- تىزىملاتقان
- 2012-9-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8810
- نادىر
- 0
- يازما
- 717
ئۆسۈش
  76.2%
|
زىرەك يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 18:00 
قۇياشتىكى قارا داغنى تىما قىلىپ يولىغىنڭىڭز بولماپتۇ ...
سىزنىڭچە قانداق تېما يوللىسا بولاتتى؟ گەرچە كىچىك ئىش بولسىمۇ بۇمۇ تەبىئى پەننىڭ بىر قىسىمى. نۇرغۇنلىغان بىلىش ۋە تەرەققىياتتلار مۇشۇنداق بايقاشلاردىن، باشلىنىشلاردىن كېلىدۇ. ئاددىسى مەنمۇ تا ھازىرغىچە قۇياشتىكى داغنى بىۋاستە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم. ئەتىگەندىمۇ دىققەت قىلماپتىمەن. بولمىسا تەبىئەتتىكى غەيرى ھادىسىلەرگە بەك قىزىقاتتىم. كۆرەلمەي قالغىنىمغا ئەپسۇسلىنىمەن. ئەتىدىن باشلاپ تېما ئىگىسى قېرىندىشىمىز تەۋسىيە قىلغان ۋاقىتتا قاراپ باقىمەن. ئاشۇنداق مەنزىرىنى كۆرەلىشىمگە ئاللاھ نېسىپ قىلسۇن!
بەلكىم سىز ئۇنداق ئىشلارنى ياخشى بىلىدىغانسىز. لېكىن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، مۇنبىرىمىزدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر ياخشى بىلمەيدۇ. شۇڭا سىزنىڭمۇ كەڭ قورساقراق بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. تەنقىدلەي دېسىڭىز ئادەمنىڭ بىر مۇنچە ۋاقتىنى ئالغانغا چۇشلۇق ئۆتكۈنچى تۇيغۇدىن باشقا ھېچنىمە بېرەلمەيدىغان ئەدەبى ئەسەرلەرمۇ بار. ھەتتا غەيۋەت خاراكتېرى خېلىلا كۈچلۈك يازمىلارمۇ بار.
تولۇپلاپ دېگەن سۆزىڭىزنى چۈشەنمىدىم. تولۇقلاپ دېمەكچى بولۇپ شۇنداق يېزىلىپ قالدىمۇ ياكى باشقا مەنىسى بارمۇ؟ |
|