- تىزىملاتقان
- 2012-7-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 4004239
- نادىر
- 5
- يازما
- 54
ئۆسۈش
100%
|
لەن پىڭ مەردانىلىق بىلەن سۆزلىگەندىن كىيىن پىشانىدىكى چېچىنى بىر قۇر تۈزەشتۈرۈپ قويۇپ ،تولىمۇ كەمتەر قىياپەتتە :
ـ جىياڭ سەنمۇ ،مەن يىڭىدىن پارتىيەگە كىرگەنمەن ماۋجۇشىنىڭ نەزىرىيىسىنى ئۆگىنىشتە ئاز بولمىغان مەسىللەرگە دۇچ كەلدىم ،چۈشىنەلمىدىم ، بۇ نۆۋەت ماۋجۇشىدىن تەلىم ئالاي دەپ كەلدىم ،ـ دىدى.
تەخمىنەن يىرىم سائەتچە ۋاقىتتىن كىيىن ،ماۋجۇشى خەۋەرچىسىگە مىنىڭ لەن پىڭنى باشلاپ كىرىشىمنى ئۇقتۇردى ،ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن ،ئۆينىڭ خېلى ئوبدان يىغىشتۇرۇلغانلىقىنى ،لېكىن شىرەنىڭ ئۈستىنىڭ قۇپ ـ قۇرۇق تۇرغانلىقىنى ،ھۆججەتلەرنىڭ ئارقىغا ئېلىۋېتىلگەنلىكى ،ئۇنىڭ ئۈستىگە گىزىت يېپىپ قويۇلغانلىنى كۆردۈم .بۇ پارتىيە ئىچىدىكى باشقا يولداشلارنىڭ كەلگىنىگە ئوخشىمايتتى .
لەن پىڭ ماۋزېدۇڭنىڭ ئۆيىدە تەخمىنەن 2 سائەتتىن ئوشۇقراق تۇرغاندىن كىيىن خۇشال يىنىپ ھالدا يىنىپ چىقىپ ،ناھايىتى ئەدەپ ـ قائىدىلىك بىلەن ماڭا ؛
ـ رەھمەت سىزگە ،جياڭ سەنمۇ ،خەيىرـ خوش ،-دىدى ـ دە ،يەنە ھۆججەت ماتىرىيال تاپشۇرۇش ـ تارقىتىش ئۆيىگە قاراپ ماڭدى ،ئۇ يەردىكى يولداشلار بىلەن خوشلاشقاندىن كىيىن ، تەمكىن ھالدا ئالدىرىماي مىڭىپ چىقىپ كەتتى .
يەنە بىر يەكشەنبە كۈنى لەن پىڭ يەنە كەلدى .ماۋزېدۇڭنىڭ يىنىدا بىرپەس تۇرۇپ چىقىپ كەتتى .كىيىنكى چاغلاردا ئۇ پات -پات كېلىپلا تۇردى ،تولا چاغلاردا يەكشەنبىدە كېلەتتى .
لەن پىڭ خېلىلا زېرەك ئىدى .ئىجتىمائىي تەجىربىسىمۇ بەكلا مول ئىدى .شۇ چاغلاردا ،ئۇنىڭ بىز بىلەن خىزمەتچىلەرگە ۋە مۇھاپىزەتچى جەڭچىلەرگە ھەتتا ئومۇمنىڭ ئىشلىرىنى قىلدىغان خادىملارغا تۇتقان پوزىتسىيسىمۇ مۇلايىم ئىدى .ئاۋال كۈلۈپ قويۇپ ،ئاندىن گەپ قىلاتتى .شۇڭا بەزىلەردە يامان ئەمەس تەسىر قالدۇرغانىدى .شۇنداق قىلىپ ئۇ بىزبىلەن ناھايىتى تېزلا ئوبدان تونۇشلاردىن بولۇپ قالدى ،بۇ ئارقىلىق ماۋزېدۇڭنىڭ خىزمەت تۇرمۇش قانۇنىيىتىنى ئۇقىۋالدى .بەزىدە ماۋجۇشى بىلەن كۆرشىدىغانلىقىنى ،ئەكسىچە مۇھاپىزەتچىلەر پەيىگە ياكى ھۆججەت -ماتىرياللار تاپشۇرۋېلىش ـ تارقىتىش ئۆيىگە كىرىپ ،ئۇ بۇ بىلەن كۆرىشىپ ئاندىن ماۋزىدۇڭنىڭ قىشىغا كىرەتتى .
