- تىزىملاتقان
- 2013-5-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1112
- نادىر
- 0
- يازما
- 83
ئۆسۈش
11.2%
|
تۇۋەن تۇرمۇش پۇلىنىڭ دەردى !
بامدات نامزىدىن يېنىپ بىرئىككى كىلومىتىر پىيادە ماڭدىغان ئادىتىم بار ئىدى . ئايلىنىپ ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە سىيىتكامنىڭ ئالدىراش كىتىپ بارغىننى كۇرۇپ ئۇنۇڭ بىلەن پاراڭلاشقۇم كەپ قالدى !
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سىيىتكا ئەتتىگەندە نەگە ماڭدىڭ ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئۇكام ،نەگە ماڭاتتىم ئاھالە كومتىتقا !
مۇبارەك بولسۇن قاچاننىڭ ياقى كادىر بوپكەتتىڭ . بىزگە دەپمۇ قويماپسەن چاي بىرەتۇق ، كۇنلىرىڭ ياخشى ئوخشىمامدۇ ؟ھى ھى ھى ،،
چاقچاق قىلمىغىنە ھوي ، ئەتتىگەندە نىرۋام چېچىلىپ قېلۋاتسا !
نىمە ئەتتىگەندە نىم بولدۇڭ ؟ بىرەسى بىرنىمە بولمىغاندۇ ؟
سىيىتكام 37-38 ياشلار ئەپچۆرىسىدە بۇلۇپ ئىككى بالسى بارئىدى . باللىرنىڭ ئىككىلىسى مەكتەپتە ئۇقۇيتتى .ئايالى بىلەن .ئۇزى بازاردىكى بىر ئاشخاندا ئىشلەيتتى . قۇلىدا ھۇنىرى بولمىغاچقا ئايالى قاچا - قۇچا يۇياتتى ئۇزى تاماق تۇشۇيتتى . كۇنلىرمۇ ھەر ھالدا يامان ئەمەس ئىدى . چىقىشقاق بۇ سىيىتكامنىڭ ھىكايىسىنى خېلى بۇرۇنلا ئاڭلاپ تۇراتتىم ،لىكىن بۇگۇن بۇلەكچىلا مەن بىلەن پاراڭلاشقۇسى كەپ قالغان چىراي ، مەنمۇ ئىشقا كىچكىشتىن قورىقماي سىيىتكامنىڭ دەردىنى تىڭشاش ئۇچۇن دەرۋازا ئالدىدىكى سۇپىدا تۇگۇلىشپ ئولتۇردۇق ! سىيىتكام ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ گىپىنى باشلىدى...............................................
نىمسىنى دەيسە ئۇكام ، مۇشۇ بىر يىلچە بولدى بىر كۇنى دەم ئالغان كۇنۇم ئۆيدە ئولتۇرسام ئاھالە كومتتىدىكىلەر نۇپۇس ئېنىقلاش ئۇچۇن ئۆيگە كىردى ، ئېنىقلىغىلى كىگەنلەر ئىچىدىكى بىرسى مىنىڭ تۇلۇقسىز ئوتتۇردا بىللە ئۇقۇغان ساۋاقدىشم ئىدى . ئۇ مىنى كۇرۇپ بىردەم پاراڭلىشىپ مەندىن تۇرمۇشۇمنى سۇراپ بۇلۇپ سەل جاپادا قاپسەن بىكار بولغان كۇنۇڭ يېنىمغا نۇپۇس دەپتىرىڭنى ئېلىپ بار تۇۋەن تۇرمۇشقا ئۆتكۇزۇپ قۇياي ئاز تۇلا بولسىمۇ پايدىسى تىگىپ قالا دەپ چىقىپ كەتتى . دىمىسىمۇ كۇنلىرىم سەل تەس كۇنگە قالغان ئىدى .5-6 كۇندىن كىيىن ئىككى سائەتلك رۇخسەت سۇراپ نۇپۇس دەپتەر ئىككى بالام ئايالىم ۋە مىنىڭ رەسىملىرىمنى ئېلىپ ئاھالە كومتىتقا باردىم . شۇنداقلا ساۋاقدىشىمغا ئۇزنىڭ دىگىنى بۇيىنچە كەلگەنلىكىمنى ئېيتتىم . ساۋاقدىشىم ۋە ئىشخاندىكىلەر مىنى قىزغىن كۇتىۋالدى ھەم پات ئاردا جاۋابىنى بىردىغان بۇلدى . مەنمۇ ئىشىمنى قىلىۋەردىم.
