قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2138|ئىنكاس: 17

يىڭى زاماندىكى يىڭىچە مەسىللەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.21%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3788
توردىكى ۋاقتى: 735
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-18 12:38:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kitabhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-18 12:39  


يىڭى زاماندىكى يىڭىچە مەسىللەر


   يىقىنقى يىللاردىن بۇيان شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تىزلىشىشى ۋە ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ گۈزەل يۇرت ماكان قۇرۇپ چىقىش چاقىرىنىڭ تۈرتكىسىدە،ناھىيە-شەھەر ۋە يىزىلاردا تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرماقتا .يەرلىك ھۆكىمەتلەر ناھىيە شەھەرلەرنى تۈزەش،مەدەنىي ۋە گۈزەل رايون قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بىر قاتار تەدبىر سىياسەتلەرنى تۈزۈپ ئىجرا قىلماقتا بۇ ئەلۋەتتە ئىنتايىن ياخشى بولغان قارار ۋە تەدبىرلەر ئىدى.بىز بۇ جەھەتتە ئەلۋەتتە ھەر دەرىجىلىك ھۆكىمەتلەر بىلەن بىر دەكلىكنى ساقلايمىز ھەم قوللايمىز...
لىكىن مەسىلە شۇكى بۇ مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش چاقىرقىنىڭ تۈرتكىسىدە يەنە يىڭىدىن ئارقىمۇ-ئارقا مەسىللەر كۆرۈلىشكە باشلىدى.ئاددىيسى يۇقارقى شەھەر -بازارنى مەدىنىيلەشتۈرۈش تەدبىرىنىڭ تەسرگە ئۇچۇرغان،قاتتىقراق زەربە يىگەنلەر بەلكىم بىزنىڭ كاۋاپچىلىرىمىز ۋە ناۋايلىرىمىز بولسا كىرەك.بۇ چاقىرىق بەزى يولسىز تىجارەتچىلەرنىڭ يوللارنى ئىگىلەپ نەرسە قويىۋىلىش،دۇكان سارايلارنىڭ قالايمىقان ۋىۋىسكىلىرىنى تۈزەش ،ناھىيە شەھەرنى گۈزەللەشتۈرۈش تەرەپلىرى ئارتۇقچىلىق تەرەپلىرى بولغان بولسا،موھىتنى بولغايدۇ دىگەن قالپاق بىلەن ناۋاي كاۋاپچىلىرىمىزنى دۇكاننىڭ ئىچىگە ھەيدىدۇق.نەتىجىدە كاۋاپچى-ناۋاي بىچارىلىرىمىز نان -كاۋاپلىرىمىزنى قارا كۆمۈر بىلەن پۇشۇرۇشقا باشلىدى.بىز ناھىيە شەھەرلەردە يەۋاتقان نان ۋە كاۋابلىرىمىز شۇ قارا كۆمۈردە پۇشۇرلىۋاتىدۇ.ئەمەلىيەتتە بىلگەنلەرگە ئايدىڭ،بۇ قارا كۆمۈرنىڭ ئىسىدا پۇشۇرغان نەرسىلەرنىڭ ئادەم بەدىنىگە ئىغىر زىينى بار.
