قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 131|ئىنكاس: 0

«مەدەنيەت بوستانى»نىڭ ئالدى -كەينىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

151

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   50.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24903
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 50
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 01:47:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۆگىنىش قىلۋاتاتتىم،تۇيۇقسىز  ئۇستازىم  تېلفۇن  قىلىپ ئەتە  چۈشتىن  كېيىن سائەت  بىر يېرىمدا مەدەنيەت  بوستانى  پىروگگىراممىسى   ئۆتكۈزۈلدىغانلىقى ئامال  بولسا بېرىپ كۆرۈپ قاتنىشىپ ئۇستازلاردىن مىرسولتان ئوسمان  مۇئەللىم ،ئارىسلان   ئابدۇللا مۇئەللىم ،ئابلىز  ئورخۇنلارنىڭ سۆز قىلدىغانلىقنى ،ئاساسلىقى «قۇتادغۇبىلىك »نىڭ  يېڭدىن مىر سولتان   مۇئەللىم تەرپىدىن ئىشلەنگەن پەرغانە نۇسخسى  توغرىسدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدىغانلىقىنى ئېيتتى.
      ئوتتەك بىر ئىشتىياق  قەلبىمدەپەيدا بولدىيۇ يەنە ئىككىلىنىپ تۇرۇپ  قالدىم . چۈنكى  ئەتسى  بېرىدىغان ئىككى پەن ئىمتىھانغا  يەنە  تەييارلىق قىلمسام   بولمايتتى  .ئۇزاق  ئىككلىنىش  ۋە  ئويلىنىشدىن كېيىن  ئاخىرى بېرىش قارارىغا  كەلدىم  ،چۈنكى بۇنداق پۇرسەت ئەمدى   يەنە بىر  قېتىم كەلمەيتى   .
    ئەتسى ساۋاقدىشىم بىلەن مۇددەتتىن  بۇرۇن شىنجاڭ تېلۋىزىيە  ئستانسىنىڭ سۈرەتكەئېلىش زالغا يېتىپ باردۇق .باشقىلار سوغوقتاساقلىغاچ تۇنۇشلار ھەرخىل تېمدا پاراڭلاشماقتا،مەن بولسام ئۇزاقتىن  بۇيان ئىسمىنى  ئاڭلىغان،تېلۋۇزۇردىمۇخېلىبۇرۇن بىر ئىككى قېتىم كۆرگەن تىلشۇناس ، ئالم  مىرسولتان ئوسمانوف  توغرىسا خىيال سۈرۋاتاتتىم  « 84ياشقا  كىرگەن بۇ  بوۋىمىز  قانداقراقتۇ؟ياكى ئەينى يىللىرى مەن تېلۋۇزۇردا  كۆرگەندەك   تىمەنمىدۇ ؟،يەنە  شۇنداق جانلىق ،يۇمۇرىستىك   سۆزلىرى بىلەن  بىزنى كۈلدۈرەرمۇ ؟...»....
      تۇيۇقسىز  ئەتراپىمدىكلەرنىڭ  «مىرسولتان مۇئەللىم كەلدى»دېگەن سۆزلىرى بىلەن ئەينەك ئىشىككە بۇرۇلدۇم  ،بۇ مەنئۇزاقتىن  كۆرۈشكە  تەقەززا بۇلۇپ كەلگەن ئالىممىزنى تۇنۋالدىم ،قاش كىرپىكلىرى ئۇچتەك ئاقارغان  ،چىرايىدىن نۇر  يېغىپ  تۇرىدىغان بۇ  بوۋىمىز  تەسەۋۋۇرۇمدىكىدىن تېمەن ھالدا مېڭىپ بىز  تەرەپكە  قاراپ كېلۋاتاتتى ،ئولتۇرغانلار ۋە  پاراڭلىشىپ تورغانلار گۈررىدەئۇنىڭ  ئالدىغا  كەلدۇق   ،ۋە بىر  -بىرلەپ كۆرۈشتۇق، ئۇ  ھەربىرمىز بىلەنكۆرۈشكەندە  ئۈمىدلىك ،نۇرلۇق   كۆزلىرى بىلەن تىكلىپ قارايتى . مانا كۆرىشش نۆۋىتى ماڭا كەلدى  ئىككى قۇلىمنى ئۇنىڭغا  سۇندۇم ، ئۇ   قوللىرىمنى مەندىنمۇ  بەكرەك قىسىپ كۆرۈشتى،چىرايىمغا بولسا  خۇددى ئۆز باللىرىغا  ياكى  تۇنۇش  بىرسىگە   قارىغاندەك مېھرىبالىق  قارىدى  .ۋۇجۇدۇمدا  شۇ  زامان ئىللىق بىر سىزىم  تاراپ  كەتتى .مەن ئۇيغۇرلارنىڭ تەۋەررۈك بۇلۇپ  قېپقالغان  ،پەقەت  ئۇيغۇرلارلا  ئەمەس ،پۈتۈن تۈركىي قەۋىملەر ئارىسدامەلۇم  تەسىر ۋە ئابرويغا ئىگە ئاتا سۈپەت يىتۈك تىلشۇناس ئالىم
بىلەن  كۆرىشۋاتاتتىم  ،مەندىن   ئۆتۈپ  ئابلىز  ئورخۇن  ئەپەندىلەر بىلەن   كۆرۈشكەندە  بولسا  ئابلىز  ئەپەندىنىڭ يۇرتىنىڭ  شىۋىسى بويچە  «ئالتۇن  بويلىرى ئامانمۇ  ؟كۆمۈش تەنلىرى ئامانمۇ ؟ »دەپ ئۇنىڭ بىلەن دوستلارچە  چاقچاقلىشىپ  كۆرۈششى مەندىكى ئۇنىڭدىن ياتسىراش  ،ئەيمىنىش تۇيغۇسنى شۇنداقلا  زالدا پەيدا  بولغان  بىر  دەملىك تىمتاسلىقنى   ئاللىقاياقلارغىدۇر   ئۇچۇرۋەتتى .ئۆزىنى كۆرگىلى ۋە سۆزىنى   ئاڭلىماقچى بولغان بۇ  ئادەملەر بىلەن  ،بۇ  دىللار بىلەن ئۇ تېخمۇ  كۆپرەك سىردىشۋېلىشنى ئويلىسا  كېرەك  ،توختىماي  يېىندىكلەرگە  گەپ  قىلاتتى   ۋە سورىغان سوئاللارغا  زېرىكمەي - تېرىكمەي  جاۋاب بېرەتتى  .يېنغا بېرەرسى كەلسە دەرھال ئۇرۇن بوشتاتتى-يۇ،باشقىلار  رەت قىلىپ ئۇنى   ئولتۇرۋېلىشقا  ئۈندەيتى  .مۇشۇ   تەرىقىدە يېرىم  سائەت  ئۆتكەندىن  كېيىن  بىز  رەسمى فىلىمنى سۆرەتكە  ئېلىش زالغا كىردۇق  .
   بۇ يەردە  يەنە بىردەم ساقلاشقا توغرا   كېلەتتى،مەن ئۇنىڭدىن  كۆزۈمنى ئۈزمەي دىققەت قىلۋاتاتتىم .ئۇ  ئارسلان  مۇئەللىملەر  بىلەن  «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ھەرخىل نۇسخىللىرى ،تىلمىزدىكى  بىرقىسىم  سۆزلەرنىڭ بۇزۇلۇش سەۋەبى  ۋەبۇنى  ھەل  قىلىشنىڭ  يوللىرى  توغرىسدا قىزغىن   پاراڭلىشۋاتاتتى. مەن  ئۇنىڭ بۇ ھالىتنى   كۆرۈپ چوڭقۇر  ئويغا  پاتتىم ،بۇ   خىل  ئۆز تىل يېزىقى،ئۆز تەتقىقاتى ئۈچۈن توختىماي  ئىزدىنىش  روھى  بىزدىكى بىرقىسىم ئىلمىنى  پۇل  تېپىشنىڭ  ،يۈز  تېپشنىڭ ۋاستىسى  قىلۋالغان  ،نەپكە  ئېرىشىپ  بۇلۇپلا  كىتاب كۆرۈشتىن  ۋاز  كېچىدىغان  كىشلەر بىلەن  سېلىشتۇرغاندا بۇ خىل روھ نېمدىگەن   كەم  تېپلغۇسىز ھەم   ئۇلۇغ  ھە !...  
