«يىتىم ئوغلاق»نىڭ دادىسىغا
بۇرادەر! بويتاق ياشاۋاتقىنىڭغا يىل بوپقالدى. بۇ ھەقتىكى نارازىلىقىمنى كۆزلىرىمدىن بىلدۈرۈپ تۇرساممۇ، ئېغىزىمدىن چىقارمىغانىدىم. لىكىن،ئەمدى بولمىدى. قۇلاق تۈۋىمدىن بالىلارنىڭ بۈگۈنكى شاۋقۇن-سۈرەنى كەتمەيدۇ. ئەتىگەن بىر بالىنىڭ تۆت ياشلىق قىزىڭنى «يېتىم ئوغلاق،يامانلىقىڭدىن داداڭنىڭمۇ تايىنى يوق»دەپ تىللىغىنىنى ئاڭلىغىنىمدا بەدىنىم جۇغۇلداپ كەتتى. خورلانغان قىزىڭنىڭ كۆزلىرىدىن مۆلدۈرلەپ تۆكۈلىۋاتقان ياشلارنى كۆرگىنىمدە، بوغۇزلانغان قوينىڭ كۆز چانىقىدىكى سىمابتەك لىغىلداپ تۇرغان ياشلار كۆز ئالدىمغا كېلىۋىلىپ يۈرىكىمدە قان يىغلىدىم. بۇرادەر، بىلسەڭ، سەن ئۆز مۇھاببىتىڭ بەدىلىگە دۇنياغا كەلگەن مېھىرلىك قوزاڭنىڭ يۇمران بوينىغا ئۆز قولۇڭ بىلەن جۇدالىق پىچىقىنى سۈركىگەندىڭ. سەن ئۆزۈىڭنىڭ يەڭگىل تەبىئىتىڭ بىلەن قىزىڭنى يىتىملىك كوچىسىغا ھەيدىدىڭ. ئۇ مېھرى گادايچىلىقتىن كىشلەرنىڭ كۆزىگە تەلمۈرمەكتە. ئۇ كۆڭلى سۇنۇقلۇقتىن مەيۈسانە بىشىنى سالماقتا.ئۇ روھى ئاچارچىلىقتىن تولغانماقتا. ئانا مىھرى ئۇنىڭ ئۈچۈن كۇپايە قىلمىدى، ئۇ گۇيا ناكار بولغان كېيىكتەك ئاران-ئارانلا سۆرلىپ ماڭماقتا. بالىنىڭ بىر كۆزى ئانا مېھرىدىن، يەنە بىر كۆزى ئاتا مېھرىدىن چاقنايدۇ. سەن ئۇنى بىر كۆزىدىن ئايرىدىڭ. ئۇ چۈشكۈنلۈك گۇگۇمىدا تىمسىقلىماقتا. ئۇ سۆيگۈ دەرىخىڭلارنىڭ مېۋىسى ئىدى، ئەمدى ۋاقىتسىز يىگىلىمەكتە. بۇرادەر، مەن سېنى بىلىمەن. سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭنى ئەرلىك غۇرۇرى ئىگىلىگەن. سەن ھەممىگە ھاكىملىق نەزىرى بىلەن قارايسەن.بىراق باراۋەرسىزلكتە دوستلۇق بولمىغىنىغا ئوخشاش، تەڭسىزلىكتىمۇ مۇھەببەت بولمايدىغانلىقىنى سەن ئۇنتۇدۇڭ. بۇ سېنى جوراڭنىڭ مېھىردىن جۇدا قىلدى. ئىنسان خورلۇققا قۇللۇق قىلمايدۇ.ئۇ ئىسىيان كۆتۈردى. سەن ئۇنى يوغان مۇشتلىرىڭ بىلەن باستۇردۇڭ. شۇنۇڭ بىلەن رىشتە ئۈزۈلدى. لېكىن، سەن ئويلىمىغاندىڭ. قىزىڭ ئىككىڭلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى رىشتىگە ئۆتكۈزۈلگەن مارجان ئىدى، يىپ ئۈزۈلۈپ مارجانمۇ يەرگە تۆكۈلدى. ئېھ،بۇرادەر،ئۇ ھازىر يېتىم،ئاتىسىمۇبار،ئانىسىمۇ بار يېتىم. تەبىئەت قانۇنى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئاتىنى بالىدىن، بالىنى ئانىدىن ئايرىيدۇ. شۇنۇڭ ئۈچۈنمۇ ئۇ رەھىمسىز. ھالبۇكى، بۇنداق ئۆلۈم ئۆلگۈچىگە ئەبەدىي خاتىرجەملىك، تىرىك قالغانلارغا تەسەللى ئاتا قىلىدۇ. سەنچۇ؟ سەنمۇ بالاڭنى ئۆزۈڭدىن ئايرىدىڭ. لېكىن، قېنى بۇنىڭدىن ساڭا كەلگەن خاتىرجەملىك؟ ياكى قىزىڭغا كەلگەن تەسەللى؟ بۇنداق ئىكەن، سېنى رەھىمسىزدىنمۇ رەھىمسىز دېيىش كېرەك ئەمەسمۇ؟ بۇرادەر، بارغىن، بۈگۈن ئەتىگەن قىزىڭنى تىللىغان بالىنىڭ ئالدىغا بارغىن! ئۇنىڭغا: «قىزىم ئۆزىنىڭ يامانلىقىدىن ئەمەس، مېنىڭ يامانلىقىمدىن مۇشۇ كۈنگە قالدى» دېگىن. بۇرادەر! سۆزۈمنى قىسقارتىمەن، مەن كەپشەرچىلەرنىڭ ئۈزۈلگەن تۆمۈرلەرنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بەختىڭلەرگە ئالدىڭلاردىمۇ ئاجايىپ دانكار تۇرۇپتۇ.ئۇ بولسىمۇ پەرزەنىت. دەۋەت يالقۇنىدا ئېرىڭلار،پەرزەنىت دانكارىدا تۇتىشىڭلار.
مەنبە : يازغۇچى ئەخمەت ئىمىننىڭ سۆيىمەن سېنى دۇنيا دىگەن نەسىرلەر توپلىمىدىن ئېلىندى.
|