- تىزىملاتقان
- 2013-3-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-2-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 530
- نادىر
- 0
- يازما
- 25
ئۆسۈش
6%
|
ئۇيغۇر - ئۇرخۇن قاغانلىقى قۇتلۇق بىلگە قاغاننىڭ ۋاقتىدا ( 742 - 747 ) قۇدرەتلىك باسقۇچكا كىردى .شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ ياغلاقار قەبىلىسى باش بولۇپ قۇرغان ئۇيغۇر - ئۇرخۇن قاغانلىقى كىيىنكى شەرقىي تۇرك قاغانلىقى ( 682 - 744 ) بىلەن چنقىشالماي دايىم ئۇرۇشۇپ تۇرغانىدى . قۇتلۇق بىلگە خاقان 742 - يىلدىن باشلاپ ، قارلۇقلار ۋە باسمىللار بىلەن بىرلىشىپ شەرقىي تۇركلەرگە قارشى كەسكىن ئۇرۇشلارنى ئىلىپ باردى .
قارلۇقلار تۇرك قەبىلىلىرى ئىچىدە سانىنىڭ كۆپلىكى ، جەڭگىۋارلىقى ۋە تارىخىنىڭ ئۇزۇنلىقى بىلەن مەشھۇر ئىدى . " ئوغۇزنامە " داستانىدىكى رىۋايەتكە قارىغاندا ، " قارلۇق " دىگەن نامنى ئوغۇزخان قويغانىكەن . ئۇ رىۋايەتتە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ : ئوغۇزخان غەرىپكە قىلغان يۇرۇشىدىن قايتىپ كىلىۋاتقاندا ئۇنىڭ بوز ئايغىرى تاغ ئىچىگە قىچىپ كىتىدۇ . ئوغۇزنىڭ بەگلىرىدىن بىرى بۇ بوز ئايغىرنى ئىزدەپ كىتىپ ئۇچ كۇندىن كىيىن ئۇنى تاغ ئىچىدىن تىپىپ كىلىدۇ . شۇ چاغدە ھىلىقى بەگنىڭ ئۇستى بىشىنى قار قاپلاپ كەتكەنىكەن . بۇنى كۆرگەن ئوغۇزخان بۇ بەگكە " قارلىق بەگ " دىگەن نامنى قويۇپ قويىدۇ . ۋە ئۇنى شۇ يەردىكى قەبىلىگە بەگ قىلىپ قويىدۇ . شۇنىڭدىن باشلاپ ، بۇ بەگنىڭ قەبىلىسى ئۆزلىرىنى " قارلۇق " دەپ ئاتايدىغان بولىدۇ . قارلۇق دىگەن نام 8 - ئەسىردە ئورنىتىلغان ئۇرخۇن ئابىدىلىرىدىمۇ ئۇچرايدۇ . قارلۇقلار ئۇچ قەبىلىدىن - بويلا ، سبەگ ، تاشلى ( تاشلىق ) لاردىن ئىبارەت ئىدى . قارلۇقلار ئالتاي تاغلىرىنىڭ غەربىي جەنۇبدا ياشايىتتى . كىيىن ئۇتۇكۇن تاغلىرىغىچە سىلجىپ كىلىپ ، شەرقىي ئۇيغۇرلار بىلەن يىقىن ئالاقىدە بولغان . قۇتلۇق بىلگە قاغان 742 - يىلى قارلۇقلار ۋە باسمىللىر بىلەن بىرلىشىپ ، شەرقىي تۇرك قاغاننى ( 740 - 742 ) ئۆلتۇردى .لىكىن ، باسمىللار ئۇستۇن كىلىپ قاغانلىق ئورنىنى ئىگىلىۋالدى . باسمىل خانى ئاسىناس قاغان بولدى .ئۇيغۇرلار بىلەن قارلۇقلارنىڭ خانلىرى سول ۋە ئوڭ قول يابغۇلۇق مەنسەپلىرىدە قالدى . قۇتلۇق بىلگە قاغان بۇ ئىشقا زادى رازى ئەمەس ئىدى .ئۇ باسمىللارنىڭ ئۇستۇنلىكىنى يوق قىلىپ تاشلاش ئۇچۇن ھەرىكەت قىلدى .
باسمىللار ئەڭ قەدىمقى چاغدىن تارتىپ ئۇتۇكۇن تاغلىرىدا ، بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىدا ، قىرغىزلارنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا ياشىغان . ئۇلار قەدىمقى چاغدا " جەدە ئاتلار " دەپمۇ ئاتالغان . تۇرك قاغانلىقى ۋاختىدا ، تۇركلەر تۇدۇنلىقلارنى ئەۋەتىپ باسمىللارنى ئىدارە قىلغان . باسمىللار كىيىنكى چاغلاردا ئاستا - ئاستا غارىپكە كۆچۇپ كەتكەن . باسمىللار ئاساسەن ھازىرقى جىمسار ئەتراپلىرىغا كۆچكەن . قۇتلۇق بىلگە قاغان مىلادىنىڭ 744 - يىلى شەرقىي تۇرك قاغانى ، بولمىش قاغان ( 742 - 744 ) نى ئۆلتۇرۇپ ئۆزىنى قۇتلۇق بىلگە قاغان دەپ ئاتىدى . ئارقىدىنلا باسمىللاردىن بولغان ئاسىناس قاغانغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئۆلتۇردى ۋە باسمىللارنى تولۇق بويسۇندۇرۇۋالدى .