ئەسلى ئلىمي  روھ  دېگەن   مانا شۇنداق   بولشى  كېرەك  ئىدىغۇ  ؟
ئۇ   قولقنىڭ  ئېغىرلىشىپ  قالغىنغا  قارىماي ،يېندىكلەر  سورىغان  سوئاللارنى ئاڭلاشقا تىرىشاتتى  ،ئاڭلىيالمىسا قايتا سوراپتۇرۇپ سوئاللىرىغا  تولمۇ   تەپسىلىي جاۋاب بېرەتتى  .
   ئۇ شۇ  منىۇتلاردا  ماڭا  شۇنچىلىك تەبئىي  ۋە  سۈيۈملۈك  كۆرۈندكى ئاتا-ئانام ۋە قېرىنداشلىرىمىدىن باشقا بىرسى ماڭا ھازىرغىچە بۇنداق تەسرات   بېرىپ باقمىغان   ئىدى  .بىر  ئازدىن  كېيىن  پىروگگىراممنى   سۈرەتكە ئېلىش   رەسمىي   باشلاندى
      رىياسەتچىنىڭ  قانداق  بۇلۇپ  مۇشۇ   ياشقا كىرگەندە بۇ ئېغىر  ئىشنى  قىلشقا  تۇتۇش  قىلىپ قالغانلىقنى سورىغاندا  ،ئۇ  بىز  يۈسۈپ   خاس ھاجىپنىڭ  ھەقدار  ۋارىسلىرى  بۇلۇش سۈپتىمىز  بىلەن  بۇ  جەھەتتە تېخى  بىرەر  چوڭراق تەتقىقات  ئىلىپ  بارمىغىنمىز  ،ھازىرقى   تەتقىقاتلىرىمىزنىڭ   تۈركىيەلىك ۋە  باشقا  بىرقىسىم  چەتئەللىك  تەتىققاتچىلارنىڭ   تۇرغۇزغان مەتىنگە   ئاساسەن بولۋاتقانلىقنى ،بىز ئۇزىمىزنىڭ  بۇنى قىلىشمىزنىڭ   باشقىلارنىڭ  قىلغىنىغا قارىغاندا  تېخمۇ   ھەقلىق ۋە  توغرا   ئىكەنلىكنى  تۇنۇپ  يېتىپ ،تۈرلۈك   قىيىنچىلىقلارغا  يۇلۇقسىمۇ  بەل قۇيۋەتمەي   ،  تاماللىغانلىقنى .نېمەئۈچۈن ئۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ < شاھانە ئەسىرى>  دېگەن  سوئالغا بولسا   ئالىم  خۇددى مۇشۇ  سوئالنى  كۈتۈپ  تۇرغاندەك  ھازىر  جاۋابلىق  بىلەن  بىرقىسىم ماددىي  ئىسپاتلار  ،تارىخ نوقتىسدىن   تۇرۇپ  بۇنىڭغا  ناھايتى   توغرا جاۋاب بېرىش  بىلەن بىرگە ئۇيغۇر   تىلنىڭ ئالاھىدىلىكى نوقتىسدىن چىقىپ  تۇرۇپ  ،ئۇيغۇر  تىلنىڭ «ج»لىق  تىل  ئەمەس بەلكى «ي»لىق   تىلى  ئىكەنلىكى  يەنى  «جاقسى»دېمەي  «ياخشى»دېيىلدىغانلىقى  ،«س»لىق  تىل  ئەمەس  بەلكى «ش»لىق  تىلى ئىكەنلىكى يەنى  «باس»ئەمەس  ،«باش»دېيىلدىغانلىقى  ،قاتارلىق لىكسىكىلىق  ۋە گىرامماتىكىلىق  ئالاھىدىكلەرنىڭ   «قۇتادغۇبىلىك»تە  ناھايتى  روشەن   ئىپادىلەنگەنلىكنى  شۇ نوقتىدىنمۇ بۇ ئەسەرنى   ئۇيغۇرلارنىڭ شاھانە ئەسرىدەيدىغانلىقمىزنى ناھايتى ئىلمىي  ۋە   قىزىقارلىق تىل   بىلەن   ھالدا  ئىپتخارلانغان كۆرسىتىپ   ئۆتتى  .