- تىزىملاتقان
- 2012-12-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 810
- نادىر
- 0
- يازما
- 34
ئۆسۈش
  62%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alpbeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-31 17:53
گۇننار ياررىڭنىڭ كاشغەر سەپرىنى تىل تەكشۈرۈش ۋە سىسياسىي مەقسەت بار ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلىش كېرەك دەپ ئويلايمەن. ھازىر ئەتراپىمىزدىكى پەرەڭلەرگە قارايلى، ئۇلار بىر بولسا دىن تارقاتقۇچى بىر بولسا .... لار. ناھايىتى ئاز قىسىمدىكىلىرى بولسا باشقا مەقسەتتە كەلگەنلەردۇر.
مەسىلىگە سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلايلى. ياررىڭ قەشقەرگە كەلگەنگە چۈشلۈق دۇنيادىكى داڭلىق تۈركولوگ بولالىدى، ھەمدە دىپلۇماتمۇ بولالىدى. بىلىشىمچە بۇ كىشى 70- يىللاردىغۇ دەيمەن، ب د ت نىڭ باش كاتىپى بولۇشقا بىرنەچچە ئاۋاز كەملەپ قىلىش سەۋەبىدىن باش كاتىپ بولالمىغان.
بىز ئۇيغۇرلاردا بىراۋ ئازراقلا ياخشىلىق قىلىپ قويسا ئۇنىڭدىن ئالەمچە خۇرسەن بولۇپ كېتىمىز. بۇ دېگىنىم ياررىڭنىڭ قىلغانلىرى ھېچقانچە ئىش ئەمەس دېگەنلىك ئەمەس.
شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، بىراۋنى بىلمەكچى بولسا ئۇنىڭ گېپىگە ئەمەس، ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. ياررىڭنىڭ مەقسىتىنىڭ پەقەت قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنى تەتقىق قىلىشلا ئەمەسلىكىنى بىلمەك تەس ئەمەس. ماقالىدىمۇ دېيىلىپتۇ، ئۇ كەلگەن چاغلار ئۇيغۇر دىيارىدا چوق قالايمىقانچىلىقلار بولۇۋاتقان چاغلار ئىدى. سىياسىي ئاڭ ئۇلاردا خېلىلا بۇرۇن شەكىللەنگەچكە بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇپ كەتتى ئەنە ياررىڭمۇ. |
|