ئوتوننىڭ ئىسى بىلەن كۆمۈرنىڭ ئىسى قەتئى ئوخشىمايدۇ.ئوتوننىڭ ئىسى ھاۋاغا سىڭىپ كىتەلەيدۇ.زەھەرلىك ئەمەس،موھىتنى بۇلغاش دەرىجىسى كۆمۈر ئېسىنىڭ ئالدىدا ھىچنىمە ئەمەس دىيىشكە تامامەن بولىدۇ.ئەمما كۆمۈرنىڭ ئىسى ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەندىن كىيىنمۇ خۇددى يامغۇرلۇق بۇلۇتقا ئوخشاش توپلىشىۋىلىپ ئۇ يوقالمايدۇ.خۇددى يەرلىك ئوت چۆپلەرنى كۆمۈپ قويسا قىغ بولوپ تۇپراققا ئۈزلىشەلىگەن بىلەن ئەمما خىمىۋى تالا،سۇلىياۋ قاتارلىق نەرسىلەرنى تۇپراققا كۆمۈپ قويسا نەچچە يىلدىن كىيىنمۇ يەنە شۇ پىتى تۇرغانغا ئوخشاش ...
ئەسلى موھىت قوغداش توغرا كەلسە زاۋۇت،كان كارخانىلارنىڭ يىقىلغۇسى بولىۋاتقان كۆمۈر يىقىلغۇسىنى ئالماشتۇرۇش،چاغان بايرىمىدا سەۋەبسىز چىقىم بىلەن ئىتىلىۋاتقان ئىتىلداقلارنى چەكلەش كىرەك ئىدى.مانا بۇلار ئەڭ ئالدى بىلەن مۇھىتنى ئەڭ ئىغىر دەرىجىدە بۇلغايدۇ...
ئەسلىدە ناۋايلارنى،كاۋابچىلارنى چەكلەش،ئۇلارنى دۇكاننىڭ ئىچىگە تىقىپ،كۆمۈردە يىمەكلىك ئىشلەپ چىقىرىپ خەلقىمىزنى زەھەرلەش بىلەن چەكلەنمەستىن بۇ ئاقىۋەتلەرگە ئىگە بولىشى كىرەك ئىدى .يا بولمىسا ناۋايلىق،كاۋابلىق دىگەن بۇ كەسىپلەرنى تولوق چەكلەپ قانۇنسىز دەپ ئىلان قىلىش ياكى بولمىسا ئۇلارنىڭ زەھەرلىك يىمەكلىك ئىشلەپ چىقىرىپ خەلىقنى زەھەرلەشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىرەر تەدبىر ئوتتورغا چىقىشى كىرەك ئىدى.
نۇرغۇن يىڭى-يىڭى كىسەللەرنىڭ پەيدا بولىشى ،دوختورخانىلىرىمىزنىڭ ئوموميۈزلۈك بارغانچە چوڭىيىپ،كىسەلخانىلىرىمىزنىڭ بارغانچە ئاۋاتلىشىپ،بۇ سەۋەبلەر بىلەن دۆلىتىمىز ۋە خەلقىمىزگە قانچىلىك زىيانلارنىڭ بولىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئويلىنىدىغان ھۆكىمەت ئاپپاراتلىرى بولىشى كىرەك ئىدى.ئەمما دەمەللىققا ئۆزىگە زىيان يەتمىسىلا پۈتۈن خەلىققە ئورتاق زىيان يىتىدىغان ئىش بولسا ھىچقىسى يوق دەپ قاراش،ئومومنىڭ ئىشى ئەمەلىيتتە ھىچىمنىڭ ئىشى ئەمەس دىگەندەك تەدبىر بەلگىلەش،سەۋەبىگە كۆڭۈل بولوپ ئاقىۋىتىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىك بەك ئىغىرلىشىپ كەتتى.ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ بىر توقام تەشكىلاتلىرىمىز بار ئەمما بەزىدە ئويلاپ قالىدۇ ئادەم ئۇلارنىڭ رولى زادى نىمە ؟
جەمىيتىمىزدە شۇنداق ۋە باشقا مەسىللەر كۆرۈلىشكە باشلىغاندا شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك باشقا يەنە بىر ئورگان زادى نىمە ئىش قىلدۇ ؟ئۇلار ئىشەك باقىدىغانلارما ؟
