- تىزىملاتقان
- 2013-9-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 611
- نادىر
- 0
- يازما
- 56
ئۆسۈش
  22.2%
|
خەق نىمىگە ئىشەنسە سېنىڭ نىمە چاتىقىڭ ؟ خەق ئارقىدا قالسا ياكى ئىلگىرلىسە ، نىمە ناخشا ئېيتىپ نىمە ئۇسۇل ئوينىسا سېنىڭ يولۇڭنى توسمىسا ئۆزەڭ خەقنىڭ ئەركىنلىكىگە توسقۇنلۇق قىلدىڭ،خەقنڭ ماكانغا بېرىپ قوراللىق دەخلى-تەرۇز قىلدىڭ ، تاياق يىىيىشىڭ خوپ بولدى ،ئۇنداق ئەمەسمۇ ؟ سوۋىتنىڭ مۇشۇنداق خاتا تەدبىرلىرى بولغاچقا ،روسىيە ھازىرغىچە بۇنىڭ زىيىنىنى تارتىۋاتىدۇ . ئىلگىرى سوۋىت تەرىپىدىن دەخلى تەرۇزلۇققا ئۇچىرىغان كۆپلىگەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ، تۈركىيە قاتارلىقلار بۇلارغا نىسبەتەن قورقۇنۇچ ۋە ئۆچمەنلىككە تولغان ،ھەمدە تۈركىيە شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ روسىيەنى بېسىشتىكى موھىم بازىسىغا ئايلانغان ، تۈركىيە ھەتتا ش ئا ئە ت نىڭ ئايرۇپىلان قوراشتۇرۇش بازىسى بولۇپ ، روسىيەنى ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچىراتقان .
مەدەنيەت ياۋايىلار تەرىپىدىن كۆرۈنۈشكە كونتىرو قىلىنغاندەك بىر جەرياندا ، ۋەھشىلىك ،ياۋايىلىقنىڭ قەرزى گەدىنىگە چىقىپ بولغان بولىدۇ . شۇڭلاشقا يىغىلىشنى بىلىش ، باشقا نوقتىلاردىن تەپەككۇر قىلىپ تىزگىنلەش ،مەدەنىي كىشىلەر ،مەدەنىي سىياسەتنڭ ئەقەللىي ئەخلاقى . كۆپ سانلىق مىللەت دۆلەتنىڭ سىياسىتىنى دەستەك قىلىپ ئاز ساندىكى مىللەتلەرگە روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن زورلۇق قىلسا ، بۇ ئەسلىىنلا مۇقامغا چۈشمەيدىغان ئىش ، بۇ خۇددى چوڭ ئادەمنىڭ كىچىك بالىنى بوزەك قىلغىنىدەكلا ئاسان ئىش ، سەن خوش بولامسەن ؟ سەن ھەقىقەتچىلمۇ ؟ مۇشۇنداق زىيانكەشلىك ئادەم قىلىدىغان ئىشمۇ ؟ يەنە تېخى ئۆزەڭنىڭ غەلبەڭنى نۇمۇس قىلماي كۆز - كۆز قىلامسەن ؟
يۈرىكىمدىكى گەپلەر دە بۇ مۇشۇ گەپلەرنى جايىغا بېرىپ دەپ نىمە كۆرسەم كۆرەي دېگۈم كەپ كېتىدۇ زادى |
|