قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 539|ئىنكاس: 4

ئىمتاھانغا غەزەپ ۋە زار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

0

دوست

406

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25484
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 108
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
ئىمتىھان سوئاللىرى تەرجىمىچىلىكىگە «غەزەپ ۋە زار»

   مىللى مائارىپ،ئىمتىھانلىرىمىزنىڭ تەدرىجى ھالدا دۆلەت مائارىپ،ئىمتىھان تەرەققىياتىغاماسلاشتۇرۇلىشىغا ئەگىشىپ،تەرجىمە ماتىريال،تەرجىمە سوئاللار مەكتەپلىرىمىزگەدەريادىكى سالدەك ئېقىپ كىرىۋاتىدۇ ۋە ھىچقانداق توسالغۇسىزلا ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ۋاقتىنى،زىھنىنى ئىگەللەۋاتىدۇ،گەرچە بۇ تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا «ش»،«ش»دىگەندەك مەخسۇس مۇشۇ ئىجادىيەت ۋە تېجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شېركەتلەرمەيدانغا كەلگەن،بىر قىسىم تۈزگەن ماتىرياللىرى ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا بەلگىلىك رول ئويناۋاتقان بولسىمۇ،لىكىن تەيارلىغان بىر قىسىم ماتىرياللىرى يەنىلا ئۆلچەمسىزتىلدا،بىر قىسىم ماتىرياللىرى نەچچە ئەسىر ئۆتكەن بولسىمۇ،يەنىلا ئۆز پېتى پەقەت چاپىنىنى يەڭگۈشلەپلا كېلىۋاتىدۇ،بىزمۇ كىتاپخانىنىڭ،مائارىپنىڭ،مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى بىلەن بۇ ماتىرياللارنى ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىپ بېرىپ،ئوقۇتىشىمىزنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئىجرا قىلىۋاتىمىز،ئەگەر مۇشۇنداق كېتىۋەرسەك مىللى مائارىپىمىز تەرەققى قىلىپ نەگە بارار دەپ قوسىغىم كۆپۈپ تۇرسام،بۇ يىل ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى رايۇنىدىن ئەكەلدۈرۈلگەن مەۋسۈملۈك ئىمتىھان سوئالى مىنى پارتىلاشقا ئېلىپ باردى.
بېلىم كۈندە يىڭىلىنىپ تۇرىۋاتقان،ئۆزلۈكسىز ئۈگۈنۈش دەۋېرنىڭ تەلىپىگە ئايلانغان ھازىرقى زاماندا، بىلىم-مەدىنىيەت بولۇپمۇ ئالدى بىلەن تىل يىزىق ئۈگەتكۈچى،تارقاتقۇچى،مائارىپنىڭ بۆشۈگى بولغان مەكتەپلەردە،ئەگەر راستىنلا مۇشۇنداق مارىس تىلىدا تەرجىمە قىلىنغان سوئاللار،ماتىرياللار،كاتتا گېرېبىللىرىنى تاقاپ،قەھرىمان گېنىراللاردەك مىڭىپ يۈرگەن بولسا،بۇ مىللى مائارىپىمىز، تىل-يىزىقىمىز ئۈچۈن ئاپەت بولۇپتۇ،چۈنكى ھازىر %99 ئادەم ساۋادىنى مەكتەپتە چىقىرىدۇ ،ئۇنىڭ  ئۈستىگە دەۋىرنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋات چىقىرىش مۇدىتى بارغانسىرى ئۇزۇراپ كېتىپ بارىدۇ.
