- تىزىملاتقان
- 2013-3-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3088
- نادىر
- 0
- يازما
- 411
ئۆسۈش
36.27%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sutapanqisi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-6 21:29
مەن ئاران ساۋادىم چىققان بىر قارا تۈرۈك دىھقان ئوغلىمەن. بۇرۇن زىيالى دىسە ھەيرانلىق بىلەن باشقىلاردىن سورايتتىم ، ئۇلار چۈشەندۈرۈپ ، كۈپ ئوقۇغان،بىلىملىك ،تەپەككۈرى ئوچۇق،خەلىق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىدىغان ،ئۇلارغا باشلامچى بولالايدىغان ،خەلىقنىڭ دەرت -ھالىغا يىتىدىغان كىشىلەرنى زىيالى دەيمىز دىگەن ئىدى. شۇڭلاشقىمۇ قەلبىمدە زىيالىلارغا باشقىچە ھۆرمىتىم قوزغالغان ئىدى.بۈگۈن يۇقارقى زىيالىلىرىمىزنىڭ، بىز دىھقانلارغا كۆڭۈل بۈلىۋاتقانلىقىغا قاراپ تولىمۇ سۆيۈندۈم
،بىراق خېلې كۆز يۈگۈرتۈپ باققان بولساممۇ ماڭا پايدىلىق بىرەر قۇرنى كۆرگەندەك ھىس قىلمىدىم،ياكى ئاتلاپ ئۆتۈپكەتتىممۇ ،ۋە ياكى سەۋېيەم چەكلىك بولغاچ چۈشۈنەلمەي قالدىممۇ بۇنى بىلمىدىم.ھەممە ئۆزى بىلگەننى چىللايدۇ دەپتىكەن كونىلار،گەرچە كۆپ ئوقۇيالمىغان بولساممۇ ، مىنىڭمۇ ئۆزەم بىلگەن پەدىگە مۆرەپ باققۇم كىلىۋاتىدۇ. دىھقانلارنىڭ ھەقىقىي باي بولىشىنى ئارزۇقىلساڭلار- ،كائىناتتىن- دۇنيادىن ،قانداقتۇر زامان-ماكان دىگەندەكلەردىن سۆز ئىچىشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق . ئۆرىپ- ئادەت، مەدىنىيەت ،جەمىيەت ،ئىجدىمائى پاراۋانلىق دىگەنلەردىن سۆز ئىچىشنىڭمۇ ئەسلا زۈرۈرىيىتى يوق دەپ قارايمەن. ئالدى بىلەن ؛‹‹ دېھقانلارنىڭ نامرات بولىشى مۇقەررەر›› دىگەن بۇتىمىنى تەھلىل قىلغىنىمىزدا ،ئاپتۇرنىڭ بۇ تىمىنى خىلى كۈچ چىقىرىپ ئەستايىدىل يىزىپ چىققانلىقىنى رۈشەن كۆرۋېلېشقا بولىدۇ.ۋە يەنە- بىر تەرەپتىن ،قانداقتۇر بىرخىل بۇرۇقتۇمۇلۇق ئىچىدەقىينىلىۋاتقانلىقىنى ،گەرچە قەلىمى جەنۇپتىن شىمالغا، شەرىقتىن غەرىپكە ئەركىن يايلىغاندەك قىلسىمۇ ئەمما، تەپەككۈرىنىڭ مەلۇم بىرخىل كۈچنىڭ ۋەھىمىسىدە ئۆز كۆزقارىشىنى ئەينەن-ئوچۇق يورۇتۇپ بىرەلمەيۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىشقا تامامەن بولىدۇ.شۇ سەۋەپتىنمىكىن مەزكۇر تىمىنى ئوقۇپ ئۆزۈممۇ بىرخىل ئىچىم سىقىلغاندەك ھىسقىلدىم.شۇنىڭغا قارىغاندا،مىڭبىر جاپادا ئوقۇپ زىيالى بولغۇچە دىھقان بولغان ياخشىكەن دەپمۇ قالىمەن بەزىدە. چۈنكى ؛ بۇ بۇرۇقتۇمۇلۇقنىڭ مەنبەسى قورقوش، قورقۇشنىڭ مەنبەسى ئايرىلىپ قېلىش، ئايرىلىپ قېلىشنىڭ مەنبەسى ۋەھىمە ، ۋەھىمىنىڭ مەنبەسى ئىمانسىزلىق،،،،بىچارە دىھقانلاردا قالغىنى پەقەت ،ھەرھالدا يامغۇر ئۆتمىگىدەك بىر- ئىككى ئىغىزلىق ئۆيدىن باشقا ،ئىسىق جانلا قالدى....< ئالدىنقى يىلدىن ئاشقان قەرىزمۇ بار بەلكىم>
نەخ گەپكە كەلسەك؛ كۆپچىلىك ھەممەيلەنگە مەلۇم ،ئەمەلىيەتتە دىھقانلارنى ھاللىق سەۋېيەگە يەتكۈزۈش ئۇنچىۋالا قىيىن ئىشمۇ ئەمەس،ھەم باش قاتۇرۇپ مۇلاھىزە قىلغۇدەك مۇرەككەپ مەسىلىمۇ ئەمەس،پەقەت، يەرلىك زومىگەرلەر تۆۋەندىكى بىرقانچە تۈرلۈك ئەيىپىنى تۈزەتسىلا بىز ناھايىتى تىزلا كۈننىڭ سىرىقىنى كۆرەلەيتتۇق.