لەن پىڭنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرىشى ئارقىسىدا چىياۋ ئېر جىلغىسىدىكى پارتىيە مەكتەپنىڭ ياڭجىيالىڭدىكى ماۋزىدۇڭنىڭ گەمىسىگە باردىغان يول ئېچىلدى .ئۇنىڭ كېلىش قېتىمى بارغانسىرى كۆپەيدى ، تۇردىغان ۋاقتى بارغانسىرى ئۇزاردى .گاھىدە ئۇ بۇيەردە كەچلىك تاماق يەپ ئاندىن قايتىپ كىتەتتى .
لەنپىڭ ماۋزېدۇڭ بىلەن مۇھەببەتلەشكەنىدى .سۆز چۆچەكلەر تەرەپ تەرەپتىن چىقماقتا ئىدى .بەزىلەر:
ـ رەئىسنىڭ ئايالى بار ئەمەسمۇ ،يولداش خې زىجىن سوۋىت ئىتتىپاقىدا تۇرسا ،لەن پىڭ ھەدىسىلا رەئىسكە ئۆزىنى سۈركەپ يۈرىدىكەن ،ئۇ نىمىش قىلماقچىدۇ ؟ـ دەيتتى.
مول ئىجدىمائىي تەجىربىگە ئىگە لەن پىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىشلارنى بىرياققا قىلىشقا ماھىر ئىدى .ئۇ بىرتەرەپتىن ،ئۇنداق گەپ سۆزلەرگە پىسەنىت قىلماي ،ماۋزېدۇڭنىڭ يىنىغا تېخىمۇ كۆپ قاترىسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ، پارتىيە مەكتىپىدە چۈشتىن بۇرۇن دەرس ئۆتۈلۈپ ،چۈشتىن كىيىن مۇزاكىرە قىلدىغان بولغاچقا ،ئۇمۇ چۈشتىن بۇرۇن پارتىيە مەكتىپىدە بولۇپ ،چۈشتىن كىيىن ياكى يەكشەنبە كۈنلىرى ماۋزېدۇڭنىڭ يىنىغا كېلەتتى .ئەگە مۇزاكىرىگە قاتنىشالماي قالسا ،قايتقاندىن كىيىن باشقىلارنىڭ خاتىرىسىنى ئارىيەتكە ئېلىپ بىر نەچچە ئابزاسىتنى كۆچۈرۈپ ،كىيىنكى مۇزاكىرىدە بىرىنجى بولۇپ سۆزلەپ ھەم ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىنى بىلدۈرەتتى ھەم ئۆزىنىڭ سەۋىيىسىنى نامايەن قىلاتتى ،شۇنىڭ بىلەن لەن پىڭ كۆپچىلىك ئالدىدا «ئەستايىدىل »ئۆگىنىدىغان تەسىر پەيدا قىلاتتى .
ئۇنىڭ ئۈستىگە ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماۋزېدۇڭغا ھۆرمىتى ۋە قىزغىن مۇھەببىتى بولغاچقا ،بىرنەچچە ئېغىز غۇلغۇلىنىڭ كارايىتى چاغلىق ئىدى ،خالاس .
