- تىزىملاتقان
- 2012-9-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5451
- نادىر
- 0
- يازما
- 338
ئۆسۈش
  9.02%
|
تېما ئىگىسىنىڭ ئەجرىگە مىڭ رەھمەت!
بۇ تېمىدا «شىنجاڭ ۋاقتى توغرا، شۇڭا شىنجاڭ ۋاقتى دەپ ئاتاش كېرەك» دېگەنلەر نېمىنى ئاساس قىلغانسىلەر؟ ئېسىمدە قېلىشىچە 2001- يىلىنىڭ باشلىرىدا شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ مەلۇم بىر پروگراممىسىدا مۇشۇ ھەقتە- «شىنجاڭ ۋاقتى دەپ ئاتاش كېرەكمۇ ياكى ئۈرۈمچى ۋاقتى دەپ ئاتاش توغرىمۇ؟» دېگەن ماقالە ئاڭلىتىلغان ئىدى. بۇنىڭدا مۆھتىرەم مۇنبەرداشلار دېگەندەك قانداقتۇر «بېيجىڭ ۋاقتى دەپ ئاتاش كېرەكمۇ ياكى شىنجاڭ (ئۈرۈمچى) ۋاقتى دەپمۇ» دەپ ئەمەس، بەلكى «شىنجاڭ ۋاقتى ئاتالغۇسىمۇ ياكى ئۈرۈمچى ۋاقتى ئاتالغۇسى توغرىمۇ» دېگەن كىچىك دائىرىلىك مەسىلە ئوتتۇرغا قويۇلغان. ئۇنداقتا بىز رايونىمىزنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى نوقتىسىدىن ئېيتقاندا «شىنجاڭ ۋاقتى» دەپقۇ ئاتاپ تۇرايلى. ئۈرۈمچى رايونى بىلەن ئاقسۇ رايونىدا قوياشنىڭ چىقىش ۋاقتى تەخمىنەن 10 مىنۇت پەرق قىلىدۇ، قەشقەر، خوتەنلەردە ياكى دىيارىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ قوياشنىڭ كۆتۈرۈلۈش ۋاقتى روشەن پەرققە ئىگە. ئەمدى مۇشۇنى دەپلا «شىنجاڭ ۋاقتى» دەپلا ئاتىۋەتسەك مۇۋاپىق بولارمۇ؟ ئۇنداقتا بىز ۋاقىتنى يەنە «بېيجىڭ ۋاقتى» دېمەيلا «جۇڭگو ۋاقتى» دەپلا ئاتىساق بولمامدۇ؟ چۈنكى بېيجىڭ پۈتكۈل جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلىدۇ ئەمەسمۇ؟
بىرلا ئېغىز گەپ، رايونىمىزدا يەرلىك ۋاقىتنى ئاتىغاندا «ئۈرۈمچى ۋاقتى» دەپ ئاتاش ئەڭ ئاقىلانىلىك، ئىلمىيلىك. بۇ قاراش نەچچە ئون يىلدىن بېرى كەڭ تەۋىسيە قىلىنغان. كۆپ قىسىملىرىمىز ھېلىمۇ ياخشى «ئۈرۈمچى ۋاقتى» دەپ ئادەتلىنىشكە باشلىدۇق. «شىنجاڭ ۋاقتى» دەپ ئاتاش قارىماققا خاتادەك قىلمىغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە مۇۋاپىق ئەمەس. |
|