1- يەرلىك زۇمىگەرلەر ھاشار تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى. ياكى ھاشار چاپقانلارغا شۇيەرنىڭ ئەمگەك كۈچى باھاسى بۇيىنچە رازى بولغۇدەك پۇل بىرىش.ياكى بولمىسا ئۆستەڭنى ھەقسىز چاپقاندىكىن سۇنى ھەقسىز بىرىشى كىرەك.
2- دىھقانلاردىن شەكلى ئۆزگەر گەن غەيرى رەسمي ھەقلەرنى ئالماسلىق كىرەك.چۈنكى دىھقانلار ئەزەلدىن دىھقانچىلىق بىجىنى تولوق تاپشۇرىۋاتىدۇ‹‹گەرچە قەرىز بولسىمۇ››. ئەگەر ئىلىشقا توغرا كەلسە مەركەزدىن قىزىل تامغۇلۇق ھۆججەت چۈشۈرۈپ جوڭگۇ بويىنچە پۈتۈن دىھقانلاردىن بىر تۇتاش ئوخشاش ھەق ئىلىشى ،ئادىل مۇئامىلە قىلىشى كىرەك.
3- دىھقانلارنىڭ يىرىنى تەجىربە ئىتىزى قىلىۋالماسلىق كىرەك ،ھۆددىگە ئالغان يەرلەرگە دىھقانلار ئۆزلىرى نىمە خالىسا شۇنى تېرېيالىشى كىرەك.
چۈنكى ئۇلارنىڭ باشقىلارغا مەخسۇس پاختا تىرىپ بىرىشقا قەرزى يوق.دىھقانلار ئۆزىنىڭ ئەمەلىي شارائىتىغا ئاساسەن ،خالىسا جۈسەي،خالىسا جاڭدۇ،خالىسا شاڭجاۋ،خالىسا خاڭگا تىرىشقا ھوقوقلۇق.بەزى قۇرغاق يەرلەر ئىختىزادى زىرا ئەت تىرىشقا تولىمۇ ماس كىلىدۇ،مەسىلەن زاراڭزا چىچىگى دىگەندەك، ئۇنىڭ بىر كىلوسىنىڭ باھاسى پاختا باھاسىنىڭ نەچچە ئون ھەسسىسىگە توغرا كىلىدۇ.
4-دىھقانلارنىڭ بازار ئەركىنلىگىنى مونىپول قىلۋالماسلىق كىرەك. ئاق كۆڭۈل دىھقانلارنىڭ مىڭبىر جاپالاردا قان-تەر بەدىلىگە كەلگەن مەھ سۇلاتىنى كىمگە خالىسا شۇنىڭغا،كىم مۇۋاپىق ياخشى باھا قويسا شۇنىڭغا سىتىش ھوقوقىي بولىدۇ.بۇنىڭغا پەسەندىلەرچە ئارىلىشىۋالماسلىق كىرەك.
