ناخشا ئىيتىپ مېڭىش
ئادىلجان ھەسەن (ھېكايە)
ھەركۈنى سەھەر دەرۋازىدىن چىقىپ خۇددى بىر كۈن بۇرۇن كېلىشىۋالغاندەك ئۇنىڭ بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالىمەن . ئۇ غىڭشىپ ئېيتىپ كېلىۋاتقان ناخشىسىنى توختۇتۇپ مەن بىلەن قىزغىن ئەھۋاللىشىدۇ . ئۇنىڭ ئوتۇندەك قاتتىق ھەم يىرىك قوللىرى مېنىڭ پاختىدەك يۇمشاق قولۇم بىلەن ئۇچراشقىنىدا ، ئىككىمىز ئوتتۇرىدىكى پەرىقنىڭ قانچىلىك چوڭلىقىنى ھېس قىلىمەن . ئۇنىڭ ئەتىياز ئاپتىپىدەك ئىللىق چىھرى بىلەن مېنىڭ بۇلۇتلانغان چىھرىم بىر – بىرىگە تىكىلگەندە ئىككىمىزنىڭ مەنىۋىيەت ساپارىمىزدىكى پەرىقنىڭ قانچىلىك چوڭ ئىكەنلىكىنى سېلىشتۇرۇپ قالىمەن . دېمەك ئۇ ماڭا قەدىناس دوستتەك مۇئامىلە قىلىدۇ . ئەمما مەن ئۇنىڭ تەر پۇراپ تۇرغان ۋۇجۇدىدىن يىرگەنگەندەك بولۇپ ، تەشەببۇسكار بۇ ئىنسانغا نىسبەتەن زەرىچە بولسىمۇ دوستلۇق مىھرى يەتكۈزەلمەيمەن . مەنچە بولسا ئۇ ماڭا ئوخشاش يۇمشاق قول ، سالاپەتلىك ، بىر يەرگە باشلاپ بارسام سورۇندارچىلىقى بار . سالاپەتلىك كىيىنىپ يۈرۈشى لازىم ئىدى . بىراق ئۇنىڭدا مەن كۈتكەن شەرتلەرنىڭ بىرىمۇ يوق ئىدى . ئەمما ئۇ مەن باشتا دېگەندەك ھەركۈنى ئەتىگەن كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن مەندىن ئاسمان – زېمىن پەرىقلىق ھالدا مەن بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالىدۇ . شۇ چاغدا مەندە « بۇنىڭ بۇنچە خۇشال ماڭغىنىغا قارىغاندا ئىشلەۋتقان يېرىدە پۇلنى چېلەكلەپ ئۆسۈۋاتقان ئوخشايدۇ – دە » دەپ ئويلاپ قالىمەن . ھەي ! دەيمەن يەنە « تەڭشەلمىگەن جاھاندە بۇ، بەزى ئادەملەرگە پۇلنى بىرىدىيۇ ، خەجلەيدىغان يەرگە كەلگەندە سىقىپ سۈيىنى يالايدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ . بەزىلەرگە پۇل تۈزۈكىرەك كىرمەيدىيۇ ، خەجلەشكە ئامراق قىلىپ قويىدۇ » ئۆز خىيالىمدىن ئۆزۈم يەكۈن چىقىرىپ ، ئۇنىڭغا قارىتا خىلمۇخىل باھالارنى بېرىپ ، ئۇنىڭ مەن بىلەن يانمۇ – يان خېلى بىر يەرگە بارغۇچە بىرگە ماڭغان چاغدىكى گەپ سۆزلىرى غىڭشىپ ئېيىتقان ناخشىلىرى قۇلىقىمغا كىرمەيدۇ . نېمىشقىكىن ئۇنىڭ نەدە ئىشلەۋاتقانلىقىنى ، قانچىلىك پۇل تاپىدىغانلىقىنى سوراشقا ھەرگىز تىلىم بارمايدۇ . شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ مەندىن :
