- تىزىملاتقان
- 2013-9-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1017
- نادىر
- 0
- يازما
- 98
ئۆسۈش
  1.7%
|
مەن 2013-يىلى 7-ئايدىن 10-ئايغىچە 5ئادەمنىڭ پاسپورتىنى بېجىرىشكە يول ماڭدىم. ئالدىنقى تۇركۇمدىكى 3 ئادەم 1ئايغا قالمايلا پاسپورتىنى قولىغا ئالدى . كېيىنكى 2 ئادەممۇ يول ماڭغان كۇندىن باشلاپ 2 ئاي ئىچىدە پاسپورتىنى قولىغا ئالدى. ھەممىسى سودا مۇناسىۋىتى بىلەن بېجىرىلگەن خۇسۇسىي پاسپورتلار. ئۇلار ئالدى ئىككى قېتىم ، كەينى 1 قېتىم چەتئەلگە چىقىپ كىردى. پاسپورتىنى ھېچكىم يىغىۋالمىدى.
پاسپورت بېجىرىشتە 2012-يىلدىكىگە قارىغاندا كۆپ ئاسانلاشتى. گوباۋ،ئەنچۇنجۈ دېگەندەك جايلارغا بارمىدۇق. ئەمما كېيىنكى تۈركۈمدىكىلەرنىڭ پاسپورتىنى بېجىرىشكە ياردەملەشكىنىمدە ، دىنىي ئىشلار ئىدارىسى دۆلەت مەمۇرىيسىدىن ئىككى ئادەم كېپىل بۇلۇپ بەرسۇن دەپ بەك چىڭ تۇرۇۋېلىپ، پاسپورت بېجىرمەكچى بولغانلار تۇرۇشلۇق مەيداندىكى مەندان باشلىقلىرى كاپالەتنامە يېزىپ بەرگەندىن كېيىن دىنىي ئىشلار ئىدارىسى ئاندىن تامغا ئۇرۇپ بەردى.
ھازىر بېجىرىلىدىغان پاسپورتلارنىڭ ھەممىسىلا خۇسۇسىي پاسپورت ئىكەن. ئەمما بېجىرىش جەريانىدا ساياھەت ئۈچۈن ،سودا ئۈچۈن،ئوقۇش،خىزمەت قىلىش ئۈچۈن، تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن دىگەندەك سەۋەبلەر بىلەن بېجىرىلگەچكە مۇشۇ ناملار بىلەن ئاتىلىدىكەن. ھەممىسىنىڭ ۋاقتى 10 يىللىق ئىكەن .
ھەممىدىن ئاسان پاسپورت بېجىرەلەيدىغانلار شىركەت قانونىي ۋەكىللىرى. تاشقى سودا شىركەتلىرىدە ئىشلەيدىغانلارمۇ باشقىلارغا قارىغاندا ئاسانلا پاسپورت بېجىرەلەيدۇ.
ھازىر بېيجىڭ قاتارلىق ئىچكى ئۆلكە شەھەرلىرىدە پاسپورت بېجىرمەكچى بولسا شۇشىركەتتە ئىشلىگەن سىتاژى 5يىلبۇلۇش ۋە تاپشۇرغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تالونلىرى بۇلۇش تەلەپ قىلىنىدىكەن. دىنىي ئىشلار ئىدارىسىدىكىلەرنىڭ دېيىشىچە بۇئىشلار بۇ يىلدىن باشلاپ شىنجاڭغىمۇ يېتىپ كېلىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن.
2013-يىلى 6- ئايدىن باشلاپ شىنجاڭدا پاسپورت بېجىرىش بۇرۇنقى يىللاردىكىگەقارىغاندا خېلىلا ئاسانلاشتى. ماڭىدىغان ئىدارىلىرىمىزمۇ ئازايدى. |
|