تاشقى پېرېۋوت ئارقىلىق باپلاش دولان تەرجىمىسى
بىر كۈنى تاشقى پىلانېت ئادىمى يەرشارىنى ئېكىسكۈرسىيە قىلىۋەتىپ، ئىككى دانە ياۋا مىۋەدەرىخنى كۆرۈپتۇ، بىرى ياۋرۇپادا يەنە بىرى جۇڭگودا ئىكەن، ھەر ئىككىلىسى مىۋەبەرگەن بولۇپ، تاشقى پىلانېت ئادىمىنىڭ نەپسى تاقىلداپ، يەر شارى ئادىمىگە « ياۋامىۋىنى سېتىۋەلىپ يەپباقسام » دەپتۇ. يەر شارىئادىمى « بولىدۇ، جۇڭگوغا بېرىپ سېتىۋالساڭ بىر دانىسى بىر يۈەن، ياۋروپاغا بېرىپ سېتىۋالساڭ بىر دانىسى بىر ياۋرۇ » دەپتۇ، تاشقى پىلانېت ئادىمى « ئۇنداقتاياۋرۇپاغا بېرىپ بىر ياۋروغا بىرنى سېتىۋالسام بولغۇدەك » دەپتۇ. يەر شارىئادىمى « ئالدىرىما، ئەمەلىيەتتە پۈل خەجلىمىسەڭمۇ بۇلىدۇ، سەن ئاۋال جۇڭگوغابېرىپ بىرتال مىۋە ئارىيەت ئال، ئاندىن ياۋرۇپاغا ئاپىرىپ بىر ياۋرۇغا سات، ئاندىن جۇڭگوغا كىلىپ بىر ياۋرۇغا 10 تال مىۋە سېتىۋېلىپ، جۇڭگولۇقنىڭ بىرتال مىۋېسىنى قايتۇرۇپ بەرسەك يەنە 9 تال مىۋېگە ئېرىشىسەن، بۇ 9 تال مىۋېنى يەنە ياۋرۇپاغائاپېرىپ 9 ياۋرۇغا ساتىسەن، يەنە جۇڭگوغا قايتىپ 90 تال مىۋە سېتىۋالىسەن، بۇنى ياۋرۇپاغا ئاپېرىپ 90 ياۋرۇغا ساتىسەن، يەنە جۇڭگۇغا قايتىپ 900 تال مىۋەسەتىۋالىسەن....مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرساڭ جۇڭگودىكى ياخشى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋالالايسەن » دەپتۇ. تاشقىپىلانېت ئادىمى « نەدىمى بۇنداق ياخشى ئىش بولسۇن! جۇڭگولۇقلار نېمە ئۈچۈن ئۆزلىرى ياۋروپاغا ئاپىرى پياخشى باھادا ساتمايدۇ؟ » دەپتۇ؛ يەرشارى ئادىمى « جۇڭگودا پۇقراغا قارىتىلغان بەلگۈلۈمە بەككۆپ، بەلگۈلۈمىدە 10 يۈەن خەلق پۈلى 1 ياۋرۇغا تەڭ، يەنى جۇڭڭگونىڭ10 تال مىۋېسى ياۋروپانىڭ بىرتال مىۋېسىگە تەڭ دېگەنلىك؛ چۈنكى جۇڭگو قانچىلىك بايلىق مەنبەسىنىڭ ئىسراپ بولۇشىدىن قەتئى نەزەر، پەقەت ئېكىسپورت ئارقىلىق تاشقىپېرىۋوت تېپىشنى غەلىبە دەپ قارايدۇ، شۇڭا نۆۋەتتە نۇرغۇن كىشىلەر جۇڭگوتۇۋارلىرىنى چەتئەلدە ئەرزان باھادا تۆكمە قىلىپ ساتماقتا، پەقەت پۇل تاپسىلابولدى، پۇل تاپقاندىن كېيىن يەنە داۋاملىق جۇڭگودىن مال كېرگۈزىدۇ، قائىدەمۇشۇنداق ئاددىي » دەپتۇ. تاشقى پىلانېت ئادىمى « توۋا، جۇڭگونىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى دۇنيا بۇيىچە بىرىنچىغۇ! تاشقى پېرېۋوتنى يېغىۋەرگەننىڭ نېمە رولى بولسۇن؟» يەرشارى ئادىمى « نېمە رولى بارلىقىنى بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ جۇڭگولۇقلار پەقەت پۇل خەجلەشنى خالىمايدۇ، ئەگەرجۇڭگو بۇ پۇلنى چەتئەلدە خەجلىسە، 10 تال مىۋېنىڭ پۇلىغا پەقەت بىرتال مىۋەسېتىۋالالايدۇ، بۇنى داۋاملىق ئالماشتۇرسا 0.1 تال مىۋېگە ئېرىشىدۇ، يەنە داۋاملىقئالماشتۇرسا 0.01 تال مىۋېگە ئېرىشىدۇ......