بۇنىڭدىن  مەنلا  ئەمەس  پۈتۈن  تاماشبنىلار ئۆزىمىزنىڭ   تىلى   ۋە  بۈيۈك ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك   »ھەققىدە  باشقا   جايلاردا   ياكى  سىنىپلاردا   ئولتۇرپ  ئاڭلاپ ئېرىشەلمىگەن   يېڭى   بىلملەرگە ئىگە  بولدۇق  .
     ئاخىرىدا  پىشقەدەم  ئالممىز  ئۆزىنىڭ   تىل  تەتقىقاتىدا   شۇنچە   يىل ئىشلىگەن بولسىمۇ  ،ئۇيغۇر  تىلنىڭ بەزى   بىرقىسىم  تۈركىي  مىللەتلەرنىڭ   تىل   ئالاھىدىككە بېقنىپ   كەتكەنلىكنى   ،بۇنى  تۈزىتىشكە  شۇنچە   تىرىشقان  بولسىمۇ  ،ئۆزگەرتىپ   بۇلالمىغانلىقنى  بىلدۈرۈپ ، ئەپسۇسلىنىشنى   بىلدۈردى  .
ئۇ  يەنە  ئەسەرنى   ئىشلەشتە  ئەمەل   قىلغان   بىرقىسىم   ئىلمىي   پىرىنسىپلار ۋە  قىيىنچىلقىلارنى  ناھايتى  سەممىيلىك ۋە  ئىنىچلىك     بىلەن  سۆزلەپ   ئۆتتى. ئاخىردا   ئارسلان   مۇئەللىم  بۇ   مۆھترەم  ئۇستازغا  بولغان   باھاسنى   رىياسەتچنىڭ   "ئىككى   كەلمە  قىلىپ يىغىنچاقلاپ    سۆزلەپ   بەرسىڭىز  " دېگىنگە   قارىماي  ئۇنىڭ   تەتقىقات  جەھەتتكى تۆھپىسنى   ناھايتى   تەپسىلىپ   ئەتراپىق  سۆزلەپ  ،يۇقرى   باھالارنى   بېرىپ  ئۆتتى.
بىر  ئۆمۈر ئۇيغۇر  تىلى  ئۈچۈن  قان   تەر  ئاققۇزغان  ،شۇنداقلا مەرھۇم   تىلشۇناسئىبراھىم   مۇتئى  بىلەن مەھمۇت   قەشقىرىنىڭ  يۇرتنى  ئىلمىي  يۇشۇندا   ئېنىقلاپ  چىقىپ  ،دۇنيادىكى  پۈتكۈل ئۇيغۇر  مىللىتنى   ئىپتخارلاندۇرۇپ ،ئۇيغۇرلارنىڭ   بېشنى باشقا  تۈركىي   مىللەرتلەر ئالدىدا  تىك  تۇتۇپ يۈرۈش  ئىمكانىيتىگە   ھەسسە  قوشقان  يېشى 80دىن   ئاشقاندىمۇ  بۇشاشماي  يەنە  ئۇيغۇررلارنىڭ يەنە  بىر  شاھانە ئەسرى «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ  فەرغانە نۇسخىسنىڭ   مەتىننى چىققان  بۇ   ئالممىز بىلەن  بولغان   سۆھبەت  ئەنە شۇنداق   ئاخىرلاشتى  .
كۆزۈم   قىيمىغان  ھالدا   ئالم   بىلەن خوشلاشتىم  .
       مەكتىپىمگە  قايىتقۇچە ئۇنىڭ   ئاشۇ   خۇشخۇيلۇقى ،كەمتەرلىكى  كۆزئالدىمدىن  كەتمىدى  .بۇ   تەسراتلارغا ئىلگىرىكى  بىر  قىسىم  ئۇنىڭ  بىلەن  بىۋاستە ئۇچراشقان  ساۋاقداشلىرىمنىڭ  ئۇنىڭ  كەمتەرلىكى  ،ياخشى   پەزىلىتى ،ھەتتا  ھېرىپ  ياكى ئاغرىپ قىلىپ ياتقان  بولسىمۇ   تىل   توغرىسدا  چۈشەنمىگەن  بېرەر  نەرسىنى  سوراپ   بارسا دەرھال  جانىلىنىپ  ئېرنىمەي  زىرىكمەي چۈشەندۈرۈپ قۇيدىغانلىقى  توغرىسدىكى  بايانى  ،ئۇيغۇر  مۇئەللىمىلىرىمىلا  ئەمەس  ،بىرقىسىم   باشقا قېرىنداش  مىللەتلەردىن  بولغان  مۇئەللىرىمۇ ئۇنىڭ   تىل  تەتقىقاتىدىكى ئەستايىدىللىقى  ،تىلشۇناش،ئالىمغا  چۈشلۇق  مول  بىلم ۋەكەمتەرلىكى  توغرىسدىكى تەكرار  بايانىلىرى قۇشۇلۇپ ،خىيالىمدىكى بۇ  ئۇرۇققىنە  ،ۋىجىك بوۋاي  شۇنچە  زورىيىپ  بارماقتا  ئىدى  .
     ئىچىمدە   يەنە بىر  قىسىم كىشلەرگە  ئاچىق   كۈلمەكتە  ئىدىم  .بىلىمنىڭ  تاينى   يوق   ،گەپ  سېتىش  بىلەن   باشقىلارنى  ئاغزىغا   قارىتىشنى   كەسىپ  قىلۋالغان ،  ئۆزىنى   باشقىلارغا كۆرسىتش   كويدا  قاتراپ  يۈرگەن ھالى قالمىغان بىچارىلەرگە   بۇ   تەۋەررۈك  ئۇستاز كەمتەرلىك  توغرىسدا  ئۈنىسز  دەرىس ئۆتمەكتە  ،كىتاب كۆرۈش خوشياقمايدىغان  ،ئۆزىدە   نە بىر  ئىلمىي   روھ بولمىغان  پەقەت   كەسپىي ئۈنۋانىلا  تەتقىقاتچى،پروففىسور  ئاتلىپ  قالغان  كىشلەرگە   خىيالىمدىكى   مۈكچىيىپ  ئولتۇرۇپ   كەسىپنى   سۈيۈپ  تۇرۇپ   ئىشلەۋاتقان  بۇ  كەمتەر  بوۋاي  ئاچچىق   كۈلمەكتە  ئىدى  .
            ئۇلار  خىيال دۇنيارىمدا  بۇ   مۆھتىرەم  ئۇستازنىڭ  ئالدىدا   قورۇلۇپ  كىچىكلەپ   بارماقتا  ئىدى. ئىچىمدە   بۇ   ئوستازغا  سالامەتلىك   ۋە   ئۇزۇن  ئۆمۈر  تىلەيتىم   سالامەت  ۋە  ئۇزۇن   ئۆمۈر  كۆرگەيسىز  بوۋا  !!!




كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )