- تىزىملاتقان
- 2011-8-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 10669
- نادىر
- 0
- يازما
- 549
ئۆسۈش
  1.67%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dilnaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-7 20:59
bagdowlat يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 19:23 
مىللەتنى تۇنۇتىمىز دەيدىكەنمىز، ئۇسۇلچى دارۋاز، ناخش ...
ئەل بىلەن ، يەل بىلەن دېگەن ماقالنى بىلىدىغانسىز .بىز ئەل بىلەن ئارىلىشىپ ئوتۇشنى خالايمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن خوشنىلىرىمىز بىزنى تونۇشى ، بىزمۇ خوشنىلىرىمىزنى تونۇشىمىز لازىم . يەر شارىدا سىزنى ھېچكىم تونۇمىسا ،ھېچكىم بىلەن ئالاقە قىلمىسىڭىز ،سىزنى ھېچكىم بىلمىسە نام -نىشانسىزلا يوقاپ كەتسىڭىز ھاياتلىقنىڭ نېمە لەززىتى ! . شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ھەر بىر ئۇيغۇر بولغۇچىنىڭ ئۆزىنى دۇنياغا تونۇتۇش مەسئۇليىتى بار .بۇنىڭ ئۈچۈن بىزمۇ دۇنياغا يۇزلىنىپ ، ئۆزىمىزنى تەرەقى قىلدۇرۇپ ، ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقىنى دۇنياغا ھېس قىلدرۇايلى !
پەن -تېخنىكىنىڭ تەرەقىياتىغا ئەگىشىپ ،يەر شارى كىچىككىنە يەر شارى كەنتىگە ئايلىنىش ئالدىدا تۇرۇدۇ .بىز شۇ كىچىككىنە يەر شارى كەنتىدە تۇرۇپ ، كەنتتىن چىقىشنىغۇ ئويلاشماي تۇرايلى ، ھەتتا ئۇگىمىزدىنمۇ چىقماي ،بۇنى ۋەتەننى ، مىللەتنى سويۇشنىڭ بەلگىسى قىلىۋالساق ،ئەلۋەتتە نادانىلىق بولىدۇ-دە .
تېما ئىگىسى چەتئەلگە چىقىپ ، ئانا يۇرتىنى ئۇنتۇپ قالماي ، يەنىلا بىز ئۈچۈن قەلەم تەۋرىتىپ ئولتۇرۇپتۇ .ئۇلار چەتئەللەردە تۇرۇپ ، بىز ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ بېرىدىغانلىغىغا ئىشىنىمىز ، ئەلۋەتتە . ئۇلار بىزگە چەتئەلنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنى ، پەن -تېخنىكىلىرىنى ، .............يەنە شۇنداقلا نۇرغۇن -نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىتىدۇ ،شۇنداقلا ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق ئىنگلىز تىلىدا يازما يېزىپ ، بىزنى تەشۋىق قىلىدىغانلىغىغىمۇ ئىشىنىمىز .
ئەلۋەتتە ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزىمىزنىڭ سەنئىتىمىز ئارقىلىقلا ئۆزىمىزنى دۇنياغا تونۇتۇش بىلەن كۇپايىلىنىپ قالماي ، يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشىمىز، تىرىشىپ ئۆگىنىپ ، يېڭىلىقلار، كەشپىياتلار بەدىلىگە ئۆزىيمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىزنى دۇنياغا بىلدۇرىشىمىز كېرەك . مانا بۇ بىزنىڭ مەجبۇريىتىمىز ،مەسئۇليىتىمىز . |
|