ئەينى چاغدىكى لەن پىڭ كىشىلەرنىڭ ھالىغا بەكلا يىتەتتى .ھەرقىتىم ماۋزېدۇڭنىڭ يىنىغا كەلگەندە ،ماۋزېدۇڭ بىلەن پاراڭلاشقاچ چەبدەس ـ چاققانلىق بىلەن ئۆينى تۈزەشتۈرەتتى ،ئۇنىڭ ئىنكاسى تېزبولۇپ ، ئادەمنىڭ قۇرسىقىدىكىنى بىلىۋالاتتى .ماۋزېدۇڭ تاماكا چەكمەكچى بولغىنىدا ،تاماكىنى شۇزامان ماۋزېدۇڭنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قوياتتى ، يەنە ئۆزقولى بىلەن سەرەڭگە يېقىپ بىرەتتى .ماۋزېدۇڭ كىتاو كۆرمەكچى بولغىنىدا كىتاپنى دەرھال ئەكىلىپ ،ماۋزېدۇنىڭ كۆرمەكچى بولغان قسمىنى ئېچىپ قوياتتى .چاي سوۋۇپ قالغان بولسا ،ئاۋايلاپ مىڭىپ قىزىتىپ قوياتتى .يەنە كېلىپ ئىستاكاننىڭ تۇتقىچىنى ماۋزېدۇڭ تەرەپكە توغۇرلاپ قوياتتى .مۇنداق بولغاندا ئېلىشقىمۇ قولايلىق بولاتتى .تاماقتىن بۇرۇن ئۆزلىكىدىن لۈڭگىنى ئېلىپ كېلىپ كۆيۈمچانلىق بىلەن ماۋزېدۇڭنىڭ يۈز -قولىنى ئېرتىشكە ياردەملىشەتتى .
ئەتىيازدىن كۈزگىچە يىرىم يىل ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى .1939-يىلى كۈزدە ،لەن پىڭ ماۋزېدۇڭ بىلەن توي قىلدىكەن دىگەن خەۋەر تارقالدى .مەركىزىي كومىتىت سىياسىي بىيرۇسىدىكى بەزى رەھپەرلەر بۇنىڭغا قوشۇلماي ،لەن پىڭنىڭ شاڭخەيدىكى بىر مەزگىلدىكى تارىخىي ئېنىق ئەمەس ،تەكشۇرۇپ ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك ،مەسىلە بولمىسا ئاندىن توي قىلسا بولىدۇ ،ـ دېدى .
شۇچاغدا لەن پىڭ ماۋزېدۇ بىلەن بىر قېتىم ئۇرۇشقان .
كاڭ شېڭ ئىجدىمائىي ئىشلار مىنىستىرى ئىدى .ئۇ ئۆزى باش بۇلۇپ ،ئىنتايىن ئاكتىپلىق بىلەن لەن پىڭنىڭ تارىخنى تەكشۈرگىلى بارغانىدى .ئەينى چاغدا بۇ ئۇنىڭ رەئىسكە كۆيۈنگەنلىكدىن بولسا كېرەك ،دەپتىكەنمەن .تاكى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىي »غا كەلگەندىلا ،ئاندىن لەن پىڭنىڭ كاڭشىن بىلەن بۇرۇنلاتونۇشىدىغانلىقىنى بىلدىم .
ئەينى چاغدا ،كاڭ شېڭ ئۆزىنىڭ سىياسىي مەقسىتىگە يىتىش ئۈچۈن لەن پىڭنىڭ تارىخىنى تەكشۇرۈش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ،ئۇنىڭ شاڭخەيدە قولغا ئېلىنغاندا پارتىيەگە ئاسىيلىق قىلغانلىقىدىن ئىبارەت مۇھىم ئەھۋالىنى ۋە ئۇنىڭ شاڭخەيدىكى بۇزۇقچىلىقتا داڭقى چىققان قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇپ ،مەركىزىي كومىتىتقا يالغاندىن لەنپىڭنىڭ تارىخىنى پاك ،سىياسىي جەھەتتىن مەسىلە يوق ،دەپ دوكلات قىلغان .
شۇنىڭ بىلەن مەركىزىي كومىتىت سىياسىي بيۇروسىمۇ ماۋزېدۇڭنىڭ لەن پىڭ بىلەن توي قىلىشىغا قوشۇلدى .
1939-يىلى قىشتا،ماۋزېدۇڭ لەن پىڭ بىلەن توي قىلدى ،لەن پىڭ ئىسمىنى جياڭ چىڭغا ئۆزگەرتتى .
تامام !
|
|