- تىزىملاتقان
- 2012-10-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5183
- نادىر
- 0
- يازما
- 253
كەم ئۇچرايدىغان سەرخىل كىتاب لازىم بولسا مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ 13399983006
تۆھپىكار ئەزا
ئۆسۈش
  3.66%
|
ئىراق ئۇرۇشىدا ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى سادام قىرغىن قىلغانلارنىڭ سانىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق.
سادام ھاكىمىيەت تۇتقان مەزگىلدە سۈننى، شىئە، كۇرتتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى قاتتىق يوسۇندا بولسىمۇ بىر تەرەپ قىلدى، قويۇپ بەرسە ئىراق ۋە تۈركىيەدىكى كۇرتلار مۇستەقىللىق دەۋاسىنى كۆتىرىپ چىقىرىپ، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى تېخىمۇ قالايمىقان بولىشى تۇرغانلا گەپ.
ئەينى ۋاقىتتا سادامنىڭ ھەيكىلىنى ئۆرۈشكە قاتناشقان بىر بوۋاينىڭ كېيىن پۇشايمان قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆپىنچىڭلار ئاڭلىدىڭلار ھەقىچان. ھازىر ئىراقلىقلارنىڭ تىنچ بىركۈنى ئۆتمەيدۇ، ھېلى مەزھەپ توقۇنىشى دېگەن، ھېلى ئامرىكا تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ خالىغانچە قىرغىنچىلىقى دېگەن ئىشقىلىپ كۈندە نۇرغۇن ئىراقلىقلار ھاياتىدىن ئايرىلىۋاتىدۇ. ئانىلارنىڭ كۆزلىرىدىن ياش ئەمەس قان ئېقىۋاتىدۇ.
ئەينى چاغدا ئىراقتا قىرغىنچىلىق كۈچى زور قۇراللار بار دېگەن باھانىنى كۆتىرىپ تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ئامرىكىلىقلار ئاخىرىدا ئۇ قۇراللارنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرەلمىدى، ھەقىقىي ئۇرۇش قوزغاشتىكى مەقسىتى بولسا سادامنىڭ نىفىت سودىسىنى دوللار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىشنى توختىتىش توغرىسىدىكى چىقارغان قارارىغا قارىتا سادامنى جازالاش، ھەرگىزمۇ ئاتالمىش دۇنيا تىنچلىقى، ئىراقلىقلارنىڭ دىمكۇراتىيىسى ياكى باشقا نەرسە ئەمەس.
ساددىلارچە ئامرىكىلىقلارغا زور ئۈمىد باغلىغان ئىراقلىقلار سادام دەۋرىنى ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە سېغىنىۋاتىدۇ. ئامرىكا فاشىستلىرىغا چىش تىرنىقىغىچە ئۆچمەنلىك بىلەن قاراۋاتىدۇ. ئۆزىنىڭ ئەخمەق قىلىنغانلىقىنى، قوي تىرىسىگە ئورىنىۋالغان چىلبۆرىنى قوتانغا باشلىغانلىقىنى تونۇپ يېتىۋاتىدۇ.
ﺋﯘ ﮬﺎﺭاﻣﻠﯩﻘﻨﻰ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﯧﺘﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﺩﯗﻡ، ﺋﯘ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﻪﻱ ﻳﺎﺗﺘﻰ، ﺩﯛﻣﺒﯩﺴﯩﮕﻪ ﺩﻩﺳﺴﻪﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺋﻮﻕ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﯨﻢ، ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﮬﯧﺴﻴﺎﺗﯩﻢ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯘﻝ (cool) ﺋﯩﺪﻯ
ﺋﯩﺮاﻗﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﺎ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺮاﻗﻠﯩﻖ ﺋﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ئەسلىمىسىدىن.
|
|