- تىزىملاتقان
- 2013-1-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1905
- نادىر
- 0
- يازما
- 103
ئۆسۈش
  90.5%
|
بىزنىڭ ئۇيغۇريېزىقىمىز گۈزەل يېزىق! ئەگەر شارائىت ياخشى بولسا
ئىستىقبالى ياخشى بولاتتى! ئەپسۇس!.......
ئۆلۈمدىن زادى قوقمايمەن، ياشامتىم مەڭگۈ ئۆلمەستىن
( سەھىلبۇخارىدىكى بىرغەزەلنىڭ ئىزىدىن)
ئىتىقادىم تەۋرەنمەيدۇ تىشىلمەس پولات قالقاندىن ،
توسسىمۇ ھەق يولىدىن،ھەيۋە ئاقماي كۈلۈپ يالغاندىن.
يېنىشقا قىستايدۇ ھەق يولدىن ھۆرپىيىپ تەھدىت سېلىپ،
ئازغۇنلۇق يوق بىراق ماڭا ھەقدىن ئايرىلىپ قالغاندىن.
ھەقنى يوقىتىش ئارزۇسىدا ھەرخىل ھىلە ئىشلەتكەچ ،
.قولۇم باغلاندى بىلىنمەس، ئايرىلدىم قار شى ئىمكاندىن.
،زۇلۇم قىلار خالىغانچە ھەددىدىن ئېشىپ بەك تېشىپ ،
شۇڭا تىنىم بولۇپ قالدى قۇرۇق جازا ئۇستىخاندىن.
،ئۆلۈم كۈتمەي يەنىلا كۈتىمەن مەدەتنى تىرىشىپ
ئۇلۇغ تەڭرىم مەدەتكارىم مەدەت كۈتمەيمەن ئىنساندىن.
مەيلى ئىشلەتسۇن قانداق ھىلە ھەق يولدىن چىكەتمەيمەن،
چۈنكى مەندىكى كۈچلۈك ئىمان ھەققە سوققان ۋىجداندىن.
،ھەق ئۈچۈن ھەق يول ئۈچۈن بايلىق دىگۈل بۇجان پىدا،
ئۆلۈم مىڭ ئەۋزەل ھەق يولىغا ئاسى بولۇپ قالغاندىن.
ئۆلۈمدىن زادى قوقمايمەن ياشامتىم مەڭگۈ ئۆلمەستىن،،
ئۆلۈم مىڭ ياخشى ئاسىلىق قىلىپ ھەق يولدىن يانغاندىن.
مەنبەسى : ئۆزۈم
2013-
|
|