- تىزىملاتقان
- 2014-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1328
- نادىر
- 0
- يازما
- 125
ئۆسۈش
  32.8%
|
ئىشقىلىپ تۈركى مىللەتلەر بىر بىرىنى قەتئى ئىتراپ قىلمايكەن ،بىر -بىرىگە بويسۇنمايدىكەن ،قانداق قىلىش كىرەك ؟بىز چوقۇم ئەمىلىي ھەركىتىمىز ئارقىلىق تىخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىەلىك ئالىملارنى يىتىشتۈرۈپ چىقىشىمىز لازىم،ئۇلاردىن ئىشىپ چۈشىشىمىز ،مەدىنيەتلىك مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىشىمىز لازىم.ئۇلارغا مىڭ ئۇنداق- بۇنداق دىسەك ئىشەكنىڭ قۇلىقىغا غىجەك چالغانچىلىك ئاڭلانمايدۇ.چۈنكى ئۇلارنىڭ مۇستەقىل دۆلىتى بار،ئۆز دۆلىتى تەۋەسىدە پىكىرنى قايانغا توغىرلىسا بولىۋىرىدۇ ،تارىخىنى يازسا بولىۋىرىدۇ،لىكىن باشقا دۆلەت ،ئىلىم پەن ساھەسى ئىتراپ قىلمايدۇ چۈنكى ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى دۇنيا ئالىبۇرۇن ئىتراپ قىلىپ بولغان .فارابىنى قازاقىستان ،يۈسۇپ خاس ھاجىپنى قىرغىستان ،ئەلشىر نەۋايىنى ئۆزبىكىستان تالىشىپ ئۆز نەزىرىدە ئۆزىنىڭ قىلىپ بولدى ،ھازىر ئۇيغۇرلابۇرۇنقى ئەسلى ھالىتىگە كىلىشكە تىرىشماقتا ،بىزئۇيغۇرلا گىرمانىيە،ياپۇنيە،ئامرىكا،تۇركىيە،ئەنگىلىيە،فىرانسىيە،گوللاندىيە،روسيىە،پورتىگالىيە،ئاۋىستىرالىيە،كانادا مىسىر،ئەربىستان ،شىۋىتسارىيە،قازاقىستان ،قىرغىستان جۇڭگۇ قاتارلىق نۇرغۇن تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە مۇئەييەن دەرىجىدە ئالىملار توپى شەكىللەندۈردۇق ئىلىم ساھەسى ئۇيغۇرلانى قايتىدىن تونىدى ،بىلدى .بىز ئۇلاردىن چەكىسز پەخىرلىنىمىز .مەھمۇد قاشىغەرى ،يۈسۇپ خاس ھاجىپ ،ئەلشىر نەۋايى،فارابى قاتارلىق ئالىملارنى مەڭگۈ ياد ئىتىمىز ،ئەسلەيمىز ئىزىغا ۋارىسلىق قىلىمىز . |
|