- تىزىملاتقان
- 2012-2-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1341
- نادىر
- 0
- يازما
- 53
ئۆسۈش
  34.1%
|
مېنىڭ قارىشمىچە ، گەرچە سىز ئۇقۇتقۇچى بۇلۇپ باققان ھەم مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن بولسىڭىزمۇ لېكىن سىزنىڭ غايىڭىز تېخى پىشىپ يىتىلىمىگەن ، مەقسەت مۇددىئاىسى قاراڭغۇ ،بوشاڭ ،ئىرادىسىز بالىكەنىسىز ، ئۇنداق بولمىغاندا سىز ئۇقۇتقۇچى بۇلۇۋاتقان ۋاقتىڭىزدا شۇ خىزمەتنىڭ ھۈددىسىن چىقىپ ئۇقۇغۇچىلارغا دەرسنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ بېرەلىگەن بولىسڭىز مەكتەپ رەھبەرلىكى ، خىزمەتداشلىرىڭىز ، ئۇقۇغۇچىلىرىڭىز ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ مىھرى سىزنى ھەرگىزمۇ ئۇقۇتقۇچىلقتىن ۋاز كەچتۈرۈپ ،مەمۇرلۇق ئىمتىھانى بەرگۈزمىگەن بۇلاتتى ، ھالا ئەمدى مەمۇرلۇق ئىمتىھانى بىرىپ ئىككى ئورۇننى ئىگەللەپ ھەرئىككى خىزمەتنىڭ ھۈددىسىدىن چىقالماي ، سەۋەبنى باشقىلارغا قۇيۇپ ،مۇھىتتىن ئاغرىنىپ يۈرۈش نەھاجەت ؟ ئويلاپ باقتىڭىزمۇ سىزنىڭ بۇشاڭلىقىڭىز ، ھورۇنلىقىڭىز ، ئىرادىسزلىكىزنى زىيىنى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن بىر پاجىئە ؟ نېمە ئۈچۈن دەمسىز ؟ بىر ياخشى ئۇقۇتقۇچىلىقىڭىزنى تاشلاپ ، مەمۇر بولدىڭىز ، مانا ئەمدى بىر يىللىق سىناق ۋاقتىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ۋايساپ يۈرۈپ مەمۇرلۇقتىن ۋاز كېچىپ ،يەنە ئۇقۇتقۇچى بۇلۇش كۇيىدا يۈرۈپىسىز ، بۇنداق قىلىسڭىز قاراپ تۇرۇپ ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنىڭ خىزمەتكە ئېرىشىش پۇرىستىنى يوق قىلىسىز ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىشقا ئۇرۇنلىشىش يۇلى تار ، پۇرسىتى ئاز بۇلۇۋاتقان مۇشۇنداق دەۋردە بۇنداق قىلىشىڭىز مىنىڭچە سىزنى چالما كىسەك قىلىشقا يىتىپ ئاشىدۇ ، نېمە ؟خاپا بۇلۇپ ،بۇمېنىڭ ئەركىنلىكىم دەمىسز ؟ قۇرۇپ كەتسۇن ئۇنداق ئەركىنىلىكىڭىز !!! گېپىم تېخى تۈگىمىدى ، ناۋادا سىز قايتا ئىمتىھان بېرىپ ئۇقۇتقۇچى بولىسڭىز ھەرگىز بولمايدۇ ،سىزگە ئوخشاش ، غايە نىشانى قاراڭغۇ ، ھورۇن ،بۇشاڭ ، لامزەللە ئۇقۇتقۇچىنىڭ قۇلىدا تەربىيلەنگەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ھازىرقىدەك كۈچلۈك رىقابەت دەۋرىدە ھەرگىزمۇ ئۈزۈپ چىقالمايدۇ ، شۇڭا مىنڭچە ،سىزنىڭ مەمۇرلۇق سالاھىتىڭىزنى دەرھال بىكار قىلىپ ، كادىرلار ئىدارىسى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ سىزنىڭ بۇندىن كىيىكى ھەرقانداق ئىمھتىھانلارغا قاتنىشىش سالاھىتىڭىزنى ئېلىپ تاشلىىشى كىرەك !!! |
|