- تىزىملاتقان
- 2012-12-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 298
- نادىر
- 0
- يازما
- 2
ئۆسۈش
99.33%
|
ياپون جەمئىيىتى بىلىم ئىگىلىرىگە بەك ھۆرمەت قىلىدۇ. بولۇپمۇ پروفېسسورلارغا ياكى پروفېسسورلۇق سەۋىيىسىگە يەتكەنلەرگە. بۇ ياپۇنلار بىلەن چەكلەنمەيدۇ، مەيلى كىم بۇلۇڭ، نەدىن كەلگەن بۇلۇڭ، بىلىم قابىلىيەت بولسىلا ياپۇنلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلەيسىز. مىسال قىلىپ بېرەي. يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە كىشى ئوخشاش ئىش قىلسىمۇ ئەمگەك ھەققى باشقىلاردىن يۇقىرى بولىدۇ. مەن دوكتور بولغاچقا ئايلىق مائاشىم تۇلۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەنلەردىن بىر ھەسسە، ماگىستىرلاردىن 70% يۇقىرى. ھەم ياپۇندىكى ئالدىن سانىلىدىغان مەكتەپنىڭ، پروفېسسورنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغىنىمدىن باشقا ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن دوكتورلاردىن يەنە يۇقىرى. ئەلۋەتتە بۇ ھازىرقى شىركەتتىن چىقارغان خۇلاسە. بۇنى بارلىق ياپونغا كېڭەيتكىلى بولىدىغانلىقىغا كاپالەت بېرەلمەيمەن. بۇ خىل ئورۇنلاشتۇرۇش بىر تەرەپتىن بىلىمگە، ئوقۇغانلارغا ھۆرمەت قىلىش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن شىركەتلەرنى ئۆزىگە لازىم كىشىلەرنى ئىزدەشكە ئۈندەيدۇ. تۇلۇق ئۇتتۇرىنى پۈتتۈرگەنلەر ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ئىش بولسا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنى تەكلىپ قىلمايدۇ. ھەتتا ماگىستىر باكالاۋرلارنىڭ تەمىناتىغا رازى بولسىمۇ شىركەت ماگىستىرنى باكالاۋرنىڭ ئىشىغا سالمايدۇ. جۇڭگو بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرسىڭىز بولىدۇ. بىر يىلى ۋەتەندىن بىر پروفېسسور قىسقا مۇددەت ياپونغا كەلدى، ئارىلىقتا بالىسىنى ياپون تىل مەكتىپىگە ئورۇنلاشتۇرماقچى بولدى، لېكىن بەزى سەۋەبلەر بىلەن رەت قىلىشقا ئۇچرىدى. بۇنى ئاڭلىغان ياپۇندا ئۇزۇن يىل تۇرغان بىر ئاكىمىز پروفېسسورنى باشلاپ تىل مەكتىپىنىڭ مۇدىرىنىڭ قېشىغا قايتا باردى. ھەم پروفېسسورنى پروفېسسورلۇق ئۇنۋانى بىلەن قايتا تونۇشتۇرۇپ ھازىر ياپونغا تەتقىقات مۇناسىۋىتى بىلەن كەلگەنلىكىنى سۆزلىدى. پروفېسسور بىزگە ئۆز ئېغزى بىلەن ئېتىپ بەرگەن سۈز. مۇدىر ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى، ئالدىمغا كېلىپ تەزىم قىلىپ قىزغىن سالاملاشتى، ئىسىم كارتىسى بەردى، ھۆرمەت سۆزلىرىنى تۆكۈۋەتتى. بالامنى مەكتىپىگە ئالدى. بىنانىڭ پەسكىچە ئۇزىتىپ چىقتى. سىزگە تەسىرلىك بىلىندىمۇ؟ بىلىنمىگەن بولسا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن سورىسىڭىز بىر ساپاسىز مەكتەپ رەھبىرىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرگەن پروفېسسورنى چىقىرىۋەتكەن ۋەقەلىكنى سۆزلەپ بېرىدۇ. پروفېسسورلارنىڭ مەكتەپ مەمۇرلىرى ئالدىدا قانداق ئورۇندا ئىكەنلىكىنىمۇ سۆزلەپ بېرىدۇ. باشقا ھەممە ئىشقا ئوخشاش بىلىم ئىگىلىرىگە بولغان ھۆرمەتنى تۇرغۇزۇشتا كىچىكلەرگە چوڭلار، كېيىنكىلەرگە ئالدىنقىلار، تۆۋەندىكىلەرگە يۇقىرىدىكىلەر ئۈلگە تىكلەپ بېرىشى كېرەك ئىكەن. ياپۇندىكى سىياسونلار بەلكىم ئاستىرتىن پۇلى بارلارنى ئۆزىگە يېقىن بىلىشى مۇمكىن، لېكىن دۆلەت، ھۆكۈمەت، ئاۋام پۇقرا مەۋقەسىدە بىلىم ئىگىلىرى ھۆرمەتلەشكە تېگىشلىك كىشىلەرنىڭ ئالدى. ياپۇندا سىز پروفېسسور بۇلۇڭ، مەيلى كەسپىڭىز نېمە بولسۇن، مەيلى ماقالە يېزىڭ يازماڭ، تەتقىقات قىلىڭ قىلماڭ ھۆكۈمەتتىن كۈلىدىغان مائاش تەمىنات ئوخشاش. قىلغان ئەمگىكىڭىزنى، يازغان ماقالىنى، ئالغان مۇكاپاتلارنى، تەتقىقات مەبلىغىڭىزنى تىلغا ئىلىش ھاجەتسىز. پروفېسسور دەپ تونۇشتۇرسىڭىزلا ھۆرمەتكە ئېرىشىسىز. نۇرغۇن شىركەتلەردە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان تەتقىقاتچىلار مەكتەپلەردە پروفېسسور بولۇشنى كۈچلۈك ئارزۇ قىلىدۇ. ماددىي سەۋەبلەر بولۇشى مۇمكىن، مەنچە پۈتكۈل جەمئىيەتتىن كۈلىدىغان ھۆرمەتمۇ بىر مۇھىم ئامىل. سىز پروفېسسورلاردىن يۇقىرى مائاش ئېلىڭ، جىق پۇل تېپىڭ، جىق باج تۆلەڭ يەنىلا پروفېسسورلارغا خاس ھۆرمەتكە ئېرىشەلمەيسىز. ئىلمىي سورۇن يازمىلاردا <پروفېسسور> نىڭ ئالدىغا ھېچقانداق ئارتۇقچە سۈپەتلەش، ئېنىقلىمىلار كەلمەيدۇ. داڭلىق پروفېسسور، مەشھۇر پروفېسسور دېگەن گەپ يوق. نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كىشى ئىلمىي ماقالە يازسا <نوبېل ساھىبى پروفېسسور پالانى> دەپ يازمايدۇ. سەھنىگە نۇتۇققا چىقسىمۇ يەنىلا <پروفېسسور پالانى> تونۇشتۇرۇلىدۇ. بۇ جەھەتتە بىز بىلەن كۈچلۈك پەرقلىنىدۇ. سەھنىگە چېكىپ سۆز قىلغۇچىنىڭ ئىسمىنىڭ ئالدىغا ھەرخىل سۈپەتلەرنى تۆكۈۋېتىمىز. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېدا پروفېسسورلارنى 6 تەبىقىگە بۆلىۋەتكەن. يەنە مۇنداق پروفېسسور ئانداق پروفېسسور دەپ ناملار كۆپ. بۇ خىل بۆلۈشلەر ئادەمگە تارىختىكى كىشىلەرنى ئوخشىمىغان تەبىقىلەرگە بۆلۈشنى ئەسلىتىدۇ. بەلكىم بۇنداق بۆلۈش، ئېنىقلىما بېرىش بىلەن پروفېسسورلارنىڭ ئەمگىكىنى شەرھلىمەكچى بولغاندىمىز. لېكىن نەتىجىدە پروفېسسورلارغا، ئىلىم ئىگىلىرىگە بولغان ھۆرمەتنى سۇسلاشتۇرۇشقا ياكى يوق قىلىشقا سەۋەب بولىمىز. بۇ خىل بۆلۈش، ئېنىقلىمىلارغا كۆنگەن كىشى <پروفېسسور> دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىغاندا بىرىنچى ئىنكاسى ھۆرمەت بولماي، <قانداق پروفېسسور؟