۇرلارنىڭ ھىسياتچانلىقى سەنەتسۆيەرلىكى تەڭرىتاغنىڭ مىڭ يىللىق قارلىرىدەك بىر بىرىگە يۇغۇرلۇپ كەتكەن.ئەمما بۈگۈنكى كۈنىمىزدە بىز ئەڭ ئھتىياجلىق بولغان ئىلىم پەنگە كۆڭۈل بۆلمەي، ئوقۇشسىز قالغان نارىسىدىلەرگە كۆڭۇل بۆلمەي كۆز ئالدىمىزدىكى ‹داڭلىق› شەخسكە ھىسيات باغلاپ 1 نارسىدىنىڭ ئۇقۇش پۇلىنى 2 سەئەتلىك ئىشەك ھاڭرىغىنىغا قۇربانلىق قىلىۋىتىش ياشلار ئارىسىدا ئىلىم مەرىپەتنىڭ كۆتۈرلۈپ ئىشىپ كەتكەن ھىسياتى تۇيغۇدا شەكىللەنگەن قۇل مىجەزلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.ئەلۋەتتە ھەركىمنىڭ ئۆز يانچۇغىدىكى پۇلىنى ئۆز خاھىشى ئۈچۈن سەرىپلەش ئەركىنلىكى ھەم باردۇر.ئەلۋەتتە ھەركىمنىڭ ئۆز خەلقىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىك ئەركىنلىكى ۋە ناخشىچىنىڭ مەستانسى بولۇپ قۇللۇق كۆرسىتىش ئەركىنلىكى ھەم باردۇر. ئۇنداقلارغا دەيدىغان گىپىم يوق. چۇنكى شەيتان ھەممىلا يەردە قايناپ تۇردۇ. شەيتاندىن خاپا بولغىلى بولماس چۇنكى ئۇنىڭ تەبىئىتى شۇنداق.
مەن بۇ تىمىنى ئەقلى ھۇشى جايىدا، توغرا خاتانى ئايرىيالايدىغان ، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن يازدىم. |
|