- تىزىملاتقان
- 2014-1-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2281
- نادىر
- 0
- يازما
- 271
ئۆسۈش
  9.37%
|
بۇ تىمىنى ئوقۇپ ھەزىرتى ئومەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بىر رىۋايىتى ئىسىمگە كىپ قالدى-ئۇ زاتنىڭ ۋاقتىدا بىر ساھابە دائىملا ئايالى بىلەن ئويدىكى ئۇششاق ئىشلار بىلەن جىدەللىشىپ قالىدىكەن ئۇ كىشى ئاخىرى ئايالىدىن بىزار بولۇپ ئۇنى بوشاتماق ئۇچۇن ھەزىرتى ئومەردىن مەسلىھەت سوراپ ئۇنىڭ ئويىگە كەلگىنىدە ئىشىك ئالدىدىلا ھويلىنىڭ ئىچىدىن ئۇ زاتنىڭ ئايالىنىڭ ئۇ كىشىگە كايىپ سۇپۇرگىنى ئاتقان كورنىشىنى كورۇپ ئاڭلاپ قاپتۇ ۋە دەرھاللا ئارقىسىغا قاراپ ئويىگە مىڭىپتۇ شۇ ئەسنادا ئەمرىلموئمىنىن (موئمىنلەرنىڭ باشلىقى) چىقىپ قاپتۇ ۋە ئۇنى چاقىرىپ نىمىگە كەلگەنلىكىنى سوراپتۇ ئۇ كىشى مەن سورىماقچى بولغانلىقىمنىڭ جاۋابىنى ئالدىم ئەمدى بولدى دەپتۇ ،ئەمرىلموئمىنىن ئۇنىڭ گىپىنى چۇشنۇپ -ماڭغا قارا ئاياللار بىزگە بىر ئومۇر ئاللا رازىلىقى ئۇچۇن بالا تۇغۇپ بىرىدۇ ،كىر-قاتلىرمىزنى يۇيۇپ بىرىدۇ، ئاش-تاماقلىرمىزنى ئىتىدۇ ئۇنىڭدىن باشقا بىزنىڭ نۇرغۇن ھاجەتلىرمىزدىن چىقىدۇ ئۇلارنىڭ مۇشۇ خىزمەتلىرنىڭ ئالدىدا بىزگە كىچىككىنە كايىپ قويغان ۋە تەرسالىقىغا ئەرلىك غۇرۇمىزنى دەپ ئۇلارغا تىخىمۇ ئازار بەرسەك ئاللانىڭ ۋە پەيغەمبىرمىزنىڭ ئاياللارغا ياخشىلىق قىلىش توغرىسىدىكى سوزىگە ئاسىلىق قىلغان بولىمىز دەپ-رەسۇلۇللانىڭ مۇنۇ ھەدىسىنى سوزلەپ بىرىپتۇ-ئاياللار ئەگرى قوۋۇرغۇدىن يارتىلغان سەن ئۇنىڭدىن ئەگرى پىتى پايدىلانساڭ ئۇ ساڭا بىر ئومۇر خىزمەت قىلىدۇ ئەگەر ئۇنى بەك تۇزلىمەكچى بولساڭ ئۇنى سۇندۇرۋالسەن(يەنى ئائىلە بۇزىلىدۇ). |
|