_ ئاداش ، ئايدا نەچچىلىك مائاش ئالىسىز ؟ _ دەپ سوراپ قالدى . ئۇنىڭ بۇ سوئالىغا جاۋاب بەرگىم بولمىسىمۇ ، ئادىمىگەرچىلىك يۈززىسىدىن دەپ بېرىشكە مەجبۇر بولدۇم . _ پاھ ! دەۋەتتى ئۇ پېشانىسىگە بىرنى ئۇرۇپ بىزنىڭ بەش ئايدا ئىشلەپ تاپقان پۇلىمىزنى سىز بىر ئايدىلا ئالىدىكەنسىز ، نېمىدىگەن ياخشى . مەن ئۇنىڭ سۆزىدىن ھەيران قالدىم . پەقەت ئايدا بېرىدىغان يەتتە يۈز يۈەن پۇلغا شۇنچە خۇشال ئىشقا ماڭغان ئادەم مەندەك پۇل ئالسا ناغرا – سۇناي چالغۇزۇپ ماڭامدۇ نېمە بۇ ؟ دېگەن خىيالغا كېلىپ قالدىم . ئارقىدىن « ياق . ئادەمنى كولدۇرلىتىۋاتىدۇ . ھازىرغۇ بەزى ئادەملەر يالغان گەپ تاپالمىغاندا راست سۆزلىمىسە ، ھەممىسى بىر – بىرسىنى قويىمەن دەۋاتقان » دېگەن ئوي بىلەن ئۇنىڭغا رەنجىش ئىپادىسى بىلەن تەنەددى قىلدىم . _ راست ھازىرقى ئادەملەر بىر _ بىرىگە ئىشەنمەس بولۇپ كەتتى . شۇڭىمۇ ئۆزىنى بەخىتلىك ھېس قىلالمايدۇ . مەنمۇ ھەركۈنى سىزنىڭ ھالىتىڭىزگە قاراپ تۆۋەن ئىش ھەققى ئالغاچقا ئىشقا بوينىنى باغلىغاندەك ماڭىدىكەندە دەپ ئويلىغان ئەسلىدە سىزدە شۈكرى – قانائەت دەيدىغان نەرسە كەمچىل ئىكەندە ، بوپتۇ ئەتە سىزگە دەم ئېلىش ، ئەمما بىزگە دەم ئېلىش يوق . شۇڭا ئوقۇغۇچىلىرىڭىزغا تەربىيە قىلغۇدەك ماتىرىيال چىقىپ قالار دېسىڭىز مەن ئىشلەۋاتقان ئورۇنغا بېرىپ كۆرۈپ بېقىڭ . مەن ئۇنىڭ ئىلتىماسىغا قىزىقىپ قالدىم . ئەتىسى ئۇ مېنى ناھىيىمىزدە خېلىلا ئىناۋىتى بار بىر ئۇن زاۋۇدىغا باشلاپ باردى . خوجايىن مەن تېخى ئىسمىنىمۇ سوراپ باقمىغان ھەمرايىمنىڭ دەرۋازىدىن كىرىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ : _ ھە ، سەمەت كەلدىڭمۇ ، ياخشى تۇردۇڭمۇ دېگىنىچە كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن نەچچە كۈن كۆرۈشمىگەندەك ئىككى قوللاپ كۆرۈشۈپ كەتتى . ئاندىن ماڭا قاراپ بۇ ياق ئاغىنەڭكەندە كەلگىنى ياخشى بوپتۇ . بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئىشچىلار دەم ئالىدۇ . سەنمۇ ھەم شۇ ، يەنە تېخى مۇئاشىڭلارنى بىرىمەن دېدى. يەنە بىر خۇش خەۋەر ساڭا يەنە ئۈچ يۈز يۈەن قوشۇپ مۇئاشىڭنى مىڭ يۈەنگە چىقاردىم دېدى . سەمەت ماڭا لاپپىدە بىر قارىۋەتتىدە : _ ئاداش ئالدىڭ ئوچۇق خىسلەتلىك ئادەممۇ نېمە سەن بۇندىن كېيىن كۈندە باشلاپ كەلسەم بولغۇدەك ، دەپ چاقچاق قىلغاچ ، ئىش كىيىمىنى ھەربىيلەردەك شۇنچە چەبدەس كىيدىدە . تاراقلاپ تارتىلىۋاتقان ئۇنلارنى خالتىغا شۇنچە ماھىرلىق بىلەن قاچىلاپ ھەمدە ئاغزىنى تىكىپ رەتلىك قىلىپ بېسىشقا كىرىشتى . مەن ئورۇندۇقتا ئولتۇرىمەن . قەلبىمدە كەچمىگەن خىياللار