بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ongmas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-30 14:49
ئۆز تىلىڭ جانىڭغا شەربەت، گەر ئىچىپ قانساڭ ئەگەر، ياغدۇراي ئالەمچە ھۆرمەت، دىل يېرىپ تاڭساڭ ئەگەر. نۇرلىنىپ، چاقنار جاھاندا ئەزىزلىسەڭ گەر ئۇنى، يار بىلىپ تانماي تەرىپلەپ، كۈي-غەزەل يازساڭ ئەگەر. ئانا تىل ئۇزدۇر، يېقىملىق داڭ قويار بۇلبۇلنىمۇ، سۈرگۈزەر جەننەت ھوزۇرى، بەزمىلەر قۇرساڭ ئەگەر. نە بولۇر تەقدىرى بۇندا جۆيلىسەڭ ئەبجەش قىلىپ، ئۇ ئۆڭۈپ بولمامدۇ شالغۇت چاندۇرۇپ بۇزساڭ ئەگەر. تىل ئۆزى دىلنىڭ بايانى خاسلىقىڭ جۇلاسىدۇر، خۇنۈكلىشەر ئۇ كېكەچلەپ، تەلۋىلىك قىلساڭ ئەگەر. بىخ سۈرۈپ كۆكلەيدۇ قانداق دىل بېرىپ سۆيمەي تۇرۇپ، سارغىيىپ بولمامدۇ نابۇت يۈز ئۆرۈپ، تانساڭ ئەگەر. ئاياندۇر نەق ئانا تىلدا مىللىتىڭنىڭ كىملىكى، خوشلىشار ئۇسساپ، سولاشسا بېزىرىپ تۇرساڭ ئەگەر. ئىگەللە كۆپ تىلنى ئەمما ئانا تىلدىن چانمىغىن، كېلەلەمسەن يۈز ئۇنىڭغا يەر قىلىپ ئۇرساڭ ئەگەر. جانغا ئۇ ئابى ھاياتتەك بىزئۈچۈن تۇرسا بۈيۈك، بۇ يۈرەك قانداق چىدايدۇ ئۇنى خار قىلساڭ ئەگەر. قان بىلەن كىرگەچ ئانا تىل چىققۇسىدۇر جان بىلەن، بولمىقىم جاندىن جۇدادۇر ئايرىماق بولساڭ ئەگەر. سۆيمىگەننىڭ ئانا تىلىنى نە جاھاندا قىممىتى، يار ئۇنىڭسىز مىڭ پۇشايمان خارلىنىپ قالساڭ ئەگەر. سايرىسا خەنداندا ئۇز تىل يايرىمامدۇ دىل كۈلۈپ، باش قويارمەن ئىشقىدا تىل ئوت بولۇپ يانساڭ ئەگەر.
|