- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 30574
- نادىر
- 15
- يازما
- 1405
ئۆسۈش
  51.44%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arkim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-26 10:01
ۋاڭ دا خاۋدەكلەرنىڭ يازمىلىرىنى ئۇ ئاساسى تېما قىلغان مىللەتنىڭ ئەزالىرى چوقۇم ئوقۇپ بېقىشى ۋە ئۇنىڭ نىمە مەقسەتتە يېزىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشى كېرەك. ئۇنداق مەرەزلەرنى تور يۈزىدە تىللاپ يۈرۈشنىڭ قىلچىلىك ھاجىتى يوق. ئۇنى تىللىساق پەقەت ئۆز ئاغزىمىزنى ۋە مۇنبىرىمىزنى مەينەت قىلىۋالىمىز خالاس...تورداشلارنىڭ ئىنكاس يازغاندا سوغوققان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مېنىڭ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىشىم ھەرگىزمۇ قۇتراتقۇلۇق قىلىش ئەمەس، بەزى كاللىسى شىرلىسىغا ئۆتىۋالغانلار ئاشۇنداق گۇمان قىلىپمۇ ئۈلگۈرۈپتۇ. مەن بۇ جاناپنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغاندىن كېيىن، ئارىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىنىڭ خەنزۇلارنىڭ يازمىلىرىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز قالغانلىقىنى بىلىپ ئەپسۇسلاندىم. بىر يەرشارىدا جۈملىدىن بىر مۇھىتتا ئورتاق ھاۋادىن نەپەسلىنىپ ياشاۋاتقان ئىككى خەلق بىر-بىرىنى چۈشۈنشمىسە زادى بولمايدۇ، شۇڭا تەرجىمانلار ئۆزىدىكى مەجبۇرىيەتنى ۋاقتىدا ئۆتۈشى لازىم...
ۋاڭ دا خاۋنىڭ ئەسەرلىرى مېنى تەرجىمە ساھاسىگە يەنە بىر قېتىم قىزىقتۇردى. مۇمكىن بولسا ئۇنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىنى ۋە ياكى باشقا خەنزۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆپلەپ تەرجىمە قىلىش ئىستىكىم بار. |
|