ئارلىقتىن بىرە ئىككى ئاي ئوتكەندە ساۋاقدىشىم ماڭا تىلفۇن قىلىپ كىنىشكىلەرنى ئېلىپ كىتشىمنى ئېيىتتى . بارسام راس دىگەندەك قىزىل كىنىشكە ۋە ئىككى مىڭ سومدىن ئاشىدىغان پۇل بەردى . كۇزۇمگە ئىشەنمەيلا قالدىم ، چۇنكى ئايالىم بىلەن ئىككىمىز ئايدا ئاران مۇشۇنچىلىك پۇلغا ئىشلەيتتۇق . ئاي تۇشۇپ بولغۇچە مائاشنڭ بېشىدا ئۆت كۆيەتتى .بانكا كارتىللىرىم قۇرۇقلام قۇرۇق تۇراتتى . مانا بۇ ئىككى مىڭ سومنى ئۇدۇل بانكىغا سېلىۋالدىم . بانكا كارتام قانچە خوش بوپ كەتكەندۇ ھە . ئاردىن 5-6 ئاي ئوتتى مانا ئىككى قېتىم پۇل ئالدم .بانكىدا 3-4 مىڭ سوم پۇلۇم بار بولدى ،
ئەپسۇس بۇ كۇنلەر ئۇزۇن داۋاملاشمىدى . ھېلقى ساۋاقدىشىمنى يوتكىۋىتىپ ئورنىغا باشقا ئادەم كەپتۇ. شۇنۇڭدىن كىيىن ئۇ پۇللارنى ئېلىش تەسلىشىپ كەتتى .
ئۇزۇڭ بىلسەن ئۇكام ، ئاشخاندا ئىشلىگەنلىك ئەرگە تەككەن بىلەن ئوخشاشكەن ، رۇخسەت بەرسە بارالايمىز پۇل بەرسە خەجلىيەلەمىز ،گەپ قىلماي يوق بوپكەتسەك خىتىمىزنى بىرۋىتىدىغان گەپ.
ئاۋۇ بىرنىمە كەلگەننىڭ ياقى ئىككى ئۇچ كۇندە دىگۇدەك تىلفۇن قىلىدۇ ، ئاھالە كومتىتقا كەلسىلە يىغىن بار ،ئاھالە كومتىتقا كەلسىلە بۇگۇن سىلى نۆۋەتچى <<جىبەر>>ئاھالە كومتىتقا كەلسىلە بۇگۇن تازلىق بار .ئاھالە كومتىتقا كەلسىلە بۇگۇن ماندا ئىش بار .ئاھالە كومتىتقا كەلسىلە.....ئاھالە كومتىتقا كەلسىلە.........ئاھالە كومتىتقا كەلسىلە...... ھەي ، يا بۇ ئاشخاندىن چىقىپ كىتىپ ئاھالە كومتىتنىڭ ئىشىنى قىلاي دىسە يا ئۇ بەرگەن پۇلغا تۇرمۇش قامدالمىسا .. شۇنۇڭدىن كىيىن ئۇلارنى مىھمان قىلىشقا باشلىدىم . چۇنكى ئۇلار تولاۋەرسە بېرىۋەرسەم ماڭا خۇجايىن بولغان ئادەم بىر ماقۇل دىدى ئىككى ماقۇل دىدى .ئۇچكە كەلگەندە ئىشلىسەڭلا ئىشلەڭلا ئىشلىمىسەڭلا بېرىپ ئاھالە كومتىتنىڭ ئىشىنى قىلىڭلا دىدى ... بىر مىھمان قىلشىم 500-600 سومغچە بىر قېتىم مىھمان قىلغىنىم 1-2 ئاي ئاران پايلايدىكەن . ئۇندىن كىيىن يەنە تىلفۇنۇم سايرايدۇ، سىيىتجان پالانى كۇنى بايراملىق نۇمۇر تەييارلايدىكەنمىز كۇندە كىللا نۇمۇر رىپىتىس قىلمىز . ..... ۋاي خانىم بارسامغۇ بۇلتى خەۋەلىرى با مەن ئاشخاندا ئىشلەۋاتمەن .باراي دىسەم خۇجايىن رۇخسەت بەرمەيدىكەن ، مۇمكىن بولسا باشقىلار قىلىپ تۇرسا مۇشۇ ،،،،،،،،،،،،، توۋا پۇل بەرگەندە مايادىتىم ئايەدىتىم دىمەي كىلىپ بىزرىپ تۇرشىلا ، ئىش با دىسە تۇقۇناق باھانە تېپشىلا قاندا دىگەن گەپ بۇ .... چوڭ بۇلۇپ بىرەسىدىن بۇنداق ئىزاغا قالمىغان ئادەم ھەقىقەتەن بەك ھار كەلدى .بۇندا دىسەم ۋىجدانىڭ يوقكەن دىمە ئۇكام . لىكىن ئىككى بالامنىڭ كىيىنكى تۇرمۇشىغا ئەلۋەتتە پۇل لازىم . داۋالىنىش دىگەندەكلەرگە مۇشۇ تۇۋەن تۇرمۇش كىنىشكىسى خېلى ئەسقاتىدىكەن . ئاشخانىدا ئىشلىگەن پۇل تۇرمۇش خىراجىتىگە يەتسە ، تۇۋەن تۇرمۇشتىن ئالغان پۇل تىجىلىپ قالدىكەن ، مۇشۇ تەرىقىدە ماڭسا يلغا 3-4 مىڭ سوم يىغىدىكەمىز ، لىكىن ،،،،،،،،،،،،،،،،ئىككى ئۇچ ئايدا بىر چىقىدىغان پۇلغا ئۇلارنى بىر قېتىم مىھمان قىلسام بىرە قېتىم ئۆيگە سوۋغا سالام ئەكىرسەم ماڭا نىمسى قالدۇ دەيسە ....ھەي ....گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە بۇلالمىدىم....