كېچىدۇ . ئاستىمدا يۇمشاق ئورۇندۇق ، تۈگىمەس غەيۋەت بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈش ، تەشكىل ئازراق جىسمانى ئەمگەككە بۇيرىسا ۋايساش ، ھەر تەرەپتىن كاپالەتكە ئىگە بولساممۇ يەنە رازى بولماسلىق ، چۈشكۈنلۈك ، كۈن قاچان كەچ بولسا دەپ زارىقىش ، دەم ئېلىش بولۇپ قالسا ئەھمىيىتى يوق سورۇن ، مەززىسى يوق ئويۇنلار بىلەن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىش ، باشلىقنى سېسىتىش ، ھېچنىمىگە قانائەت قىلماسلىق ، ئاخىرىدا تېخىمۇ لاقۋالىشىش قاتارلىق بىر قاتار ئىشلار قىسىملىق فىلىملەردەك بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى كۆز ئالدىمدىن تىزىلىپ ئۆتۈپ ئۆزۈمدىن تولىمۇ نومۇس قىلىپ كەتتىم . شۇ چاغدا دانىشمەن كۇڭزىنىڭ « ئىش خۇشياقماس ، بىكار تەلەپ ، ھۇرۇن ئادەملەرنى ئەيۋەشكە كەلتۈرمەك بەكمۇ تەس ، بەكمۇ تەس » دېگەن سۆزى يادىمغا كېلىپ قالدى . بۇ سۆز مېنىڭ ئۆتۈۋاتقان دەرىسىمدە بار ئىدى . مەن بۇنى پەقەت رەسمىيەت يۈززىسىدىن ئۆتۈپ قويغۇنۇمدىن بەكمۇ ئۆكۈندۈم . _ ئىش تۈگىدى ئاداش دېگەن سۆزدىن خىيالىم ئۈزۈلدى . ئالدىمدا سەمەت يۈزى قىزارغان ، چېككىسىدىن مۇنچاقتەك تەر ئاققان ھالەتتە كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى . بايامقى مەن كۆرگەن بوشلۇققا ئۆيدەك ئۇن خالتىسى چېدىرسىمان تىزىلغانىدى . ئۇ ئىش كىيىمىنى ئالماشتۇرغىچە خوجايىن مىڭ يۈەن پۇلنى ساناپ سەمەتكە تۇتقۇزدى . ئارقىدىن ئۇنىڭ ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي : _ بۇ پۇلغا ئاغىنەڭنى مەن ئۈچۈن مېھمان قىلىپ قوي . ياخشى ئادەمدەك قىلىدۇ دەپ يۈز يۈەن پۇل تۇتقۇزۇپ قويدى . بۇ ئىشلاردىن ئۇنىڭ خوجايىن ئالدىدىمۇ قەدىرلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم . شۇ كۈنى مەن كېچىچە تۈزۈك ئۇخلىيالمىدىم . كۆز ئالدىمدىن سەمەتنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھى ، نۇرانە چىرايى زادىلا نېرى كەتمىدى . ئۆزۈم بىلەن ئۇنى ئۇزاق سېلىشتۇردۇم . ئەتىسى شۇنچە روھلۇق قوپۇپتىمەن . مېنىڭ بۇ ھالىتىمدىن ئۆيدىكىلەرمۇ ھاڭ – تاڭ قاپتۇ . تالادا بىر نېمەم قېلىپ قالغاندەك ئالدىراپ ناشتا قىلدىمدە دەرۋازا ئالدىغا چىقتىم . سەمەت غىڭشىپ ئېيتىپ كېلىۋاتقان ناخشىسىنى توختۇتۇپ مەن بىلەن كۆرۈشتى . ئىككىمىز غىڭشىپ ناخشا ئېيىتقاچ ، مەنزىلىمىزگە قاراپ يول ئالدۇق .
ئاپتۇر : مۇڭغۇلكۈرە ناھىيىلىك ئاقىللار مەكتىپىدىن ئادىلجان ھەسەن
|