قۇتلۇق بىلگە قاغان 744 - يىلى شەرقىي تۇركلەرنى بويسۇندۇرغاندىن كىيىن ، ئۆزىگە بويسۇنىدىغان شەرقىي ئۇيغۇرلارنى ئىككى چوڭ تارماقتىن ئىبارەت 19 قەبىلىگە بۆلدى . ئۇلار - ئون ئۇيغۇر ۋە توققۇز ئوغۇزلاردىن ئىبارەت ئىدى .
ئون ئۇيغۇرلار :
1 . ياغلاقار .
2 . قوتۇرغۇر .
3 . بوقاسقىر .
4 . ئاۋچاغ .
5 . ھازار - قاسار .
6 . خوغورسۇ .
7 . ياغما .
8 . ئاياۋىر .
9 . تورلام ۋىبۇر .
10 . ئادىز .
توققۇز ئوغۇزلار :
1 . ئۇيغۇر .
2 . بايىرغۇ .
3 . خون .
4 . بوكو .
5 . توڭرا .
6 . چىبنى .
7 . ئىزگىل .
8 . قارلۇق .
9 . باسمىل .
ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ تارىخىنى ئۇچ باسقۇچقا بۆلۇپ بايان قىلىش مومكىن :
بىرىنجى باسقۇچ - مۇستەقىللىقنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى بولۇپ ، بۇ باسقۇچ توپتوغرا 100 يىل ( 646 - 744 ) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
ئىكىنجى باسقۇچ - ئۇيغۇر - ئۇرخۇن قاغانلىقىنىڭ قۇدرەتلىك بىر ئىمپىرىيە قىياپىتىدە شەرقىي ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدا قەد كۆتەرگەن دەۋرى بولۇپ ، بۇ باسقۇچ قۇتلۇق بىلگە قاغاندىن ( مىلادىنىڭ 744 - يىلىدىن ) تارتىپ ئالىپ بىلگە تەڭرى ئۇيغۇر قاغانغىچە ( 825 - 832 ) بولغان 80 يىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . مانا شۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر - ئۇرخۇن قاغانلىقىنىڭ ھەربىي كۇچى مۇستەقىللىق باسقۇچىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى 50 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇندىن 221 مىڭ كىشىلىك مۇنتىزىم ئاتلىق قوشۇنغا كۆپەيگەنىدى . بۇ قوشۇن 17 ئاتلىق دىۋىزىيە ( ھەر بىر دىۋىزىيە 13 مىڭ جەڭچىدىن تەركىپ تاپقان ) دىن ئىبارەت ئىدى . ئەنە شۇ مەزگىلدە ، ئۇيغۇر - ئۇرخۇن قاغانلىقىنىڭ تىررىتۇرىيەسى شەرىقتە ھازىرقى ھىنگان تاغلىرىنىڭ شەرقىغىچە ، شىمالدا بايقال كۆلى ۋە يەنسەي دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئىقىملىرىغىچە ، جەنۇپتا سەددىچىن سىپىلىغىچە ، غەربىي جەنۇپتا ئالتۇنتاققىچە ، غەرىپتە پەرغانە ۋادىسى ۋە يەتتە سۇغىچە تۇتاشقانىدى .
شەرقىي ئۇيغۇرلار شەرىقتىكى قىتان قومۇقلارنى ، شىمالدىكى قىرغىزلارنى ، غەرىپتا تارىم ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر خانلىقلىرىنى ۋە پەرغانە ، يەتتە سۇدىكى تۇرك خەلىقلىرىنى بويسۇندۇرغانىدى .
قۇتلۇق بىلگە قاغان 646 يىلى تۇمىد قاغان ئورناتقان دۆلەت تەشكىلى تۇزۇمىنى تىخىمۇ مۇكەممەللەشتۇردى . پايتەخىت قارا بالغاسۇن بولدى .
ئۇچىنجى باسقۇچ - ئۇيغۇر - ئۇرخۇن قاغانلىقىنىڭ تۇرلۇك سەۋەپلەرگە كۆرە ئاجىزلىشىپ ، قاغانلىقىنىڭ سىياسى مەركىزىنى ئۇتۇكۇندىن تەڭرى تاغلىرىنىڭ ئىتەكلىرىگە يۆتكىگەن چاغدىكى ئون يىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
2014 - يىل 27 - يانۋار.
|
|