شەھەر قۇرلۇش ئىدارىسىدىن ناۋايلارنى دۇكانغا تىقىۋىتىپ ئۇلار كۆمۈردە كاۋاپ،نان پۇشۇرۇپ خەلىقنى زەھەرلەۋاتقان ۋاقىتتا يىمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش،نازارەت قىلىش ئىدارىسى،كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش قاتارلىق ئورونلار نىمە ئىش قىلىدۇ ؟ئۇلار ئوتتورغا چىقىپ كۆمۈردە نان ياقساڭ بولمايدۇ .بۇنىڭ مۇنداق-مۇنداق زىيانلىق تەرەپلىرى بار،بۇ خەلقىكە زەھەر يىگۈزگەنلىك بىلەن ئوخشاش دىسە ،ناۋاي ئۇنداقتا مەن ناننى نىمە بىلەن،نەدە ياقىمەن،مەن بۇ كەسىپنى قىلامدىمەن قىلمامدىمەن ؟بولمىسا ئۆيدىكى خوتوننى ،بۆشۈكتىكى بالىنى قانداق باقىمەن دىيىشى مومكىن.شۇ ۋاقىتتا ئاندىن ھۆكىمەت ئاپپاراتلىرى بۇ ئىشقا قايتىدىن قاراپ چىقىپ مۇۋاپپىق تەدبىر بەلگىلەيتى ئەمەسمۇ ؟
خەلىق ئاممىسىنىڭ نۇرغۇنلىرى بۇنداق ئىشلارنى بىلىپ كەتمەسلىكى مومكىن.ئۇلار بىلمەي ئىستىمال قىلىۋرىدۇ.ئەمما مۇناسىۋەتلىك ئورونلار نىمە ئىش قىلىدۇ ؟ئۇلارمۇ بىلمىسە ئۇلار تۇرىۋاتقان شۇ تەشكىلات ۋە ئاپپاراتلار نىمە ئۈچۈن،نىمە مەقسەتتە قۇرۇلغان ؟
بەزى ئورونلار ئۈچۈن كۆز ئالدىدىكى،بۇرۇننىڭ ئۇچىدىكى مەسىلە،مەسىلە.ئەمما باشقىلىرى مەسىلە ئەمەس ئوخشايدۇ.شۇ بىر مەسىلىنى تۈزەش سەۋەبلىك تالاي مەسىللەر كىلىپ چىقسا ئۇنىڭغا كۆز يۇمۇپ بىخارامان كىتىۋىرىدىغان ئوخشايدۇ...
يۇقارقىلارلا ئەمەس بۇنداق ئىشلار بەك كۆپىيىپ كىتىۋاتىدۇ.ئەڭ ئاددىيسى بىر ئوقوتقۇچى كىچە-كۈندۈز ئامانلىق خىزمىتى،كىچىلىرى ئۆي تەكشۈرۈشلەردە يۈرگەندە بىزنىڭ ساقچى ئورگانلىرىمىز بۇنىڭغا ئامانلىقتا تۇرۇش سالاھىتى يوق.ئامانلىق كىنىشكىسىمۇ يوق،كىچىسى چاشقان ماڭسىمۇ يۈرىكى ئىغىزىغا كەپلىشىپ قالىدىغان مىجىق خوتونلارنىڭ ئامانلىقتا تۇرۇش سالاھىتىمۇ يوق.چوقوم ئامانلىق خادىمى سەپلەش كىرەك،ساقچى بولمىغان كىشىلەرنىڭ باشقىلارنىڭ ئۆيىنى تەكشۈرۈش ھوقوقىمۇ يوق دىيەلىشى،كادىرلار ئىدراسى بىر ئىشچى خىزمەتچىنىڭ ھەپتىلىك خىزمەت ۋاقتى 45 سائەت ئىدى ئەمما ھازىر يەتمىش،سەككەن سائەتتىن ئىشىپ كەتتى دەپ ئوتتورغا چىقالىشى كىرەك ئىدى.ھەممىسى ئۆز فۇنكىسيىسىنى ياخشى جارى قىلدۇرسا شۇ كۆز ئالدىدىكى بىر مەسىلىنى ھەل قىلىش سەۋەبلىك ئۇندىن باشقا يىڭى تالاي مەسىللەرنىڭ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولاتتى.
مەن مومكىن قەدەر تەشكىلى ئاپپاراتلارنىڭ ئۆز فۇنكىسيىسىنى ياخشىى جارى قىلدۇرىشىنى،شۇنداقلا كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ ھۆكىمەت،پارتىكوملار بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ ،كۆرىلىۋاتقان مەسىللەرنى ئىلمى ئوتتورغا قويوپ ۋە شۇقداقلا ئۆزى دۇچ كەلگەن بەزى مەسىللەردە ئاڭلىق بولوپ ئۆزىنى ياخشى مۇداپىيە قىلىش ئىڭىنى يىتىلدۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن...

