- تىزىملاتقان
- 2013-10-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 333
- نادىر
- 0
- يازما
- 10
ئۆسۈش
  16.5%
|

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Ayesha_Nur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-27 06:57
خوش خەۋەر: فرانسىيىدە ماتېرىيال فىزىكىسى كەسپىدە 4 يىللىق دوكتۇر ئۇقۇش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەڭ!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار،
فرانسىيىدە دۆلەتلىك فىزىكا پەنلەر تەتقىقات ئورنىدا ئىشلەۋاتقان ياش & ئىقتىدارلىق دوكتۇر مەمتىمىن ئابباس كوكتارىم بۇگۇن مۇنداق بىر خوش خەۋەرنى بەرگەن. ئۇ ئىشلەۋاتقان تەجىربىخانىغا بىر دوكتور ئوقۇغۇچى كاندىداتى لازىمكەن. لاياقەتلىك ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش مۇددىتى 4 يىللىق بولۇپ، ئۇنىڭ تەجرىبىخانىسىدا بىللە ئورگانىك/ئانورگانىك قاتلىق قۇياش باتارېيىسى تەتقىقاتى ئۇستىدە ئىشلەيدىكەن! كاندىدات ئوقۇغۇچى چوقۇم ئۇيغۇر، ئوقۇشىنى جۇڭگوودا تاماملىغان، ھازىر جۇڭگوودا تۇرۇۋاتقان، ماتېرىيال فىزىكىسى (بولۇپمۇ يېرىم ئوتكۇزگۇچ فىزىكىسى) تەرەپتە ماگىستىرلىقنى تۈگەتكەن بولۇشى.(TOEFL (550/79 ياكى (IELTS (6.5 دىن يۇقىرى نومۇر ئالغان بولۇشى كېرەككەن.
شەرتى توشقانلار ياكى شەرتى توشىغانلارنى بىلىدىغانلار چوقۇم Dr. Mamatimin Abbas Koktarim بىلەن تىزدىن ئالاقىلىشىڭ. سىزگە ئۇتۇق يار بولسۇن!
دوكتۇر Mamatimin ئاكىنىڭ ئالاقىلىشىش email ئادرىسى: mamatimin.abbas@ims-bordeaux.fr
(ئەسكەرتىش: ئۇ ئادەتتە بەك ئالدىراش، شۇڭا دەل يۇقارقى تەلەپكە ماس كېلىدىغانلارنىڭ ئالاقە قىلشنى تەۋسىيە قىلىمىز. رەھمەت!)
|
|