قانچە كۆپ ئالماشتۇرسا شۇنچەنامراتلىشىدۇ، ئەگەر جۇڭگو بۇ پۇلنى دۆلەت ئىچىدە خەجلىسە چۇقۇم خەلق پۇلىغائالماشتۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مىۋە چەتئەلگە چىقىپ كېتىپ، قەغەزپۇل جۇڭگودا كۆپۈيۈپ،پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ ». تاشقى پىلانېت ئادىمى « قارىغانداجۇڭگو تاشقى پېرېۋوتىنى ئۆزى خەجلەشكە كۆزى قىيماي، چەتئەلگە بېرىدىكەن، چەتئەللىك بۇ پۇلغا يەنە جۇڭگودىن مىۋە سېتىۋالىدىكەن-دە! » يەرشارى ئادىمى « جۇڭگودا ئىقتىساد بېلىدىغان ئادەم يوق، ياۋروپالىقنى تەكلىپ قىلىپ جۇڭگولۇقلارغا دەرس ئۆتكۈزىدۇ، ياۋروپالىقلارجۇڭگونىڭ پېرېۋوت ئەھۋالى چوڭ ياخشى دەپ ماختاپ ئۇچۇرۇش بىلەن بىرگە < ئەگەر خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرمىساڭلار يېزا ئىگىلىكنى نەسباسىدۇ، دېھقانلار چىقىش يولى تاپالمايدۇ > دەپ ئەسكەرتىدۇ، قىزىقارلىقى بارلىق جۇڭگولۇقنىڭ ئەشۇ ياۋروپالىقنىڭ گېپىنى ئاڭلاۋاتقىنى » تاشقى پىلانېت ئادىمى « جۇڭگولۇقلارنىڭ بارغانسېرى نامراتلىشىپ كەتكىنىگە ھەيران قالمىسا بولغۇدەك، ياخشى نەرسىنىڭ ھەممىسىنى چەتئەلگە ئېكىسپورت قىلىپ، تاشقى پېرېۋوتقا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن، 10 يۈەنلىك نەرسىنى 1 دوللار تاشقى پېرېۋوتقا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل بەككۆپ ئىكەن!؛بۇنىڭدىن جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ يىغلاي دېسىمۇ يىغلىيالمايدېغان بىمەنىلىكنى كۆرىۋالغىلى بولۇدىكەن، جۇڭگونىڭ تاشقى پېرېۋوتى قانچە ئاشسا، پۇقرالارنى شۇنچەنەسبېسىپتۇ، ئەگەر جۇڭگو ئېكىسپورت قىلماي، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقائىشلەتسە، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋېيەسى يوقۇرى كۆتۈرۈلىپ، قۇتقۇزۇش بېرىشنىڭ زۈرۈرېيىتى يوق ئىكەن، مۇنداقچە ئېيىتقاندا، ئەگەر جۇڭگو ئېكىسپورت تۇۋارلىرىنى چەتئەلگە بىكارنىڭ ئورنىدا سېتىپ، دوللارغا ئالماشتۇرمىسا، دۆلەت ئىچىدە قەغەزپۇلنى ئازراق تارقاتسا، پۇلنىڭ قىممىتى ئېشىپ، پۇقرالارنىڭ زىيىنى ئازراق بولاركەنتۇق» بىراق ھازىر، ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتنى چەتئەلگە زىيىنىغا سېتىپ، تاپقان دوللارغا چەتئەلنىڭ زايۇمىنى سېتىۋېلىپ، دۆلەت ئىچىدە كۆپلەپ قەغەزپۇل تارقىتىپ، پۇلنىڭ كۇرسى چۈشۈپ « كېرەكسىزقەغەز » گە ئالانغىلىۋاتىدۇ. ناۋادا مال باھاسى شىددەت بىلەن ئاشسا، پۇقرالارنىڭ زىيان تارتىدىغىنى پەقەت ئېكېسپورت تۇۋارلىرى بولۇپلا قالماي بەلكى قولۇدىكى بايلىقىنىڭمۇ قىممىتى چۈشۈپ زىيانغا ئۇچرىشىدۇر. ئامېرىكىنىڭ ئەھۋالى دەل جۇڭگونىڭ ئەكسىچە، ئامېرىكا بازىرىدىكى پۇل جۇڭگوغا ئېقىپ، جۇڭگونىڭ تۇۋارلىرى ئامېرىكىغاكېرگەچكە، بازاردىكى پۇل ئازلاپ تۇۋار كۆپۈيۈپ، مال باھاسى تۆۋەنلەپ، ئامېرىكاپۇقرالىرىنىڭ قۇلىدىكى پۇلنىڭ سېتىۋېلىش قىممىتىنى ئاشۇرغان. ئۇندىن باشقاجۇڭگونىڭ ئامېرىكا زايۇمىنى سېتىۋېلىشى ( ئامېرىكىنىڭ بۇ پۇلنى قاچان قايتۇرۇشى ئېنىق بولمىسىمۇ )، جۇڭگونىڭ دوللىرى يەنە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكىگە قايتىپكەلگەن، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى بۇ پۇل ئارقىلىق مال باھاسىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىپ، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ قولىدىكى پۇلنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىنى ئاشۇرغان. ئەگەر جۇڭگو ۋە ئامېرىكاپۇقرالىرىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلىغېنىمىزدا، شۇنەرسە ئېنىقكى، جۇڭگو پۇقرالىرى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتنى ئامېرىكا پۇقرالىرى دوللار ئارقىلىق سېتىۋالغان،دوللارنى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئېپقېلىپ، پۇقرالىرىغا قىممىتى يوق قەغەزپۇل تارقاتقان. ئامېرىكا پۇقرالىرى تۇۋارغا ئېرىشىپ،جۇڭگو ھۆكۈمىتى دوللارغا ئېرىشكەن، بىراق جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ئېرىشكىنى قىممىتى چۈشكەن خەلق پۇلى بولغان، نەتىجىدە ئامېرىكا جۇڭگوغا دوللار بېسىپ بەرسە، جۇڭگوپۇقرالارغا قىممىتى چۈشكەن قەغەزپۇل بېسىپ بەرگەن؛ ئامېرىكا بۇ پۇلغا پۇقرالارئۈچۈن تۇۋارغا ئالماشتۇرسا، جۇڭگو ئەكسىچە قىممىتى يوق پۇل ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ قولىدىكى تۇۋارغا ئالماشتۇرغان. بۇنىڭدىكى ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە، پۇلنى كۆپلەپ تارقىتىش بىلەن تۇۋار قىممىتىنىڭ ئايرىۋېتىلىشى؛ يېڭى كۆپەيگەن تۇۋارلار ئامېرىكاقاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىگە ئاقسا، يېڭى كۆپەيگەن پۇل جۇڭگو بازىرىغا ئېقىپ، پۇقرالارنىڭ قولىدىكى پۇلنىڭ قىممىتى تۆۋەنلىگەن. مانىبۇ ئامېرىكىدىكى يوقۇرى كېرىم تۆۋەن مال باھاسى ۋە جۇڭگونىڭ تۆۋەن كېرىم يوقۇرى مال باھاسىنىڭ سېرى.
|