- تىزىملاتقان
- 2012-9-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5451
- نادىر
- 0
- يازما
- 338
ئۆسۈش
  9.02%
|
مۇرات ناسىروفنىڭ سىرلىق ئۆلۈمى ھەققىدە مەن شۇ يىللاردا خەۋەر تاپقان ئىدىم، ئۆتكەن يىلى «شىنجاڭ سەنئىتى» ژورنىلىغا بۇ ھەقتە بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىنى تەييارلىغۇچى بۇ ھەقتە ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ۋە رۇسچە تور بەتلەردىن ۋە باشقا تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىن ماتېرىيال توپلاش ئارقىلىق خېلى مۇكەممەل ھالدا مەرھۇم ھەققىدە ئۇچۇر بېرىپتىكەن. مەن شۇنىڭدىن بەزىبىر ئەھۋاللارنى بىلگەن ئىدىم.
مۇرات ناسىروفنىڭ ئادەمنى ھەممىدىن بەك قايىل قىلىدىغىنى، ئۇ بارغانلا يېرىدە ئۆزىنىڭ بىر ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، ئەژداتلىرىنىڭ قەشقەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭ زېمىنىدا ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرى، مەدەنىيىتى ھەققىدە توختىلىشنى ئۇنتۇپ قالمىغان، ھەتتا بۈگۈنكى روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، قازاقسىتان زۇڭتۇڭى مىرسۇلتان نەزەربايىف قاتارلىق ئەربابلار قارشى ئالغان سورۇندىمۇ مىللىتىمىزنى تونۇشتۇرۇشنى، ئۆزىنىڭ ئالدى بىلەن بىر ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئىپتىخارلىق بىلەن دېيىشنى ئۇنتۇپ قالمىغان.
مېنىڭ قارشىمچە بولغاندا چەتئەللەردە ياشىغان مەرھۇم مۇرات ناسىروفتەك بىر ئۇتۇق قازانغان چولپاننىڭ ئۇچرىغانلا يېرىدە ئۆز مىللىتى ھەققىدە دادىللىق بىلەن توختىلىشى ئادەتتىكى ئىش ئەمەس دەپ قارايمەن. |
|