"كونا تۈزۈمدىن ئۇلۇغ ئىنقىلابقىچە " دىن جۇڭگوچەچىرىكلىشىشكە نەزەر
لاڭ شەن پىڭ
كۆپچىلىككەمەلۇم يېقىندىن بۇيان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بارغانسېرى كۈچەيمەكتە ، ھەم ئاللىقاچان خەلقئارانىڭ دىققىتىنىمۇ تارتتى ، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ چى شەن بۇرۇن "كونا تۈزۈمدىن ئۇلۇغ ئىنقىلابقىچە" دېگەن كىتابنى ئۇقۇشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى ، كىتابنى ئوقۇپ بولدۇم ، بەك ياخشى يېزىپتۇ ،كىتابتا "18-ئەسىردە باي دېھقانلارنىڭ بايلىقى ئىككى ئەۋلادتىن ئېشىپ كەتمىگەن، ئازراق پۇل تاپقانلىرىلا پارىژدىن بىرەر ئەمەل سېتىۋېلىشقا ئالدىرايتتى ، خىيانەتچىلىك ئۈچ خىل شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدۇ :بىرىنچىسى چىقىم قىلىش شەكلىدىكى خىيانەتچىلىك ، ئىككىنچىسى تەستىقلاش شەكلىدىكى خىيانەتچىلىك ، ئۈچىنچىسى ئەمەل-ئۇنۋان سېتىش شەكلىدىكى خىيانەتچىلىك " دەپ تىلغا ئېلىنغان ، يىڭى كىتابىم " ئىسلاھاتنى قانداق قايتا ئېلىپ بارىمىز"داجۇڭگونىڭ ھازىرقى چىرىكلىك ئەھۋالىنى يۇقىرىقى شەكىللەر بۇيىچە تەھلىل قىلىپ يىغىنچاقلاپ باقتىم . جۇڭگوچە چىرىكلىشىش (1) چىقىم قىلىش شەكلىدىكى خىيانەتچىلىك چىقىم قىلىش شەكلىدىكى خىيانەتچىلىك دېگەن نېمە ؟ بۇنداق دېگىنى ئەمەلدارلارنىڭ چىقىم قىلىش يولى بىلەن خىيانەتچىلىك قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ يەنى ھۆكۈمەت چىقىم قىلغان ۋاقىتتامەسىلەن ھېلىقى تۆت تىرىليون مەبلەغ سېلىش پىلانىنى دەيلى ، خىيانەتچىلىك قىلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى دېگەن گەپ ، مۇشۇ چوڭ پىلاننىڭ يولغا قۇيۇلۇشى پارىخورلۇقنى جۇڭگودا ئومۇملىشىشغا تۈرتكە بولدى ، بۇ خىل ئەھۋال "كونا تۈزۈمدىن ئۇلۇغ ئىنقىلابقىچە "دېگەن كىتابتىمۇ تىلغا ئېلىنغان . 1740-يىلىدىن بۇرۇن فرانسىيىنىڭ ئوتتۇزدەك ۋالىسى بار بولۇپ ،ئۇلار پەقەت ئىككىلا ئىشقا مەسئۇل بۇلاتتى باج يىغىش ۋە ئامانلىق . كىيىن فرانسىيەزور كۆلەمدە ئاممىۋى ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ئېلىپ باردى ، قانال ، تاشيول ياسىدى .ھۆكۈمەت چىقىمى بارغانسېرى ئېشىپ قەرزگە بوغۇلۇپ كەتتى . 1789-يىلىغا كەلگەندەھۆكۈمەت قەرزى 45مىليارد لىبرا (فرانسىيىنىڭ بۇرۇنقى پۇل بىرلىكى)بولۇپ ئۆسۈمىلا ئۈچ مىليارد لىبرا بۇلاتتى ، پەرەز قىلىپ بېقىڭلارچۇ ؟ ئەينى ۋاقىتتا فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يىللىق مالىيە كىرىمى نەچچە بولغىيدى ؟ 5مىليارد ، قەرز نىسبىتى 900%دېگەن گەپ ، ئۇنىڭدىن قەرزئۆسمىنى چىقىرىۋەتسەك ئاران ئىككى مىليارد قالىدۇ . بۇ نېمىگە يىتەتتى ! شۇڭا ھۆكۈمەت تاز بولساڭ گەدەنگىچە دەپ قەرزئۈستىگە قەرز ئالغان . ئەڭ يامان بولغىنى بۇنداق چوڭ دائىرىلىك چىقىم ئەمەلدارلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك چىرىكلىشىشىگە سەۋەب بولغان . ئۇنداقتا جۇڭگونىڭ ئەھۋالىچۇ ؟ تۆت تىرىليونلۇق پىلاننى ئۇتتۇرغا چىقارغاندىن كىيىن 2012-يىلى ھەر تۈرلۈك قەرزلەر 68تىرىليونغايەتتى ، ھۆكۈمەتنىڭ كىرىمىچۇ ؟ ئاران 11.2 تىرىليون ، بۇ دېگىنى بىزنىڭ قەرز بىلەن كىرىم نىسبىتىمىز 607% ئەينى ۋاقىتتىكى فرانسىيىگە يىتىشۋالايلا دېدۇق دېگەن گەپ !ئەلۋەتتە ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىشىشمۇ شۇنداق . چىقىم قىلىش شەكلىدىكى خىيانەتچىلىكنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بار : بىرى دەللال ئارقىلىق بىلەن خىيانەتچىلىك قىلىش يەنى پۇلنى ئۆزى بىۋاسىتە ئالماي دەللال ئارقىلىق پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ قوماندانلىق قىلىش ، يەنە بىرى ئۇرۇق تۇغقانلىرىنى پايدا كۆپ تارماقلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ شۇ ئارقىلىق پۇل ئۈندۈرۈش . جۇڭگوچەچىرىكلىشىش (2) تەكشۈرۈپ تەستىقلاش شەكلىدىكى خىيانەتچىلىك. "كوناتۈزۈمدىن ئۇلۇغ ئىنقىلابقىچە " دېگەن كىتابتىمۇ بۇ خىل چىرىكلىشىش مىسالغائېلىنغان ، يەنە فرانسىيىنى مىسالغا ئالاي فرانسىيە ئىنقىلابىدىن ئوتتۇز –قىرىق يىل بۇرۇن ۋالىي پۈتۈن ھوقۇقنى مونوپول قىلىۋالغان بولۇپ ئاقسۆڭەك ، دىننى جەمئىيەتلەردىن تارتىپ ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدا بۇلاتتى ، ھەتتا چەت-ياقا بىر يېزىغا بىرمۇساپىرلار يىغىۋېلىش ئورنى قۇرماقچى بولسىمۇ مەركەز نازارەتچى ئەۋەتىپ باشقۇراتتى، كىرىم –چىقىمغا تەستىق سالاتتى ، ھەتتا مۇساپىرلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن شۇ يەرگەكىرىپ قالغانلىقى ، كىرىپ-چىقىدىغان ۋاقتى دېگەنلىرىچە بىلمىسە بولمايتتى ، بىرەر كىچىك چېركاۋنى رېمونت قىلماقچى بولسىمۇ مەركەز تەستىقلايتتى ، تەستىقلىنىشقىلا بىرەر يىل كېتەتتى، شۇڭا مەزكۇر كىتابنىڭ ئاپتورى ئالىكسى دى توكۋىل خورسىنغان ھالدا "ھۆكۈمەت تەڭرى بىلەن تەڭلەشمەكچى بۇلىۋالىدۇ ! "دېگەن . مۇشۇنداق تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى بولغاچقا مەيلى كىچىك ياكى چوڭ بولسۇن ئەمەلدارلار زىغ-زىغ چىقىرىشقا ئادەتلەنگەن . جۇڭگودىمۇ شۇنداق ، مەن نېمىشقا ھەرقانداق بىر تۈرنىڭ ئىسلاھات –تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ ئالدىدىن ئۆتىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيمەن ، مەيلى جۇڭگو نېفىت باش ئىدارىسىنىڭ چەتئەلگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلىرى ياكى تۆمۈر يول باش ئىدارىسىنىڭ نەچچە يۈزتىرىليونلۇق تۈرلىرى ۋە ياكى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ كىچىككىنە بىر ئېلېكتر ئىستانسىنىڭ قۇرۇلۇشىغىچە ئىسلاھات –تەرەققىيات كومىتېتى تەستىقلىمىسا بولمايدۇ ، مانا مۇشۇھالقىنلا پارا ئالىدىغانلار پايدىلىنىپ كېتىدۇ . پارا بەرگەنلەرگە تەستىقلاپ بېرىدۇ پارا بەرمىسە يوق . بىراق دوستلارتەستىق چۈشسىلا ئىش تۈگىگەن بۇلامدۇ ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس كەينىدە بىر تالاي تەستىقلار بار تېخى ، مەسىلەن : ماشىنا –ئۈسكۈنىلەرنىڭ تىپىنى تاللاش ، قۇرۇلۇشپىلانى ، قۇرۇلۇش شارائىتى ، ئېلېكتر ئىستانسىنىڭ قۇراشتۇرىلىشى ، بانكىنىڭ قەرزرەسمىيىتى ....