- تىزىملاتقان
- 2014-1-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1233
- نادىر
- 6
- يازما
- 32
ئۆسۈش
  23.3%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagdax-bahadiri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-18 21:09
hantagri123 يوللىغان ۋاقتى 2014-1-18 20:27 
تورداشلارنىڭ ئىنكاستا ئاساسلىق پىسخولىيەنى ئۆزىمىز ...
پىسخولوگىيە بىر ئەرزىمەس پەن ،لىكىن ئۇنىڭ رولىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ . ئەرزىمەس پەن دىگەندە ، ئۇنى ئۈگەنسىڭىز سىزگە باشقا پەندەك بىۋاستە ئىقتىسادى كىرىم ياكى مەلۇم چوڭ خىزمەت ئورنى بېرەلمەيدۇ ، ئۇنى موھىم دىگەندە ئۇنى تەتقىق قىلىدىغان كىشىلەرنى ئاق خالاتلىق پەرىشتە بولغان دوختۇر بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇشقا بولىدۇ ،ھەممىمىز بىلىمىز، ئادەم روھىيەت ۋە جىسمانىيەتتىن ئىبەرەت ئىككى قىسىمنىڭ بىرىكىشىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ،ئىككىسىدىن قايسىسى كىسەل بولسا نورمال خىزمەت قىلغىلى بولمايدۇ ، سىز ئالدى بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا دىققەت قىلىپ باقسىڭىز ھازىرقى دەۋىردە سىزگە كەلگەن بېسىمنىڭ كۆپلىكىدىن نەپەس ئالالماي قالىسىز ، خىزمەتچى بولسىڭىز خىزمەت بېسىمى ،ئوقۇغۇچى بولسىڭىز ئوقۇش بېسىمى ، ئاتا -ئانا بولسىڭىز ئۆي بېسىمى دىگەندەك ، بەزى كىشىلەر بۇلارنى جايىىدا بىر تەرەپ قىلالىغان بىلەن ، بەزىلەر بېسىمدا ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ،ئىددىيسىدە زىددىيەت كۆپىيىدۇ ، كۈنسىرى كەيپىياتى ناچارلىشىدۇ ، ئۇلار مۇشۇنداق بېسىم ئىچىدە يىنىك بولغاندا چارچاپلا يۈرۈيدۇ ،ئېغىر بولغاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ . مۇشۇ يەردە دەل پىسخولوگىيەنىڭ رولىنى كۆرەلەيسىز ،پىسخولوگىيەنىڭ تەتقىق قىلىدىغان ئوبىكتلىرىنىڭ بىرسى دەل مۇشۇنداق كىشىلەر ، ئۇلار قانداق قىلغاندا شۇلارنىڭ بېسىمىنى ھەرخىل يول بىلەن يىنىكلىتىشنىڭ ،ئۆزىنىڭ ئوي-پىكرىنى ئۆزگەرتىپ ، تېخىمۇ ياخشى روھىي ياشاشنىڭ سىرلىرىنى تېخىمۇ ئاددىي ئۇسۇل بىلەن كىشىلەرگە بىلدۈرۈپ ،كىشىلەرنىڭ روھىي ساغلاملىقىغا ھەرخىل تۆھپىلەرنى قوشىدۇ . شۇڭا پىسخىكلارنى روھىي ساغلاملىق دوختۇرى دىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ . بۇ پىسخولوگىيەنىڭ بىر قىسمى خالاس .شۇڭلاشقا ئامېرىكىدىمۇ ، جۇڭگۇدىمۇ بۇ پەن بەكمۇ قارشى ئېلىنىدۇ . |
|