- تىزىملاتقان
- 2011-1-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8210
- نادىر
- 0
- يازما
- 349
ئۆسۈش
  64.2%
|
ماۋۇ ماقال-تەمسىللەرنى ئوقۇڭلار.
ئالغاندا بىسمىللا،بەرگەندە ئەستەغپىرۇللا.
بىتەلەي ئوغرىلىققا چىقسا ئايدىڭ بوپتۇ.
بىلگىنى راۋاپ چالسان ،بىلمىگىنى چاۋاك.
بىلىمسىز بىلەن گەپ تالاشماڭ، مۈشۈك بىلەن بەز.
بەزىدە مېھمان كىلىدۇ قۇيۇپ قويغان ئۆپكىدەك، بەزىدە مېھمان كىلىدۇ يۈگۈرۈپ قوپۇپ تەپكىدەك.
پىشمىغان ئاشتىن خام كاۋا ياخشى.
پۇلنى تاپار ئەرنىڭ ئېرى، يەپ تۈگۈتەر خوتۇنى قېرى.
تاپالىساڭ ھالال يە، تاپالمىساڭ شامال.
تاز گۈل تاپسا قىسقىلى جاي تاپالماس.
توخو داڭ گال چۈشەپتۇ، ئۆچكە جاڭگال. توڭچى ئامبال چۈشەپتۇ، ئىشتانسىز تامبال.
تالادىكى ئاي جامالدىن، ئۆيۈڭدىكى ھەلىمە پاخپاق ياخشى.
جەبرائىل جان دەيدۇ، بالىلار نان.
چاشقانغا كېپەك ئالدۇرماس، قوڭغۇزغا تېزەك.
چاچلىق خوتۇندىن ،تازنىڭ تاغىقى كۆپ.
لاچىن قاراپ تاپىدۇ، تۈلكە ماراپ، بۆرە پۇراپ. |
|