- تىزىملاتقان
- 2012-5-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2157
- نادىر
- 0
- يازما
- 136
ئۆسۈش
  5.23%
|
ۋاي بىزنىڭ شەدە ياڭ لى دەيدىغان بىر خەنسۇنىڭ كىيىم دۇكىنى شۇنداق سۈرۈپ كەتتى،ئۇنىڭغا ئىش ھەققى كارتىسىنى گۆرۆگە قۇيۇپ نىسى كىيىم ئېلىپ پارقىراپ چىقىپ كىتىدىغانلار بەك تۇلىمىش.بەزىلەر يىغىلىپ قالغان كارتىلارنى كۈرۈپتۇدەك،يىغىلغان كارتىلارنىڭ جېقلىغىدىن ياقىڭىزنى چىشلىمەي تۇرالمايدىكەنسىز.
يەنە تېخى كىيىملەرنىڭ قىممەتلىگىنى دىمەيسىز،مەن بىر قېتىم بىر خىزمەتدېشىمىزنىڭ بىر تۈگە يۇڭى مامۇق چاپاننى كۈرۈپ بېقىش ھاۋالىسى بىلەن بىرلىكتە كىردۇق،بۇ چاپان بەك قىممەتكەن 1100كويدىن بىر پۇڭ كېمى يوق دەپ تۇرۋالدى.مەن ئۇ خىزمەتدېشىمنىڭ ئايالىغا ماركىسىنىڭ نىمىلىگىنى،قايسى نۇمۇرنىڭ باپ كىلدىغانلىغىنى بىلىۋېلىشنى ھەمدە بەك تۈۋەن باھا قۇيۇشنى ئۈگەتتىم.نەتىجىدە ئۇ چاپاننىڭ ئۇچۇرلىرىنى بىلىۋېلىپ قايتىپ چىقتۇق.چىقىپلا تورغا كىرىپ سۈرۈشتۈردۇم،كىراسى بىلەن650كويغا كىلدىكەن.شۇنىڭ بىلەن ئەكەپ بەردىم.كىيىن بۇ چاپاننىڭ بازىرى چىقىپ كەتتى،7-8نى ئەكەلتۈرۈپ بىرىپتىمن تازا.لىكىن بۇ چاپانلارنىڭ ئىگىلىرى ۋە ئەتىراپتىكىلەر نىمە دەيدۇ دىسىڭىز 650كويلۇقنى ساختا چاپان،1100كويلۇقنى ھەققى چاپان دەپتۇدەك.بىر يىرى ئازىراق پەرىقلەنسىچۇ كاشكى.
بىزنىڭ ئاياللىرىمىزغا ھەقىقەتەن ئامال يوقكەن،قەرزگە كىيىم ئېلىۋاتقان،جابدۇق بۇيۇملارنى ئېلىۋاتقان،ئەرزاننى ساختا قىممەتنى ھەققى دەۋاتقان......،شۇ تاپتا بىزنىڭ بەزى ئاياللىرمىزغا گەپ توغرا كەلمەدىكەن.ئاللادىن ئۇلارغا ئىنساپ،دىيانەت تېلەيمەن! |
|