- تىزىملاتقان
- 2013-10-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-2-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 931
- نادىر
- 0
- يازما
- 36
ئۆسۈش
86.2%
|
مانداق لەقەملەرمۇ بار
ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار
مەن ئالدىنقى تىمامدا«مانداقمۇ يەرناملىرى بار»بەزى ئۇنتۇلۇشقا يۈز تۇتقانيەرناملىرىنى يازغانىدىم ،قارىسام دوستلارنىڭ قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقۇرى.شۇڭا مەن بۈگۈن «ئۇيغۇر لەقەملىرى»دېگەن بۇ تىمىنى ئاچتىم،بولسا قالدى قېرىنداشلارمۇ ئۆزجەمەتەنىڭ ياكى مەھەللە تۇنۇشلىرىنىڭ «لەقەم»لىرىنىدەپ باقسا، بولسا نېمە ئۈچۈن شۇنداق لەقەم بىلەن ئاتالغانلىقىنڭ تارىخىنى بىلسە ئىنكاس شەكلىدە يزىپ قويسا دېگەن ئۈمىتتە مەن.
1.يەرجاي ناملىرىدىن كەلگەن لەقەملەر
قۇمۇل ،چىرا، ئەنجان،لەلىك،لوپلاغ،گەمە،قاراغوجا،قورول،پەرەڭ.كۇچا،قېقى،بومباي،بۇخارا،قەشقەرى.....
2.دەل-دەرەخ،ئۆسۈملۈك ناملىرىدىن كەلگەن لەقەملەر
مۇناقى،ماش،مەدەك،خۇخا(تىكەن)،چىلىگ،زىرە،پۇرچاق،ئۈجمە،لازا،سامساق،پاسار،قاراگۈل....
3.ھايۋان ناملىرىدىن كەلگەن لەقەملەر
ئەكەچ،موزاي،بويناق،ئېشەك،توشقان،توپاق،قۇمچاق(پاقا)،مايمۇن،چوشقا،چۈجە،تايلاق،ئېيىق،تېكە،قوچقار،ھاڭگى،مىش(مۈشۈك)،جاندا،مۇغا،يوغا،چاشقان.....
4.ھۈنەر-سەنئەت ناملىرىدىن كەلگەن لەقەملەر
خارەت(ياغاچچى)كالىچى،بۇياغچى،تىرىچى،سۇپۇنچى،ساتراچ،قويچى،ياغچى،دەتتىكام،بۆزچى(بۆچچى)قالۇنچى،كىگىزچى،مىسكەر،مىراب،خالۋاپ،بېدىك،رەۋەندە،سارايۋەن،......
5.قۇش ناملىرىدىن كەلگەن لەقەملەر
ھۆپۈپ،سا،توغاي،قالغاچ،سۈندۈك،كاككۇك،تۆمۈر خوراز،قاغا،.........
6.بەدەن ئەزالىرىدىنكەلگەن لەقەملەر
جىگەر،چېكە،تۆش،كاناي،قۇساق،پاچاق،قاڭشا،چوقا،پەللەك،تاپان،يوغان باش،بەز،......
7.ھاقارەت سۆزلىرىدىن كەلگەن لەقەملەر
چىچقاق،ياقىسى پوق..
8.سۈپەت سۆزلىرىدىن كەلگەن لەقەملەر
ئۇزۇن،قىران،قارىۋاش،ئاچچىق،چاۋاش،پاكا(پاكار)،سالپى،ياغلاش،بودەك،تولاش،سوقا،سىدام،خاپان،شىلاشتوڭ سويما،كۇس،ئالا مايمۇن ، قىڭى ، نەشتە ، سەتەڭ ، شىغا، چىركىن، كالا كۆز....
9.نەرسە -كېرەك ناملىرىدىن كەلگەن لەقەملەر
ھارۋا،وغا،غالتەك،ناۋات،كۇلا،غەلۋى،نەشە،ماتاڭ،ئۆتەك،ماياق،شاكال،داڭقان،كالتەك،ئەگۈنە،ياڭاق،نوگايخادا،تاماق،مونچاق،باسماق،قاپاق،داراڭگى،گومەن،زاغرا،سوك، تەلپەك،غادىراڭ،كۈمەچ،پاخال....
.10مىجەز خاراكتىرنى ئاساس قىلغان لەقەملەر
كاداڭ،يالغانچى،غېرىب،كاللىكو(دۆت)،خوررەك،تەتۈر،تاكان(بۇ نېمە مەنىسىدە؟)،گىجىڭ(تەرسا)،گىرىسەپرا،كۇرۇك،ساخۇ(دۆت)،دودەن(گەپ ئاڭلىماس)،تىك-تىك ، دەڭگىرەك،قاشاڭ.......
11.جىسمانىي ئەيىب ئاساس قىلغان لەقەملەر
كۇسا،كۆك كۆز،كۇكاچ،قورىماق،پەشتاق،پاناق،كۇدەك،دوك،تەيتاق،پاڭ.چۇلاق،
12.ئېنىقسىز سۆزلەردىن كەلگەن سۆزلەر
نەۋرەش،دۇگان،ساراچ،مۇتاق،توپپىش،سارام،تالەي،كاۋۇل،جاغال،جاۋا،كا،پىژ،رىپەك،كوت،،چا،باڭگازاماق،لەپ،ماچاق،ئاسماق،شىرىق،بوزەك،جان،ۋاتەك،غالدا،تاڭتۇر، شالدۇك،شاك،نەخ،قوداي،پەيخۇن
باشقىلار
تۇڭگان،پاخمىجان،شەيتان،ماز،ھاللاڭ،رەئىس،سوپى،پەييى،سۇنجاڭ،شەيىخ،ئەرەب،ياڭزا،بوران،جىن،قالماق،چېرىك،شاڭزۇڭ،دوغا،خەلپە،ئىشان.....
«چەرچەننىڭ تارىخى،مەدەنىيىت"ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.
______________________________________________________
قېنى دوستلار ھەممىمىز ئۆزجەمەتەنىڭ ياكى مەھەللە تۇنۇشلىرىنىڭ «لەقەم»لىرىنى
دەپ باقسا، بولسا نېمە ئۈچۈن شۇنداق لەقەم بىلەن ئاتالغانلىقىنڭ تارىخىنى
بىلسە ئىنكاس شەكلىدە يزىپ قويسا دېگەن ئۈمىتتە مەن.
|
|