ۋوججو بارمىساڭلا بولمىدىمۇ ؟ نىمە قىلسە كۇندە بېرىپ ئۇ يەگە ..پۇل بەرگەندە بېرىپ باشقا ۋاقىتتا بارما ؟
ھە نىمە دەيدىغانسە . بىر قېتىم بارمىسام پۇل تۇتىدۇ ..پۇل بەرگەندە بارسام شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئالدىدا بىرمۇنچە سۆزلىگەننى ئاز دەپ ئىزاغا قۇيدۇ .خىجىلچىلىق بەك يامان ئۇكام ..ھازىر ئاشخاندىنمۇ چىقىرۋەتتى ، كۇننى قانداق ئالمىزكى .. گەپ شۇ يەرگە كەلگەندە توڭلاپ كەتتىممۇ ، يا ،،، ئىشقىلىپ چىداپ تۇرالماي ،، بولدى گەپ قىلما دىدىم ....
بولدى ئۇكام گەپ قىلمىدىم دىدى سىيىتكاممۇ ! ھە راس ئۇكام سەن ئۇقۇغان ئادەم ئاھالە كومتىتكىلەرنىڭ شۇنداق قىلشى توغرىمۇ ؟ دەپ سۇردى سىيىتكام .
ئاكا مەندىن سۇرساڭ مەن بىلمەيمەن ،لىكىن مەن بىلدىغانلاردىن سۇراپ باقسام بۇلىدۇ ، مىنىڭ ساڭا جاۋابىم كوتۇڭگە نەچچىنى تەپكىم كىلۋاتىدۇ ......
سىيىتكامنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بىرەلمىدىم . چۇنكى مەن بۇ پۇللارنىڭ نەدىن كىلدىغانلىقىنى ، كىمگە بىرىلسە بۇلدىغانلىقىنى ، ئاھالە كومتىت خىزمەتچىللىرنىڭ زادى قانداق ھۇقۇقى بارلىقىنى بىلمەيمەن .
ئەمدى تورداشلارغا ئەسكەرتىدىغىنىم : مەن قانداقتۇر مەلۇم بىرسىنى ياكى بىرە ئۇرۇننى سۇكۇش ياكى تەنقىدى پىكىر ياكى باشقا خىيالدا يوللۇمدۇم . پەقەت بىراۋنىڭ يۇرەك سۆزىنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشاي دەپ يوللىدىم . مەسلەن :- ئاھالە كومتىت خىزمەتچىللىرنىڭ تۇۋەن تۇرمۇش پۇلى ئالدىغان پۇقرالارنى مەجبۇرى يىغۋېلىش، ئەمگەككە سېلىش ، كەلمىگەنلىنىڭ پۇلنى تۇتۇش ياكى ھاقارەتلەش ، تۇۋەن تۇرمۇشتىن قالدۇرۋىتىش ھۇقۇقى بارمۇ ؟ بەرگەندىكىن ھۇقۇق باردۇ دەپ ئويلايمەن .شۇنداقتىمۇ بىلىپ باققىم كەلدى ،
ھەي پۇل ، سەن نىمانچە چۈچۈك ،يىمەي دىسە يىگۇسى كەلگەن . يەپ بولغاندىن كىيىن بىر يەلىنى ئېچىشتۇرغان .
|
|