- تىزىملاتقان
- 2012-7-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5367
- نادىر
- 0
- يازما
- 219
ئۆسۈش
  7.34%
|
ziya يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 14:37 
ئاۋال«پەن»نىڭ ئىنىقلىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىڭلار ...
سوقراتتىن 100نەچچە يىل بۇرۇنلا پەلسەپە بارلىققا كەلگەن ۋە مۇنازىرىلەر كەسكىن بولغان،ئاساسلىق تېمىسى:
1.كائىناتنىڭ مەنبىيى
2.دۇنيانىڭ تۈزۈلىشى
3.مەخلۇقاتلار نېمىشقا مەۋجۇت
سوقراتتىن بۇرۇنقى پەيلاسوپلاردىن
بىرىنچىسى تېلىس،مىلادىدىن بۇرۇنقى 6-ئەسىردە ياشىغان،نۇرغۇن ئەللەرنى كەزگەن.مىسىرغا بارغاندا ئۆزىنىڭ سايىسى ۋە بوي ئېگىزلىكىنىڭ نىسبىتىدىن پايدىلىنىپ ئەلئېھرامنىڭ ئېگىزلىكىنى ھېسابلىغان.
تېلىس جاھاندىكى مەخلۇقاتلارنىڭ مەنبىيى سۇ دەپ قارايدۇ.
ئىككىنچىسى،ئاناقىسمەند
ئۇ دۇنيا سانسىزلىغان نامسىز،چىگرىسىز نامەلۇم ماددىدىن تۈزۈلگەن دەپ قارىغان(مەلۇم بىر ماددىدىن ئەمەس)
ئۈچىنچىسى، ئاناقىسمەنى
ئالەمنىڭ مەنبىيى گاز(ھاۋا)،ھاۋا يەنە تۇپراق،ئوت،شامال،بۇلۇت،تاشنىڭ مەنبىيى،دەپ قارىغان.
بۇ ئۈچ پەيلاسوپ شۈبھىسىزكى(دۇنيانى)تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق شەيئىلەر چۇقۇم بىرخىل ئاساسى ماددىدىن تۈزۈلگەن،دەپ قارىغان.
ئىمپىدوكېل تۆت تادۇنى ئوتتۇرىغا قويغان. تۇپراق،ئوت،ھاۋا،سۇ
ئۇلار ھەرىكەتلىنىش جەريانىدا ئوخشىمىغان نىسبەتتە بىرىكىپ دۇنيادىكى ھەرخىل ماددىلارنى تۈزىدۇ،دەپ قارىغان. ئۇ ھېراكلىتنىڭ بارلىق شەيئىلەر ئاقما ھالەتتە دېگەن قارىشىنى قوللايدۇ.
دىمۇكرىت:ئاتومنى ئوتتۇرىغا قويغان،ئاتوم-قاتتىق،چەكسىز،شەكلى ھەرخىل بولغان مەڭگۈلۈك ماددا،دەپ قارىغان.
ئىمپىدوكېل تۆت تادۇنىڭ بېرىكىش ۋە ئايرىلىش سەۋەبىنى مۇنداق ئىزاھلىغان: بۇ تۆت تادۇ(فىزىس) مۇھەببەت سەۋەبلىك بىرىكىدۇ،نەپرەت سەۋەبلىك ئايرىلىدۇ.
سوقراتقا كەلگەندە سوقرات ئاساسلىقى«ئادەمنىڭ بەختى نېمە؟بىلىم دېگەن نېمە؟»دېگەنلەر ئۈستىدە جاۋاب ئىزدىگەن. |
|