ئۆسۈملۈكمۇ Wi-Fi غا يېقىن ياشاشنى خالىمايدىكەن
بەش نەپەر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەتقىق قىلىپ ئۆسۈملۈكنىڭ Wi-Fi غا يېقىن ياشاشنى خالىمايدىغانلىقىنى بايقىغان
ئادەتتە Wi-Fi رادىئاتسىيەسىنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق يا ئەمەسلىكى ھەققىدىكى تالاش- تارتىش بېسىقمىدى، ئەمما بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ
ھەقتىكى تەتقىقاتىغا تەسىر يەتكۈزمىگەن .

بەش نەپەر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۇخلىغاندا يانفۇنغا يېقىن بولسا ياخشى ئۇخلاشقا تەسىر كۆرسىتىغانلىقىدىن گۇمان قىلىپ تەجرىبە ئىشلەپ ئاجايىپ نەتىجىگە ئېرىشكەن. مەكتەپ يېتەرلىك ئۈسكۈنە ۋە مەنبە بىلەن تەمىنلىمىگەچكە Wi-Fi روتېرى بىلەن سۇ كەرەپشىسى ( تىزناپ، سۇ
سەۋزىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، خەنسۇچە ئىسمى 水芹 ) نىڭ ئۇرۇقىنى تاللاپ تەجرىبە ئىشلىگەن.
بىر گۇرۇپ ئۇرۇقنى Wi-Fi روتېرى يوق ئۆيگە قويغان يەنە بىر گۇرۇپ ئوخشاش ساندىكى ئۇرۇقنى ئىككى دانە Wi-Fi روتېرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويغان.
ئۇلار، 12 كۈندىن كېيىن قىزىقارلىق بىر ئەھۋالنى بايقىغان: سىمسىز روتېر يوق ئۆيدىكى ئۇرۇق ئۈنگەن، سىمسىز روتېر قويۇلغان ئۆيدىكى ئۇرۇقتا ھېچقانداق ئۆزگۈرۈش بولمىغان.

شۇنىڭ بىلەن بۇ ئوقۇغۇچىلار رايون خاراكتېرلىك پەن- تېخنىكا مۇسابىقىسىدە ئەڭ يۇقۇرى شان- شەرەپكە ئېرىشكەن. لېكىن شىۋىتسىيە كارولىنسكا ئىنىستىتوتى (Karolinska Institute) نىڭ نېرۋا كېسەللىك ئىلمى پىراففىسسورى بۇ تەجرىبىنى تېخىمۇ مۇكەممەل تەجرىبەخانا ئىچىدە قايتا ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ...
مەيلى قانداق بولسۇن بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىزدىنىش روھى ھەرقانداق ئادەمنى قايىل قىلماي قالمايدۇ. بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئىچىدىنمۇ مۇشۇنداق ئىزدىنىشچان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
مەنبە: ئىنتىل سەيناسى
|