جىگەرگە تەسىر كۆسەتكەن 7 ئىش .
كامرانبەگ يوللانمىسى
قالايمىقان دورا ئىچىش .ھەر قانداق ئادەم بىر ئۆمۈر دورا ئىچمەيمەن دىيەلمەيدۇ ،بىراق ھەر قانداق دورا جىگىرىمىزگە زۇلۇم سالىدۇ .
ئۇيقۇسىزلىق ھازىر شەھەرلەردىكى چوڭ - كىچىك كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى سەھەر سائەت 1دىن 2گىچە ئاۋاتلىشىپ كىتىدۇ ،ئۆيدە تورغا چىقىپ ياكى قارت ئويناپ ئۇيقىنى ئۇنتۇپ قالىدىغانلارمۇ كۆپ ،بىراق بۇ ئادەت جىگەرگە ئېغىر زىيان سالىدۇ . مىجەزدىكى قوداڭلىق .ئادەم ھاياتتا قايغۇرۇش ،ئاغرىنىش ،ئۆكۈنۈش ۋە نارازىلىقلاردىن مۇستەسنا بولالمايدۇ ،ئەمما ئۇزاققىچە غەمكىن يۈرۈش ، چېچىلىش جىگەرگە تىغ ئۇرغانغا بارەۋەر . ياغلىق تاماق .ياغلىق تاماقنى مۇۋاپىق يىيىش بەدەنگە ئېنىرگىيە تولۇقلىغانغا بارەۋەر ،بىراق بۇ تاماقلانى زىيادە كۆپ يىيىش جىگەرگە زىيانلىق .
كىچىلىك تاماق .تاتلىق شورپا ئىچىش ،ياقما كاۋاپ ياكى كېچىلىك تاماق يىيىش زامانىۋى تۇرمۇشنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ قالدى ،ئەمما بۇ ئالاھىدىلىك جىگەرگە بېسىم چۈشۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس . تاماكا .تاماكىدىكى 1000خىلدىن ئارتۇق زىيانلىق ماددا بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن ، ئالدى بىلەن جىگەرنى زىيانغا دەسسىتىدۇ.
زەھەر . جىگەر بەدەندىكى ئەڭ چوڭ زەھەر تازلايدىغان ئەزا ،ئىسپىرىت ۋە دورا ،جىگەرگە زىيان سېلىۋاتقان يەردە ئىسمىنى ئاڭلىساقمۇ رەڭگىمىز ئۆڭۈپ كىتىدىغان زەھەر قاراپ تۇرارمۇ؟
مەنبە : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
|