- تىزىملاتقان
- 2013-4-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 843
- نادىر
- 0
- يازما
- 46
ئۆسۈش
  68.6%
|
تىلشۇناس ئارىسلان ئابدۇللا : «ئۆز تىلىمىزدىكى سۆزلەرنى پەس كۆرۈپ ، قارىغۇلارچە باشقا مىللەتنىڭ سۆزلىرىنى ئۇلۇقلاش كەيپىياتى شەكىللىنىپ قالدى» دىگەن ئىدى .
قېنى قايسىمىز يۈرەكلىك ھالدا رەھبەرلەرنى «ئىدارە باشلىقى ، مەكتەپ مۇدىرى ، يېزا باشلىقى ، ساقچىخانا باشلىقى ، پونكىت باشلىقى .....» دىيەلەيمىز ؟ بىز دىيەلەيمىز ، ئەمما باشلىق ياكى دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەندەك ھىس قىلىدۇ ، ياكى تەنە قىلىۋاتىدۇ دەپ چۈشىنىدۇ . ھەسەن جۈجاڭنى «ئەي جۈجاڭ» ، غالىپ شاڭجاڭنى «گا شاڭجاڭ» ، ساۋۇت زەنجاڭنى «سا زەنجاڭ» ، قاسىم مۇدىرنى «كا شوجاڭ» دىسىڭىز «ھەيۋەت» ئاڭلىنىدۇ . (ئۇلار ئۆز ئىسمىغا خەنزۇچىدا يوق تاۋۇشنى باش ھەرپ قىلىپ قويۇپ قويغان ئاتا - ئانىسىنى قاغاپ كىتىشىمۇ مۈمكىن) . |
|