بۇ يازمىنى ئاخىرىدا abdulquddus تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-2 18:18
ۋەتىنىم
ۋەتىنىم گۈل دىيارىم ئانامسەن ئانام ،
سېنىڭسىز تاج – دۆلەت ھارامدۇر ھارام .
سۆيىمەن سېنى شۇنچە يۈرەكتىن ئەبەت ،
سېغىنىپ كۆز ياشلىرىم ئاقار تارام – تارام .
شۇنداقكى ، ئون يىلچە بوپتۇ ئويلانسام
سېغىنىش ، ئەسلەش بىلەن كۈنلىرىم داۋام . ھەر زامان كۆز ئالدىمدا تۇرىسەن گۈلدەك ،
ژىغلايمەن بۇلبۇل كەبى ، قوشاققا قاتسام .
چۈشلىرىم سەن بىلەن ئەگەردە ياتسام ،
ۋە دەيمەن تەشنالىق باغرىمغا باسسام .
شۇ قەدەر مېھىرلىكسەن ئەي ئانا يۇرتۇم،
كۆڭلۈم تۆرىدە سەن قەيەرگە بارسام .
يايرايمەن نامىڭنى گەر تىلغا ئالسام ، !
تۈگىمەس قەدرىڭ تامان داستانلار يازسام .
شۇ قەدەر ئۇلۇقۋارسەن ، ئەڭ قەدىرلىكسەن ،
جانىم جەھەننەم ئەگەردە ئازسام !
چۈنكى مەن دۇنياغا سەندە كۆز ئاچسام ،
جەننەت كەبى باغرىڭدا ئۆسۈپ چوڭ بولسام .
قانداقمۇ ۋىجدانىم چىدايدۇ زادى ،
خائىنلىق ، ساتقىنلىق يۇلىغا ماڭسام .
ئارمانىم شۇملارنىڭ گۆرىنى قازسام ،
كۆكسۈڭگە شان – شەرەپ ئوردېنى تاقسام .
ئەگەردە ئۆلۈمنىڭ نۆۋىتى كەلسە ،
مەردانە جان ئۈزەر قۇربانىڭ بولسام .
شۇنداق ئەي سۆيۈملۈك ۋەتىنىم ئانام ،
ئەقلىمنى يۇرۇتتۇڭ ۋە بەردىڭ ئىلھام .
سېنىڭ ئۈچۈن كۆيۈپ ئۆلۈش بەختىم - شەرەبىم !
ئامان بول ! ياڭرىماقتا جەڭگىۋار ناخشام !
ئەمدى سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ ۋەتەن مۇھەببىتى ئىپادىلەنگەن ناخشىسىنى ئاڭلىغايسىلەر:
تۈركىيە ئىستانبولدىن
|