بۇنىڭدىن كىيىن ماتىرياللار ۋە ئىمتىھان سوئاللىرى تەرجىمە سۈپتىنىڭ ياخشى بولۇپ قېلىشىغا تۈرۈتكە بولۇپ قالار،ئوقۇغۇچىلارمۇ چۈشەنمەيدىغان مارىس تىلىغا ئۇچراپ قىلىپ ئۈگۈنىشىگە، ئىمتىھان نەتىجىسىگە تەسىر يەتمىسۇن دىگەن مەقسەتتە،بۇمەسىلىلەرنى «ئۈرۈمچى رايۇنىنىڭ 2013-2014-ئوقۇش يىلى 1-مەۋسۈملۈك ئىمتىھان سوئالى،تولۇق ئوتتۇرا تارىخ زۆرۈر دەرىسلك(1) ۋە (2) نىڭ1-4-بولۈمىگىچە»نىڭ تەرجىمىسىنى نوقتا قىلغان ئاساستا ئوتۇرغا قويۇشنى   لايىق تاپتىم.
مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش جەريانىدا قالايمىقانچىلىق كۆرۈلمىسۇن دەپ گەپنى سوئال    تەرتىپى بىلەن باشلىدىم.ئۈرۈمچى رايۇنىنىڭ2013-2014-ئوقۇش يىلى 1-مەۋسۈملۈك   ئىمتىھان سوئالى(تارىخ).
   1-خاتالىق:(يەككەن تاللاش سوئالى).ئەسلى يىكەن تاللاش سوئالى دىسە بوپتىكەن ، گەپكە ئوخشايدىغانراق قىلىپ.«يەككە»نى يەككەن دەپ يۈرگۈچە.
   2-خاتالىق:ھەر بىر سوئال ئۈچۈن بېرىلگەن جاۋاپلار ئىچىدە پەقەت بىرسىلا سوئالنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن يەنى توغرا،بىلمىدىم تەرجىمان خەت سانىنى كۆپەيتىپ نىمە قىلايدىدىكىن ،ئەسلى «جاۋاپلار ئىچىدە پەقەت بىرسىللا توغرا» دىسە بولىدىغۇ،گەپنى ئاۋۇتقىچە.
   3-خاتالىق: (جوڭگۇ تارىخىدىكى تۈنجى پادىشاھلىق سۇلالىسىنى قۇرغۇچى). تارىختا پادىشاھلىق سۇلالىسى دەپ سۇلالە يوق،شيا،شاڭ،جۇ،چىن،خەن،سۈي،تاڭ،سوڭ،يۈەن،مىڭ،چىڭ سۇلالىللىرى بار،پادىشاھلىق تۈزۈممۇ چىن سۇلالىسىدا بارلىققا كەلگەن،شۇڭا بۇ يەردە«تۈنجى سۇلالە » ياكى «تۈنجى دۆلەت» دەپ ئالسا بولىدىغۇ.ئاندىن تېگىدىكى (جۇاڭدى)ئەمەس خۇئاڭدى.
   4-خاتالىق :( خەن جىڭدى دەۋرىدىن خەنۋۇدى دەۋرىگىچە،غەربى سۇلالىسى يۈرگۈزگىنى).ئوخشاشلا تارىختا غەربى سۇلالىسى دەپ سۇلالە يوق،ئەسلى «غەربى خەن سۇلالىسى».
   5-خاتالىق : تاللاش سۇئالى 5-،(ۋەزىرنى چەكلەش) ئەمەس « ۋەزىرنىڭ ھوقۇقىنى چەكلەش».(B .ئالدى بىلەن ئۈچ ۋازارەت بىر-بىرىنى چەكلەش ۋە نازارەت قىلىش)ئەمەس،« ئۈچ ۋازارەت بىر-بىرىنى چەكلەش ۋە نازارەت قىلىش »
   6-خاتالىق :  تاللاش سوئالى 6-،(ئېلىمىزدەئىچكى كابىنىتنىڭ سىياسەت بەلگىلەش تۈزۈمىنىڭ شەكىللەنگەن ۋاقتى)،بۇ يەردە تەرجىمان( ئىچكى كابىنىت) بىلەن «باش دىۋان» نى ئالماشتۇرۇپ قويغان،ئۇنىڭ ئۈستىگەباش دىۋاننىڭ سىياسەت بەلگىلەش ھوقۇقى يوق،پەقەت مەسلىھەت بېرىدىغان ئاغۋاتلىق ئاپارات.جاۋاپ A.B.C.D لاردا ئوخشاش مەنا ئىككى قېلىپتا تەرجىمە قىلىنغان،ئەسلى مىڭتەيزۇ دىگەندىن كىيىن چىڭ شۈنجى دىيىش كېرەك.ياكى چىڭ سۇلالىسى پادىشاھى شۈنجى بولغاندىن كىيىن مىڭ سۇلالىسى پادىشاھى تەيزۇ بولۇشى كېرەك.
   7 –خاتالىق : تاللاش سوئالى 9-،جوڭگۇ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى تۈنجى بىرلىككە(كەلمىگەن )بۇرژۇئا ئىنقىلابى پارتىيەسى،مەن بىرلىككە كەلمىگەن پارتىيەنى ئۇقمايدىكەنمەن ئەسلى «بىرلىككە كەلگەن» دىسەك توغرا بولىدۇ.
   8-خاتالىق : تاللاش سوئالى 17-،ئافىنادىكى سولۇن ئىسلاھاتى بىلەن جوڭگۇدىكى ۋىلايەت،ناھىيە تۈزۈمىنىڭ ھەممىسىنى ئىلگىرلىگەن دىيىشتىكى ئاساس،ئىلگىرلىگەن ئەمەس «ئىلگىرلەش».Aجاۋاپتىكى (ئېھتىيازى) ئەمەس « ئېمتىيازى».
   9-خاتالىق : تاللاش سوئالى 19-،A جاۋاپ (قۇلدارلىق تۈزۈم تەدرىجى چۈشكۈنلەشكەن)،تۈزۈمنىڭ چۈشكۈنلەشكىنىنى تۈنجى ئاڭلىشىم.ئەسلى«قۇلدارلىق تۈزۈم تەدرىجى يىمىرىلگەن ياكى زاۋالىققا يۈزلەنگەن» دىسە بولىدۇ.
  10-خاتالىق : تاللاش سوئالى 20-،(بىراق پارلامېنىت تۈزۈمىنىڭ شەكلى ئانچە ئوخشاپكەتمەيدۇ)،ئەسلى «پارلامىنىتنىڭ رولى ياكى فونكىسيەسى»
   11-خاتالىق : تاللاش سوئالى 21-،D جاۋاپ،(مىللى توقۇنۇشتىن رايۇن توقۇنۇشقا تەرەققى قىلدى)،ئەسلى «رايۇن توقۇنىشىغا» دىسەك توغرا بولىدۇ.
  12-خاتالىق: تاللاش سوئالى 22-،(چاڭشەن شەھىرىنىڭ) ، ئەسلى « چاڭئەن» شەھىرى بولۇشى كېرەك.
  13-خاتالىق : تاللاش سوئالى 23-،A .( چەت ئەل سودا كارخانىلىرىنىڭ تۈرگە بولۈش بىلەن مەيدانغاكەلگەن)،ئەسلى «تۈرىتكە بولۇشى بىلەن»(B . ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش)، ئەسلى « ماشىنىلاشقان ئىشلەپچىقىرىش»بولسا توغرا بولىدۇ.(D. پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققى قىلىشى جوڭگۇ يىقىنقى زامان تارىخى دەۋرىدە)، ئەسلى «جوڭگۇ يىقىنقى زامان تارىخى دەۋرىدە پەيدا بولغان ۋە تەرەققى قىلغان » دىسەك بولىدۇ.
   14-خاتالىق: 27- سوئال بېرىلىشى (جوڭخۇا مىنگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دۆلەتنىڭ بارلىق پۇقرالىرىغا مەنسۈپتۇر. جوڭخۇا مىنگو پۇقرالىرى بىردەك باراۋەر،ئۇلارئېرىق،سىنىپ،دىنغا ئايرىلمايدۇ.......).بېرىلىش ئاساسەن پۈتۈنلەي دىگۈدەك خاتا تەرجىمە قىلىنغان،مىقدارى بەك كۆپ بولغاچقا توغرا تەرجىمىسىنى بەرمىدىم.سۇرالغان سوئالنىڭ  ئەسلىسىدە( ۋاقىتلىق بۆيۈك زۇڭتوڭنىڭ مۇقىملىقىغاقارىتا قانداق چەكلىمە بەلگىلەنگەن؟ )ئەسلى «ۋاقىتلىق زۇڭتوڭنىڭ ھوقۇقىغا قارىتاقانداق چەكلىمە قويۇلغان؟»
  15-خاتالىق : 28- سوئالنىڭ بېرىلىشى (مەمۇرى ھوقۇق زوڭتۇڭغا تەۋە،ئۇ دۆلەت باشلىقى،يەنە ھۆكۈمەت باشلىقى،يەنە ئارمىيەنىڭ باش قۇماندانى بولۇپ،ئۇرۇش مەزگىلىدە چوڭ ھوقۇقنى مۇستەققىل تۇتۇپ تۇرىدۇ)باشقا چاغدا پادا باقامدىكىن.بېرىلىشى ئاساسەن  پۈتۈنلەي دېگۈدەك خاتا تەرجىمە قىلىنغان، مىقدارى بەك كۆپ بولغاشقا توغرا تەرجىمىسىنى يازمىدىم ،
   16-خاتالىق : 29- سوئال، (مىنگونىڭ دەسلەپكى) جەنۇبى ئوكيان قېرىنداشلار تاماكاشىركىتى ،«مىنگونىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە» بولۇشى كېرەك.(يېشىك) ئەمەس « يەشىك».2-ماتىريالنىڭ تەرجىمىسى(جەنۇبى ئوكيان شىركىتىنى غوللىتىش،غۇلىغا،شىمالى دېڭىزھۆكۈمىتىنىڭ) دىگەندەك ئاساسەن دىگۈدەك خاتا تەرجىمە قىلىنغان ، مىقدارى كۆپ بولغاچقا توغرا تەرجىمىسىنى يازمىدىم.
مېنىڭ كەلتۈرگەن بۇ مىسالىم پەقەت دىڭىزدىن بىر تامچە،لىكىن مانا مۇشۇ بىر تامچىمۇ بىزگەنۇرغۇن نەرسىلەرنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ،ئويلاپ بىقىڭ، بىز نەچچە ئون مىڭ،نەچچەيۈزمىڭلىغان قارا كۆزلىرىمىزنى بىر مەۋسۈم،تۆت ئاي ئوقۇتۇپ، ئاخېرىدا مۇشۇنداق مارىس تىلىدا يىزىلغان سوئالدىن ئىمتىھان ئالساق قانداق بولىدۇ!بۇ بىزئۈچۈن،مىللەت ئۈچۈن،ئانا تىلىمىز ئۈچۈن بىر نۇمۇس،بىر يوقۇتۇش،بىر ئورنىغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغان زىيان.
ئاخېرىدا مىنىڭ تەكلىپىم ئالدى بىلەن ئالاقىدار ئورۇنلار مائارىپقا،ئوقۇتۇشقا،ئىمتىھانغا ئالاقىدار تەرجىمىچىلىككە بولغان نازارەتنى،تەپتىش قىلىشنى كۈچەيىتىلسە، ،ئىككىنچىدىن ماتىريال تۈزۈپ،تەرجىمىگە تەشكىللەيدىغان،چىقىرىدىغان شىركەتلەرمۇ يىراقنى كۆرۈپ،ئازراق چىقىمنى دەپ ناباپ،ئەرزانچى تەرجىمانلارغا ئىش تاپشۇرماي،«قۇشقاچنىمۇقاسساپ سويسۇن» دىگەن ماقال-تەمسىلىمىزگە رىئايە قىلسا.ئۈچىنجىدىن: ئىككى تىلنى بىلسىلا تەرجىمىچىلىك قىلغىنى بولمايدۇ،خۇددى ئۇلۇغلىرىمىز ئېيىتقاندەك تەرجىمىچىلىك ئەسەرنى قايتا ئېجاد قىلىش دىگەنلىكتۇر،شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ سەپكە كىرگەندە كۆز ئالدىمىزنىلا كۆرۈپ،مەسۇليىتىمىزنى،مەجبۇرىيىتىمىزنى،بۇرۇچىمىزنى ئۇنتۇپ قالمىساق.
يىقىندا بىر مەخسۇس تارىخ ئوقۇغان،تارىىختەرجىمىچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان دوستۇمدىن مۇنداق بىر گەپنى ئاڭلاپ قالدىم،ئەسلى «ئۈ،م» شېركىتى ماتىريال ئىشلىمەكچى بولۇپ «ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى مەخپى نۇمۇرى» دىگەن كىتاپنى ئۇنىڭغا ئەۋەتىپ ئالدىنقى 26 مىڭ خەت ئىككى باپنى سىناپ تەرجىمە قىلىشقا،ئەگەر ياخشى قىلالىسا 1000 خەتكە 90 يۈەندىن تەرجىمە ھەققى بېرىدىغان بولۇپ  سۆزلىشىپتىكەن،كىيىن شۇنداق ياخشى تەرجىمە قىلىپ سىناق نۇسخىنى ئەۋەتىپ بېرىپتۇ،بىراق شىركەتتىن تەرجىمىنى باشقا بىرسىگە بەردۇق دەپ خەۋەر كەپتۇ،سەۋەبىنى مەخپى سۈرۈشتۈرسە ئەسلى1000 خەتنى 45 يۈەندىن تەرجىمە قىلىدىغان بىر نوچى تەرجىمان چىقىپتىكەن شۇنىڭغا بېرىپتۇ،ھەي ئويلاپ بىقىڭلار مائارىپ بىلەنمۇ ئويناشقىنى بولامدۇ؟ ئۇلارئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇمىغاندىمۇ يا.
چچ:2592199926



0

تېما

0

دوست

679

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   35.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2865
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 107
تۆھپە : 140
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  تېخى ئابدۇخالىق  ئۇيغۇرنىڭ  شۇ  ناملىق  شېئىرى  ئوخشايدۇ  دەپ  يۈگرەپ كىرىپتىمەن،مۇشۇ  ئىمتاھان،مەمۇرلۇق  دېگەندەك  ئىشلارغا  تازا  قىزىقمايمەن  دېسە.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

-2

تېما

21

دوست

1260

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3167
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 26
تۆھپە : 393
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلبەتتە ئولىنىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر ئىكەن.
ئەمدى ئەگەر مالال كۆرمىسىڭىز ، بەزى سۆزلەملەرنىڭ ئىملاسىنى تۈزۈتۈپ قويغان بولسىڭىز.
مەسىلەن : «خۇئاڭدى» ئەمەس «خۇاڭدى» ، «قىلغىنى» ئەمەس «قىلغىلى» ، «ئويناشقىنى» ئەمەس «ئويناشقىلى» دېگەندەك.  بۇ سۆزلەرنىڭ كېيىنكى ئىككىسى ئىپادىلەيدىغان مەنىسىگە نىسپەتەن توغرا يېزىلمىغان. چۈنكى، تىلىمىزدا «قىلغىنى»، «ئويناشقىنى» دېگەن سۆزلەر بولسىمۇ ماۋۇ يەردە ئۇنداق يېزىلسا توغرا بولمايدۇ.

خوجە

0

تېما

5

دوست

1783

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   78.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9687
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 209
تۆھپە : 415
توردىكى ۋاقتى: 170
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ  ئېنتاھام سۇئالىمۇ يە  ،،قوش تىل مائارىپىدىكى قارا يۇمۇرمۇ؟

8

0

تېما

3

دوست

1230

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25289
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 342
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەن  تېخى ئابدۇخالىق  ئۇيغۇرنىڭ  شۇ  ناملىق  شېئىرى  ئوخشايدۇ  دەپ  يۈگرەپ كىرىپتىمەن،مۇشۇ  ئىمتاھان،مەمۇرلۇق  دېگەندەك  ئىشلارغا  تازا  قىزىقمايمەن  دېسە.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )