- تىزىملاتقان
- 2013-11-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1246
- نادىر
- 0
- يازما
- 127
ئۆسۈش
  24.6%
|
مۇشۇما گەپ بولدىما؟ جىنلارنى ئەۋەتىدۇ دەپ. ئىشەنمىسىلا بولدىغۇ؟ ياكى ماڭا ئوخشاش داخانغا بىر تېتىپ قويسىلا بولدىغۇ؟
مەن بەش يىلنىڭ ئالدىدا بىر قويمىچىغا قويۇلۇپ، ئىسلى ۋەسلىمدىن ئايرىلىپ ، چۈشكۈنلىشىپ ئولتۇرسام، بىرسى مىنى باشلاپ بىر يەرگە ئاپاردى. ئۇ غ ش دادامتۇ يېزىسىدىكى ئانارگۈل دىگەن داخانكەن. ئۇ خوتۇننىڭ ئۆيىگە كەلگەن قىز-ئاياللارمۇ بەك جىق. ئىكىن. ئۇ خوتۇن ئۇنى بۇنى دەپ بىشىمنى ئايلاندۇرۇپ ئىككى كۈندە جەمى 1600كوي پۇلۇمنى ئالداپ ئېلىۋالدى. ھەم قولۇمغا ئېشەكنىڭ تۈكى، قاڭسىق ئەتىر قاتارلىق نەرسىلەرنى تۇتۇقۇزۇپ، ئەتىگەندە تاڭ ئاتماستا ئوتقا سېلىپ كۆيدۈرۈشۈمنى تاپىلىدى. شۇنداق قىلسام قويمىچى پۇلۇمنى ئالدىمغا ئەكىلىپ بىرەمىش،
مەن ئۆيگە قايتىپ بېرىپ بىر كۈن ئەتىگەن تۇرۇپ بىنا بولغاندىن كېيىن گاز ئوچاققا تاشلاپ كۆيدۈردۈم. ئۇ داخان بۇنى ئاڭلاپ چۇقۇم كۆمۈر چوغىدا كۆيدۈرۈڭ بولمىسا ئۆتمەيدۇ دەپ تۇرۇۋالدى.شۇنىڭ بىلەن مەن بازاردىكى ناۋايلارغا يالۋۇرۇپ ئازراق چوغ ئېلىپ كۆيدۈردۈم. ..........لېكىن قويمىچى ئالدىمغا كەلمەكتە يوق ئىچكىرگە قىچىپ كېتىپتۇ. بۇ ئىش شۇنداق غەلىتە تۇيۇلۇپ داخان خوتۇنغا تىلپون ىقلسام، مەن دىگەندەك قىلالماپسىز، ئايەت قېشىمغا قايتىپ كەلدى دىمەسما، شۇنداق بىر ئاچچىقۇم كەلدىكى،- سىزنىڭ ئايىتىڭىزنىڭ پۇتى بارمىكەن؟-دەپتىمەن. ئۇ خوتۇن سىزنى ئوقۇپ پۇت قولىڭىزنى تۇتماس قىلىۋىتىمەن دەپ پوپوزا قىلىپ كەتكەنتى، راسا تىللاپتىمەن. |
|