دېگەندەكلەرنى بېجىرىش كېرەك ، بۇلارنى بېجىرىشتە دۆلەت زېمىن باشقۇرۇش ئىدارىسى ، مۇھىت باشقۇرۇش ، ئېلېكتر باش ئىدارىسى ، بانكا..دېگەندەكلەرنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئىمزاسى قۇيۇلغان تەستىقىنى ئېلىشىڭىز كېرەك ،كەسپى خادىملارنىڭ ئېيتىشىچە پۈتۈن تەستىقلىتىش ئۈچۈنلا 20مىليون كېتىدىكەن ،بۇنىڭدىن ئوتتۇرىدىكى چىرىكلىك ئەھۋالىنى پەرەز قىلماق تەس ئەمەس . جۇڭگوچە چىرىكلىشىش (3) ئەمەل سېتىش "كوناتۈزۈمدىن ئۇلۇغ ئىنقىلابقىچە " دېگەن كىتابتا دېيىلىشىچە فرانسىيە خانى دەسلەپتە ئاقسۆڭەك ئۇنۋانىنى سېتىش ئارقىلىق مال-دۇنيا توپلىغان ، چۈنكى فرانسىيىدە ئاقسۆڭەكلەردىن باج كەچۈرۈم قىلىناتتى ، ئوتتۇرا بۇرژۇئا قاتلىمىدىكىلەر ھەم يۈز ئابرۇيغا ئېرىشىدىغان ھەم باج تۆلىمەيدىغان بۇنداق سودىنى بولىدىكەن دەپ قارىغان بىراق فرانسىيە خانلىرىگې پىدە تۇرمايتتى ، مەسىلەن پادىشاھ لۇيىس (XIV)بىراقلا ئۆتكەن 92يىلدىكى سېتىۋەتكەن ئاقسۆڭەكلەر ئۇنۋانىنى بىكار قىلىۋەتكەن ھەم ئۇلارنى قايتا ساتقان ، 80يىلدىنكىيىن لۇيىس (XV) مۇ يەنە مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن نۇرغۇن ئۇنۋاننى قايتا ساتقان ،لۇيىس (XVI) دەۋرىگە كەلگەندە 100مىڭ ئەمەلدارلىق ۋەزىپە ئورنىنى بىكار قىلىپيەنە قايتا ساتقان ، ئەمەل سېتىۋېلىشنىڭ پايدىسى بەك كۆپ باج تۆلىمەيدۇ ، پارائالالايدۇ . ئۇنداقتا ساتىدىغان ئەمەل تۈگەپ كەتسە قانداق قىلىدۇ ؟ بەزى ئەقىللىقلارئۆزى ئەمەل ئىجاد قىلىپ ئاندىن پۇل تۆلەپ شۇ ئەمەلگە ئېرىشكەن ، شۇ زامانلاردا فرانسىيىنىڭ ئوتتۇرا تىپتىكى بىرەر شەھىرىدە تەخمىنەن ئوندەك سوتچى بولسىلايېتىشىدىكەن ۋەھالەنكى شۇ چاغدا 109 سوتچى ۋە 126خەۋەرچى بار ئىكەن ، بىراق ئەمەل ساتقان پۇلنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەتنىڭ چۆنتىكىگە چۈشكەن . بۇنداق ئەھۋال چىڭ ھۆكۈمىتىدىمۇ بار ئىدى ، يەنى ئۇلارشان-شەرەپ خاراكتېرلىك ھوقۇقلارنى ساتقان ،ئۇلارنىڭ قولىدا ئەمەلىي ھوقۇق يوق ئىدى، ۋالىي ، مۇپەتتىش دېگەندەك ئەمەللەرلەرنى ساتمايتتى ، يەنە كېلىپ پۇل ھۆكۈمەت خەزىنىسىگە كىرەتتى ، شەخسىنىڭ چۆنتىكىگە چۈشمەيتتى شۇڭا چىڭ ھۆكۈمىتىدە ئەمەل سېتىش يولى بىلەن چىرىكلىشىدىغان ئەھۋاللار ئانچە ئېغىر ئەمەس ئىدى ، ئەمماھازىرقى جۇڭگودىچۇ ؟ چىڭ سۇلالىسى ، فرانسىيىلەرگە سېلىشتۇرغاندا قانداقلىقىنى بىلمەيمەن بىراق ئەمەل ساتقان پۇلنىڭ ھۆكۈمەت خەزىنىسىگە ئەمەس شەخسنىڭ چۆنتىكىگەچۈشۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىمەن .
مەنبە : لاڭ شەن پىڭ مىكرو بىلوگى |