- تىزىملاتقان
- 2012-9-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5451
- نادىر
- 0
- يازما
- 338
ئۆسۈش
  9.02%
|
بۇ ھەقىقەتەنمۇ ياخشى تەكلىپ- ياخشى تەسەۋۇر بوپتۇ. ئويلىنىپ كۆرۈشكە، ئازراق بولسىمۇ ھەرىكەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىش ئىكەن. مەنمۇ ئادەتتە ئەڭ يېقىن كىشىلىرىمگە بەزىدە كىتاب سوۋغا قىلىمەن. ھازىرغىچە سوۋغا قىلغان كىتابلىرىم (ئون نەچچە يىل) ئىچىدە تەخمىنەن 10 پارچىلاردىن ئاشامدىكىن. سوۋغات قىلغان كىتابلىرىم ئاساسەن ئەژداتلىرىمىزنىڭ ئۈگۈت-نەسىھەتلىرى، باتۇر، ئۇتۇق قازانغان قىز- ئوغلانلىرىمىزنىڭ (رىئاللىقتىكى ياكى تارىختا ئۆتكەنلەر) تەرجىمھال خارەكتېرلىك كىتابچىلىرى، يېقىندا نەشردىن چىققان «قۇتادغۇبېلىك» (ئاۋازلىق)، تارىخىي رومان دېگەندەكلەر بولىۋاتىدۇ. ئەمدى بۇ تېمىنى كۆرۈپ، مۇشۇنداق بىرقىسىم ئىشلاردا سوۋغاتلىققا كىتاب ئېلىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشنى ئويلىشىۋاتىمەن. |
|