- تىزىملاتقان
- 2013-12-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-2-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 173
- نادىر
- 0
- يازما
- 9
ئۆسۈش
  57.67%
|
senuber يوللىغان ۋاقتى 2014-2-3 19:43 
بۇ تازا توغرا ئەمەس. مەنمۇ قوي يىلى تۇغۇلغان. ئەمما بۇ ...
ئاستىدىكى ئىزدىنىش تورىدىكى koxuk قېرىندىشىمىزنىڭ ئىنكاسى ئىكەن ، قارىسام ئاساسى باردەك قىلىدۇ.
ئۆتكەن يىلى خىزمەتدىشىم بىلەن مۇشۇ مۆچەل توغۇرلۇق گەپ تالىشىپ قالغان. ئىككەيلەننىڭ مۆچەل پەرقىمىز تۆت يىل ئەتراپىدا پەرق چىقىپ قالدى. مەنمۇ ئۆزەمنىڭ قارىشىدا چىڭ تۇردۇم، ئۇمۇ چىڭ تۇردى. ئىككىلىمىز بوۋىلىرىمىزنىڭ موللا-ئۆلىما ئىكەنلىكىنى ،تۇغۇلغان يىللىرىمىزنى شۇنداق خاتىرىلىگەنلىكىنى پەش قىلىشتۇق. توردىن مۇشۇ توغۇرلۇق ئىزدەپ باقتىم. قايسىبىر تور بەتتىن بۇ توغۇرلۇق جاۋاپ تاپتىم، ھازىر بۇ تور بەتنى ئىزدەپ تاپالمىدىم . سەئىدىيە خانلىقى مەزگىلىدىغۇ دەيمەن. خانلىق يېڭى قۇرۇلغاندىن كېيىن ، ئۇرۇش جەريانىدا ئولجا ئالغان بايلىقلار بىر قەدەر كۆپ بولغاچ، سەئىدخان پۇخرالاردىن ئون يىل باج ئالماسلىق ھەققىدە پەرمان چۈرۈپتۇ. لېكىن ئارىدىن ئالتە يىل ئۆتۈپ خەزىنىدە پۇل قالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن سەئىدخان ئالتە يىلنى ئون يىل توشتى دەپ ھېساپلاپ مۆچەل يىلىنىمۇ تۆت يىل ئالىدىغا سۈرگەنىكەن. قارىغاندا يۇرتلار ئارىسىدىكى مۆچەل پەرقى مۇشۇنىڭدىن كېلىپ چىققان بولسا كېرەك. كۆكتاش بۇرادەرنىڭ مۆچەل ھېسابى بوۋامنىڭ يېزىپ قويغىنى بىلەن ئۇدۇل كېلىدىكەن. مېنىڭ نەۋرە ئاكاممۇ 1977-يىلى تۇغۇلغان ،بېلىق يىللىق ئىدى. تېمىدىكىسى بولسا خىزمەتدىشىمنىڭكى بىلەن ئۇدۇل كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ. مېنىڭكىنى يازغاندا ھىجىرىيە مانچىنچى يىلى سەپەر ئاينىڭ 2-كۈنى دەپ يېزىپتكەن. كالىندار ئايلاندۇرغۇچتا ھېساپلىسام 2 كۈن پەرق چىقتى. كەبىسە يىللىرىنىڭ سەۋەبىدىن شۇنداقمۇ باشقا سەۋەپمۇ بىلمىدىم ،لېكىن پەرق چوڭ ئەمەس. شۇنىڭدىن قارىغاندا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن مۆچەل ھىجىرىيە بويىچە ماڭغان بولسا كېرەك. |
|