5- دىھقانلار نى كىچىسى ئۇخلاتماي ئامانلىق قوغداش نامىدا كىچىچە يول چارلاشقا،ياتاق بىقىشقا،دەرۋازا قىقىشقا ئوغۇر تۇتۇشقا مەجبۇرلىماسلىقى كىرەك. بۇ ئۇلارنىڭ خىزمىتى ياكى مەجبۇرىيىتى ئەمەس.دىھقانلار دەۋلەتكە باج تاپشۇرغان ئىكەن دەۋلەتنىڭ ئۇلارنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. ئامانلىق خىزمىتىنى ئامانلىق ساقلاش كادىرلىرى ئۆزلىرى قىلىشى،يىتىشەلمىسە خزمەتچى خادىم ياللىشى كىرەك.
6-دىھقانلار يەر ئاز بولوش تۈپەيلى چارۋاچىلىق قىلىدۇ، سارىس كىسىلى تۈگىگىلى 10 نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ،شۇ ۋەزىيەتتە ئىجات قىلىنغان ۋاكسىنا ئەملەش پۇلىنى ھازىر غىچە تۆلەۋاتىدۇ، ئىچىكىرى ئۆلكىلەردە بولسا قۇش زۇكۇمى چىققاندىن بۇيان چارۋالارغا
ھەقسىز ۋاكسىنا ئەملەۋاتىدۇ.پۇل ئالسىمۇ مەيلى،بىراق بەزى ۋاكسىنىغا زاۋۇت باھاسىدىن نەچچە ئون ھەسسە ئارتۇق پۇل ئىلىۋاتىدۇ.شەھەرلەردە خىلى كۆپ ئائىلىلەر تۇرمۇش ئىھتىياجى يوق شارائىتتىمۇ ئىت بىقىۋاتىدۇ، بىراق ئۇلار پۇل تۆلىمەيدۇ.
7-دىھقانلارنىڭ باغلىرى ۋەيران قىلىنىۋاتىدۇ، بىرىنجى يىلى،ئانار تىكىڭلار دىسە،ئىككىنجى يىلىلا ئۇنى يۇلۇۋېتېپ چىلان تىكىڭلار دەيدۇ،ئۈچۈنجى يىلى بادام تىكىڭلار دىسە تۆتىنجى يىلى بىر ئايلىنىپ،يەنە ئانا تىكىڭلار دەيدۇ .ئاتا بوۋىلىرىدىن تەۋەرۈك قالغان چوڭقۇر يىلتىزتارتقان ئالما ،نەشپۈت،ئەنجۈر،شاپتۇل، قاتارلىق مىۋىلىك دەرەخلىرى مەجبۇرىي كىسىلىۋاتىدۇ. ئەسلى كىسىلىشكە تىگىشلىك بولغىنى ، بۇ مىۋىلەرگە ئۇزارتىلغان قارا قوللار ئىدى، ئەپسۇس ،،ئاق كۆڭۈل دىھقان لىرىمىزغاكەلگەندە پەلەكنىڭ چاقى تەتۈر چۆرگىلەپ قالدى.
----
قىنى ئىيتىپ بىقىڭلارقىرىنداشلار، يۇقارقىلاردىن قايسىسىنى يالغان،ئۇنداق ئىش يوق دىيەلەيسىلەر؟ مانا مۇشۇنداق بىر قىسىم يەرلىك زومىگەرلەرنىڭ قول ئاستىدا،دەردىنى ئەيتىدىغان يەر تاپالماي ، ئۈن-تۈنسىز ئاچچىق يۇتۇپ ياشاپ كىلىۋاتقان ئاق كۆڭۈل ، قوينىڭ قوزىسىنمۇ يوۋاش دىھقانلار زادى كىمدىن ئاغرىنىشى كىرەك؟ جەمىيەتتىن ئاغرىنىش خاتا بولسا،ئۇنداقتا جەمىيەتنىڭ يول باشچىلىرى ،مىللىتىمىزنىڭ پەخېرى بولغان جەمىيەت ئەرباپلىرىدىن، مىللىتىمىزنىڭ سەركىسى بولغان زىيالىيلار قوشونىدىن ئاغرىنساتوغرا بولامدۇ يوق؟ مۇشۇ تاپتا رەھمەتلىك ئاتا بوۋام ھايات بولغان بولسا،ئۇلارنىڭ قۇچىقىغا ئۆزۈمنى تاشلاپ راسا بىر يىغلىۋالغان بولسام ھىچكىمدىن ئاغرىنمىغان بولاتتىم،،،،،،،،
|
|