0

تېما

1

دوست

352

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25023
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 106
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-18 14:54:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ‏نىھال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-18 14:55  

  بۇ ماقالىدە ھەقىقى رىئاللىق چىنلىق بىلەن يېزىلىپتۇ .  دىمىسىمۇ بىر قىسىم  ئىشلار بەكلا چېكىدىن ئېشىپ كېتىۋىتىدۇ .  دوپپىسىنى ئېلىپ كەل دىسە ، بېشىنىلا ئېلىپ كېلىپ ئىش بېجىردىغانلا ر بارغانچە كۆپىيىپ كەتتى دىسە .  نىم دىگۈلۈك ، مۇشۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ  كېتەر دەپ ياشاۋاتقىلى ئۇزۇن بوپ كەتتى . سۇ باشتىن لاي  !
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

5

تېما

0

دوست

856

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   71.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16548
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 256
توردىكى ۋاقتى: 33
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-18 15:09:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  مۇشۇ شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسىدىكى ئاقنانچىلارمۇ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئويۇنچۇق ھالەتتە كورىدۇ . ھەر-ھەر چوڭ دۇكانلارنىڭ خوجايىنلىرى دۇكىنىنىڭ ئالدىغا ئاچىقمىغان بىر ئاتا-ئانىسى يوق ، باشقا ھەممە نەرسىلەرنى يىيىپ قويۇشىدۇ ، ئۇلارغا گەپ يوق، ئەمما كىچىككىنە يايمىنى كورسە چۇجىگە ئىتىلغان ساردەك بۇلاپلا ئىلىپ ماڭىدۇ ئىدارىسىگە .

0

تېما

1

دوست

1568

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   56.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20736
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 494
توردىكى ۋاقتى: 166
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-18 15:40:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ئاددىيسى بىر ئوقوتقۇچى كىچە-كۈندۈز ئامانلىق خىزمىتى،كىچىلىرى ئۆي تەكشۈرۈشلەردە يۈرگەندە بىزنىڭ ساقچى ئورگانلىرىمىز بۇنىڭغا ئامانلىقتا تۇرۇش سالاھىتى يوق.ئامانلىق كىنىشكىسىمۇ يوق،كىچىسى چاشقان ماڭسىمۇ يۈرىكى ئىغىزىغا كەپلىشىپ قالىدىغان مىجىق خوتونلارنىڭ ئامانلىقتا تۇرۇش سالاھىتىمۇ يوق.چوقوم ئامانلىق خادىمى سەپلەش كىرەك،ساقچى بولمىغان كىشىلەرنىڭ باشقىلارنىڭ ئۆيىنى تەكشۈرۈش ھوقوقىمۇ يوق دىيەلىشى،كادىرلار ئىدراسى بىر ئىشچى خىزمەتچىنىڭ ھەپتىلىك خىزمەت ۋاقتى 45 سائەت ئىدى ئەمما ھازىر يەتمىش،سەككەن سائەتتىن ئىشىپ كەتتى دەپ ئوتتورغا چىقالىشى كىرەك ئىدى.ھەممىسى ئۆز فۇنكىسيىسىنى ياخشى جارى قىلدۇرسا شۇ كۆز ئالدىدىكى بىر مەسىلىنى ھەل قىلىش سەۋەبلىك ئۇندىن باشقا يىڭى تالاي مەسىللەرنىڭ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولاتتى.
توغىرا بەزى ھۆكۈمەت ئۇرۇنلىرى ئۆز فونكىسسىيىسىنى يۇقاتقىلىۋاتىدۇ .قانۇن بولغانكەن ھەممىسىنى جايىدا ئىشلىتىش كىرەك .

1

تېما

8

دوست

3415

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   47.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24872
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1040
توردىكى ۋاقتى: 151
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-18 16:28:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر بىز-سىز ئەجىر قىلساق تاڭلائەتە ئەۋلادلار مەنپەئەتلىنىدۇ ...

0

تېما

7

دوست

2799

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17596
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 834
توردىكى ۋاقتى: 203
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-18 17:36:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇرس.  راك كېسەللىكىنىڭ ياشلارغا يۈزلىنىپ كېتىشى، بوۋاقلارنىڭ بىنورمال تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى، مەيلى قايسى خىل دوختۇرخانلارغا قارىسا مىغ-مىغ كىسەللەرنىڭ بولىشى....... مۇھىتنىڭ ۋە يىمەكلىكىمىزنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بولغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر.

5

تېما

4

دوست

3191

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   39.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16924
يازما سانى: 226
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 16
تۆھپە : 988
توردىكى ۋاقتى: 168
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-18 19:06:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇرۇس.... ھۆكۈمەت بۇ ئىشقا جىددى قارىشى كىرەك...

7

تېما

4

دوست

5483

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 156
تۆھپە : 1551
توردىكى ۋاقتى: 350
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-18 19:21:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىڭىز سەل غەلىتە يېزلىپ قاپتۇ. يېڭى زاماندكى يېڭى مەسىلىلەر دەپ ماۋزۇ قويغانغا چۇشلۇق كاۋاپچى بىلەن ناۋاينىڭ مەسلىسنى ئوتتۇرغا قويۇپسىز،ئاخىرىدا كادىرلارنىڭ دىجورنلىق قىلىشى بىلەن ئاخىرلىشىپتۇ.مۇشۇ يېڭى دەۋرىمىزدىكى يېڭى مەسىلىلەرما؟

نان بىلەن كاۋاپنى ئەزەلدىن كۆمۈردە پىشۇرۇپ سېتىۋاتىدۇغۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە كاۋاپچىلار يەنىلا سىرتتا ھېچ بولمسا ئاشخانىلارنىڭ ئالدىدا كاۋاپلىرنى ۋارقىراپ سېتىۋاتمامدۇ؟ ناۋايلارمۇ ھەم شۇنداق،
بىر كىچىك يەرىدىكى ئىشلارنى پۈتۈنلەي ئوموملاشقان مەسىلە سۈپتىدە ئوتتۇرغا قويۇش ئادەمنى قايمۇقتۇرۇپ قويدىكەن.

بىز دۇچ كەلگە مەسىلىلەر بۇنداق ئۇششاق چۈششەك ئىشلار بولىشى ناتايىن.
ئەسلىدە ھەر بىر خىزمەتنىڭ ئۆزىگە ياراىشا رولىنى جارى قىلدۇرۇش،ماس قەدەملىك تەڭشەشنى ئىشقا ئاشۇرۇماي بىر جايدا بىر ئىش يۈز بەرسە پۈتۈن چوڭ بىر ئۆلكىدە
ھەممكە كەسپ ساھالەرنى ئوخشاش شۇ خىل كۈچەيتىش تەدىبرلىرىگە ماسلاشتۇرۇش،
ئالاقىسى بولمىغان خىزمەتلەرنى مەجبۈرى يۈكلەش،غەلىتە بىر تەرەپ قىلىش ئۈسۇللىرى
ئادەمنى ئويغا سالىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )