- تىزىملاتقان
- 2012-9-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5451
- نادىر
- 0
- يازما
- 338
ئۆسۈش
  9.02%
|
ھازىر رايونىمىزدىكى ھەرقايسى يېزا- بازارلار، كەنت- مەھەللىلەرنىڭ ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىغا مەخسۇس «ئەرز- ھال ئېيتىپ كەلگەنلەرنى كۈتۈۋېلىش ئورنى» دەپ دۆلەت گىربى (بايرىقى) نى يوپۇشتۇرۇپ، مەخسۇس «خادىم»، مەخسۇس ئۆي ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىرقىسىم ئىشلارنى ھەل قىلدى، خەلققە مايىل بولدى، ئەمما بىلىشىمچە بىرقىسىم مۇشۇنداق ئاتالمىش «ئەرز- ھال ئېيتىپ كەلگەنلەرنى كۈتۈۋېلىش ئورنى» نىڭ ئەمەلىي خىزمىتى قانداق دېسە، ھىچبىر قىلغان ئىشىنىڭ تايىنى يوق، شۇ قۇرۇق قەغەز بوياپ، يالغانچىلىق قىلىپلا ئۆتكىنى ئۆتكەن.
مەنچە بولغاندا ئەشۇ كەنت كومىتېت قورۇسىغا مەخسۇس بۇنداق ئۆيلەرنى تەسىس قىلمىسىمۇ، بىرەر يېرىم ئادەمگە قوشۇمچە ۋەزىپە تەقسىم قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى بېكىتسە، مەھەللىلەرنى ئارىلاپ، ئاۋام بىلەن مۇڭدىشىپ، ئەھۋال ئىگەللەپ، ھەل قىلىدىغان ئىشلار بولسا ھەل قىلالىسا ھەل قىلىپ بەرسە، بولمىسا يوقۇرغا ئاكتىپلىق بىلەن ئىنكاس قىلىپ، بىرلىكتە ھەل قىلىشىپ بەرسە بولاتتى. ئىسىت دەيمەن، ھۆكۈمەتنىڭ شۇ ئەسلىھەلەر ئۈچۈن قىلغان پۇللىرى. بۇنچىۋالا داۋراڭ سېلىپ، كۆز بويامچىلىق قىلىپ يۈرۈشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى. ئەرز قىلغان ئەرزىيەتچىلەرنى مەخسۇس يىغىپ، «سىياسىي ئۆگىنىش» كە ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئىشلارنى مەنمۇ ئاڭلىغان. ئەمەلىيەتتە بۇنچىلىك قىلىپ كېتىشنىڭ تېخىمۇ زۆرۈرىيىتى يوققۇ؟ قىسقىسى مەركەزدىن بىر ياخشى چۈشكەن سىياسەتلەر تۆۋەنگە كەلگەندە مۇشۇنداق قالايمىقانچىلىققا ئايلىنىپ، ئۈنۈم تۆۋەنلەپ، نىشان سۇسلاپ قېلىۋاتىدۇ. قانۇنلۇق ئىش «قانۇنسىز»، قانۇنسىز ئىش «قانۇنلۇق» بولىۋاتىدۇ. بىر تەرەپتىن بەزى ئىشلار ئوڭشىلىۋاتىدۇ- يۇ، يەنە بىر تەرەپتىن بۇزۇلىۋاتىدۇ.
يوقۇردا ئېيتىلغان جاۋ ئىسىملىك بىلەن نازىرنىڭ ئايالىنىڭ ئورۇنسىز تاياق يەپ ئىگىسى چىقماسلىقى، مەن ئاڭلىغان بىرقىسىم ئەرزىيەتچىلەرنىڭ ئەرز قىلغان جايىدىن قايتۇرۇپ كېلىنىپ، ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ «سىياسىي ئۆگىنىش» قىلدۇرۇلۇشىدەك ئىشلار ئادەمنى ھەقىقەتەن ھەيرانلىق بىلەن ئويغا سالماي قالمايدۇ. |
|