- تىزىملاتقان
- 2013-9-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1504
- نادىر
- 0
- يازما
- 89
ئۆسۈش
  50.4%
|

دەل مۇشۇنداق ئاۋارىچىلىقلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئېلان بېرىدىغانلار بىلەن ئېلان يازىدىغانلار مۇنداق بىر «مەخپى كېلىشىم» ئىمزالىشىدىكەن: ئېلان بەرگۈچى ئېلان ئىشلەش ھەققى، ئېلانلارنى يازىدىغان ئورۇن ھەققى قاتارلىقلارنى تەپسىلى ھېسابلاپ، شۇ پۇلنى ئېلان ئىشلىگۈچىلەر تولۇق ئالغان، شۇ ئېلان مۇناسىۋىتى بىلەن كېلىپ چىققان ھەرقانداق ئاقىۋەتكە ئېلان بەرگۈچى مەسئۇل بولمايدىغان، ھەرقانداق مەسئۇلىيەتنى ئېلان ئىشلىگۈچى ئۈستىگە ئالىدىغان مەزمۇندا بولىدىكەن. سىز ئۆيدە يوق چېغىڭىزدا تېمىڭىزغا ئاللىقانداق ئېلان- تەشۋىقاتى پەيدا بوپ قالىدىكەن. كىم قىلدى بىلىپ بولالمايدىكەنسىز. (atella0997 دەك ئۇنداق تەلەي ھەممە ئادەمگە نىسىپ بولىۋەرمەيدۇ- دە ) كىيىن تېمىڭىزنىڭ كۆركەملىكى بۇزۇلغانغا ئاچچىقىڭىز كېلىپ، ئېلان بەرگەن ئورۇننى دەۋاغا سۆرەپ چىقسىڭىز، ئۇلار ھىلىق «مەخپى كېلىشىم»نى ئالدىڭىزغا تاشلاپ، ئېلان ئىشلىگۈچىنى ئىزدىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدىكەن. ئېلان ئىشلىگۈچىنى سۈرۈشتە قىلسىڭىز، جاھاننىڭ بىر چېتىدىكى ئىزدەپ تاپقىلىمۇ بولمىغۇدەك بىرسىنىڭ ئىسمى چىقىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن دەۋادا سىز بىئەپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالىسىزكەن.
بىزنىڭ بۇ يەردە بۇنداق ئىشتا بۇرنىغا سۇ كىرگەنلەر خېلى بار. |
|