- تىزىملاتقان
- 2013-6-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 123
- نادىر
- 0
- يازما
- 3
ئۆسۈش
  41%
|
ئىنكاس دىگەن شۇنداق بولامدۇ
ئاپتۇرى ۋاپادار
تىما يازسا ياقمىسا تىخى،
ھەق-ئادالەت ئاقمىسا تىخى.
خەقتىن قۇسۇر تاپمىسا تىخى،
ئىنكاس دىگن شۇنداق بولامدۇ.
قورقۇپ قالدۇق تىما يىزىشتىن،
قورقۇپ قالدۇق تورغا كىرىشتىن.
قورقۇپ قالدۇق ئىلھام كىلىشتىن،
ئىنكاس دىگەن شۇنداق بولامدۇ.
ساراڭ دىسەڭ بۇ خەق ئوقىغان،
قارغا بولۇپ خەقنى چۇقىغان.
ئەدەپ-ئەخلاق تامام يوقىغان،
ئىنكاس دىگەن شۇنداق بولامدۇ.
بىرە قوشاق توقالماي ئۇزى،
قوسۇر ئىزلەپ يۇرۇدۇ كۆزى.
نۇمۇس قىلماس قىلىندۇر يۇزى،
ئىنكاس دىگەن شۇنداق بولامدۇ.
ئاقنى قارا قىلار چۇشەنمەي،
ھەقتىن ياندى دىننى چۇشەنمەي.
ھەسەت چىرماپ قەلبى كۇلەلمەي،
ئىنكاس دىگەن شۇنداق بولامدۇ.
تالايلارنى تىللىدىڭ كەتتى،
ھۇقۇش بولۇپ چىللىدىڭ كەتتى.
بۇ مۇنبەردىن كۇنلىدىڭ كەتتى،
ئىنكاس دىگەن شۇنداق بولامدۇ.
گاھى ئۇرساڭ مۇھمىنغا پىچاق،
دىنسزلارغا ئاچىسەن قۇچاق.
قۇرۇق شاقتىن چىقىرىپ پۇتاق،
ئىنكاس دىگەن شۇنداق بولامدۇ.
سەنمۇ ياخشى ئىنكاس يىزىپ قوي،
تاتلىق قىلىپ مىسرا تىزىپ قوي.
سەيلى قىلىپ ئەلنى كىزىپ قوي،
ئىنكاس دىگەن شۇنداق بولامدۇ.
2014-يىل غۇلجا
|
|