قومۇل ھۆكۆمەت تور بېكەتلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى
قومۇل ھۆكۆمەت ئورۇنلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىنى ھازىر ساناپ باقسام مەن بىلىدىغان ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەردىن بىر قانچىسى باركەن.قومۇل ۋىلايەتلىك مەھكىمە تور بېكىتى،پالۋانتۇر بازارلىق ھۆكۆمەت تور بېكىتى.ۋىلايەتلىك مەھكىمىە تور بېكىتىنىڭ ئۇچۇر يېڭىلىنىش سۇرئىتى ئاستا، تۇرغۇزغان سەھىپىلەرنىڭ كەڭ ئۇيغۇر ئاممىسىغا مەنپەئەت يەتكۇزىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئاممىسى قومۇلدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يېڭى سىياسەت،يېڭى ئۇچۇرلاردىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولالمايدۇ.خەۋەردار بولىشى ئۈچۈن چوقۇم خەنزۇچە بىلىشى كىرەك.لېكىن قومۇلدا خەنزۇچە يېزىقتىن پايدىلىنىپ ماتىريال كۆرەلەيدىغان كەڭ خەلق ئاممىسى 30%گىمۇ يەتمەيدۇ. باغداش تور بېكىتى قومۇلدا ھەم ئاپتونۇم رايون تەۋەسىدە ھۆكۆمەت ئورۇنلىرىدىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا باشلامچى تور بېكەت دىيىشكە بولىدۇ.باغداش تور بېكىتى ھۆكۆمەت تور بېكىتى ئەمەس.ئەمما قومۇلدىكى تورغا چىقالايدىغان ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى بۇ تور بىكەتكە كىرىپ ئۆزىنىڭ ئىچ باغرىنى تۆكىدۇ.قومۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ.باغداش تور بېكىتىنىڭ موشۇ ئالاھىدىلىكى باشقا ھەر قانداق تور بېكەتتىن پەرقلىنىدۇ.باغداش راست سۆزلەيدۇ،باغداش موشۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن باغداش. قومۇلدىكى ھەر قايسى بازارلىق ھۆكۆمەتلەر،يېزىلىق ھۆكۆمەتلەرنىڭ 90%نىڭ ئۇيغۇرچە تور بېكىتى يوق،بۇ ئورۇنلارنىڭ بۇنداق ھالەتتە بولىشى بۇ ساھەگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئۇيغۇر باشلىقلار يوق.ياكى ئۇلار باشقا ئىشلار بىلەن بەك ئالدىراش. قومۇلدا ئۇيغۇر باشلىقلارنىڭ بۇ ساھەگە كۆڭۈل بۆلىشى يىتەرلىك ئەمەس،ياكى بۇ توغۇرلۇق ھىچنىمە ئۇقمايدۇ.قومۇل ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى،قومۇل شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىنىڭمۇ قومۇل مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ئوقۇتقۇچىلار ئۆز –ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرغىدەك تور مۇھىتى يوق. يەنە بىر ئالاھىدە ئەھۋال قومۇل شەھەرلىك ھۆكۆمەتنىڭ خەنزۇچە تور بېكىتى بار ،لېكىن ئۇيغۇرچىسى يوق.ئۇيغۇرچە تور بېكەت قۇرغان ھۆكۆمەت ئورۇنلىرىنىڭ مەسئوللىرىنى قانۇن بويىچە جازالامدۇ يە؟ |