مەن خوتۇن كىشى بولمىسام!
رەجەپ
ئەتىگەندە ئاغىنەمنىڭ دۇكىنىدا ئاغىنەم بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتىم. قوشنا دۇكاندىكى خوجايىننىڭ ئوغلى شوخلۇق بىلەن يۈگۈرۈپ كىرىپ، بىردە دۇكاندىكى يەيدىغان نەرسىلەرگە قاراپ بىردە بىزگە قاراپ بەك ئوماقلىشىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا بىر تال كەمپۈت ئېلىپ بەرگەچ، چىرايلىق زەڭگەر كۆزلىرى ۋە سارغۇچ چاچلىرىغا زوقۇم كېلىپ گەپكە سېلىپ باقماقچى بولدۇم:
-يېشىڭنى بىلمەيسەن ھەقىچان، شۇنداقمۇ؟
- بىلىمەن، (ئۇ ئالقانلىرىنى ئېچىپ، بارماقلىرىنى قايرىپ ساناپ يۈرۈپ 4نى بىلدۈردى)
- ھاھاھا، ئاللاھ سېنى ئىككى دۇنيا ئەزىز قىلسۇن! ئەتىگەندە ناماز ئوقۇدۇڭمۇ داداڭ بىلەن؟
- ھە، 10غا كىرگەندە ئوقۇيدىكەنسەندە ئەمسە!
- ياق، مەن خوتۇن كىشى بولمىسام!
ئاللا ئاللا، بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھېچ نېمىنى چۈشىنەلمەي ئاغىنەمگە قارىدىم، ئۇ كۈلۈپ كېتىپ:
-كىچىك بالا دېگەن ھەممىگە دېققەت قىلىدىكەن، ئۆيىدە پەقەت ئاپىسىلا ناماز ئوقۇيدۇ، ئەركىنكام ناماز ئوقۇمايدۇ، شۇڭا نامازنى ئايال كىشىلا ئوقۇيدۇ دەپ ئويلاپ قالغان گەپ.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ نېمە دېيىشىمنى بىلەلمىدىم. تۇرپاندا تۇرغان ۋاقىتلار ئېسىمگە كېلىپ قالدى. بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ياتىقىمدا ناماز ئوقۇۋاتسام كەينى دېرىزىدىن بىرقانچە كىچىك ئوقۇغۇچىلار مېنى ماراپ كۆرۈپ قېلىپ "توۋا، ما مۇئەللىم ياپ ياش تۇرۇپ ناماز ئوقۇيدىكىنە "دەپ كۈلىشىپ، يۈگىرشىپ ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى.…
مانا بۇلار بىزدىكى پاجىئەلەر.
بالىلىرىمىزنى ئوبدان تەربىيلەيلى قېرىنداشلار