> دېگەن سوئال بولۇشى مۇمكىن. بىز ئۈچۈن پروفېسسورلارنىڭ، يۇقىرى بىلىم ئىگىلىرىنىڭ مۇھىملىقىنى شەرھلەشكە كۆپ سۆز ھاجەتسىز. ھەممەيلەن ئاز نەرسىنىڭ ئەتىۋار بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز. مۈشۈكئېيىق ئەتىۋار، ئالتۇن ئەتىۋار، قاشتېشى ئەتىۋار. بىلىم ئىگىلىرىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئەتىۋارلاشقا موھتاج، بولۇپمۇ يۇقىرى پروفېسسور سەۋىيىلىك كىشىلەر. ۋەتەندىكى ئۇيغۇر پروفېسسورلارنى ساناپ كۆرۈڭ، مۈشۈك ئېيىقتىنمۇ ئاز. ھەرقانداق مەمۇرنىڭ ئورنىنى تولدۇرىدىغان ئادەم نۇرغۇن، ناخشىچى، ئۇسسۇلچى، ئىماملار ھەممە ئوخشاش، ئىز باسارلاردىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز. پەقەت پروفېسسور سەۋىيىسىدىكى ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. بۇ سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىز دەم ئېلىشقا چىقسۇن، بىز بىلەن ۋىدالاشسۇن ئورنىنى ئۇزۇن يىللارغىچە تولدۇرالمايمىز. شۆھرەت مۇتەللىپ ئاكىنىڭ ئورنىنى تولدۇرىدىغانلار بارمۇ؟ ناساغا كىرەلەيدىغانلار بارمۇ؟ ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرىگە مۇدىر بولالايدىغانلار بارمۇ؟ ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتۇش ئاسان، يوللار نۇرغۇن. ياپوننىڭ كوچىلىرىدا ئەدەپسىزلىك قىلسىڭىز بولىدۇ، قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلسىڭىز بولىدۇ. پويىزلاردا شاۋقۇن چىقارسىڭىز بولىدۇ. لېكىن باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغاش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. باشقىلارنىڭ سەھنىسىگە چىققان بەلەنلا ھۆرمەتكە ئېرىشىش ناتايىن. ئەدەپ بىلەن چالغان چاۋاك، ئەدەپ بىلەن قىلىنغان تەكەللۇپ سۆزلەر ھۆرمەتكە تەڭ ئەمەس. ئىچ ئاغرىتىش ھۆرمەت ئەمەس. جاكارلاش لازىم پەقەت ھەم پەقەت گۈزەل پەزىلەت، نەتىجە بەلەنلا باشقىلارنى قايىل قىلىپ ھۆرمەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ. بىر كىشىنى، بىرخىل كىشىلەرنى ياخشى كۆرسىڭىز بولىدۇ، مىنىڭ ئۈمىد قىلىدىغىنىم <ئۇيغۇر ئۈچۈن سۆيۈملۈكلەر كىم؟> دەپ سوئال سورالغاندا، ئىلىم ئىگىلىرىنى، پروفېسسورلارنى بىرىنچى ئورۇنغا، بىرىنچىگە تىزالمىسىڭىز، ئىككىنچى ئورۇندىن چۈشۈپ كەتمەسلىكنى ئۈمىد قىلىمەن. |
|