قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3502|ئىنكاس: 32

ياردەم سۈرىيەگىمۇ ياكى ئۇيغۇرغىمۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

39

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24427
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 12
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-31
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

ياردەم سۈرىيەگىمۇ ياكى ئۇيغۇرغىمۇ
(مۇنازىرىدىن تۇغۇلغان ئويلار)
(ئويچى)

     

     
        يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، «سۈرىيەگە ياردەم» تېمىسىدىكى ئىلتىماس، چاقىرىقلار ئۈندىدارىمنىڭ دوسلار چەمبىرىكىگە ئۈزۈلمەي كىلىشكە باشلىدى ۋە بۇنىڭغا ئەگىشىپ خۇتەننىڭ گۇما قاتارلىق جايلاردىكى ئاجىز-يۇرۇق قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم بىرىش ساداسىمۇ ئوتتۇرغا چىقتى. نەتىجىدە، سۈرىيەگە ياردەم بىرەمدۇق ياكى ئۆز دىيارىمىزدىكى ئاجىز قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلامدۇق؟ ياردەم سۈرىيەگىمۇ  ياكى ئۇيغۇرغىمۇ؟ دېگەندەك مەزمۇندىكى مۇنازىرە-مۇلاھىزىلەر قىزىپ قالدى.

      دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ خىلدىكى بەس-مۇنازىرىلەردە تىرەن پىكىر، سالماق پوزىتسىيە كەمچىل بولۇپ، دائىم دېگۈدەك بىر خىل ھادىسە كىلىپ چىقىۋاتىدۇ. يەنى باشتا بىر ئوبدان ئوتتۇرغا قۇيۇلغان مەسىلە، بىر ئوبدان قىلىنىۋاتقان مۇلاھىزىلەر بارا-بارا سەلبىي تەرەپكە قاراپ ئېغىپ، تەدرىجىي تىللار ئۆتكۈرلىشىپ، دىللار قاساۋەتلىشىدۇ-دە، بەس-مۇنازىرە قىلغۇچىلار بىر-بىرىنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلىشىغا باشلايدۇ. نەتىجىدە، ياخشى نىيەتتە ئوتتۇرغا قۇيۇلغان مەسىلە، ياخشى نىيەتتە قىلىنغان مۇلاھىزىلەر، ئاچچىقلىنىش، قېيداش، قاقشاش، تىللاش،  ئىككى قۇتۇپلىشىش...لار بىلەن تۈگەللىنىدۇ. ئاخىرىدا، بۇخىل ھادىسىنى سىرتتىن كۆزۈتۈپ تۇرۇۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەر «بىز ئۇيغۇرلار مانا مۇشۇنداق چىقىشالماس، سىغىشالماس، بىر پىكىرگە كىلەلمەس... كىشىلەر...» دەپ مىللەتنى تارتىپ چىقىپ، ئۈمىدسىزلىك ئارىلاش تەنقىد، توغرىسى تاپا-تەنىلەرنى ياغدۇرۇۋېتىدۇ.
       ئالدى بىلەن، شۇنى سەمىمىزدە تۇتۇشىمىز كېرەككى، ھەر قانداق بىر ئىجتىمائىي ھادىسىگە نىسبەتەن مۇتلەق بىردەك پىكىر ھاسىل قىلغىلى بولمايدۇ. ھەر قاچان بىر مەسىلە ئۈستىدە، ئوڭچىل سولچىل ۋە مۆتىدىل قاراش ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. باشتا ئوڭچىللىق سولچىللىقنى ياكى سولچىللىق ئوڭچىللىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئاخىرىدا ئىككىسى بىرلىشىپ نۇرمال-مۆتىدىللىكنى روياپقا چىقىرىدۇ. مىسالەن: «سۈرىيەگە ياردەم بىرىش» مەسىلىسنى ئېلىپ ئېيتساق، بەزىلەر سۈرىيەدىكى مۇسۇلمانلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز، ئۇلار قىيىن كۈندە قالدى، بىز ئۇلارغا ياردەم قىلىشىمىز كىرەك، دەيدۇ؛ بۇنىڭغا ئەگىشىپ يەنە بەزىلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ، ياردەم ئۇيغۇرغىمۇ، سۈرىيەگىمۇ؟ ئۆزىمىزنىڭ ئارىسىدا ئاجىز-يۇرۇقلار يىتىپ ئاشقۇدەك تۇرسا، سۈرىيەگە ياردەم قىلىشنى بىزگە كىم قۇيۇپتۇ؟ ئالدى بىلەن ئۆز ئىشىمىزنى ھەل  قىلايلى، ئاندىن باشقىلارغا ياردەم بەرسەكمۇ كىچىكمەيمىز، دەيدۇ؛ ئەڭ ئاخىردا، بۇخىل ئىككى خىل قارشى پىكىرگە تەڭ چېچىلىپ كەتكەن ھەقىقەت ئوتتۇرىغا چىقىدۇ-دە، ئاز ساندىكى تىرەن پىكىر ۋە سالماق پوزىتسىيە ئىگىلىرى ئارىغا چۈشۈپ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئاساسى بار، مەسىلە پەقەتلا مۇتلەقلەشتۈرۈۋېتىشتىن كىلىپ چىققان، شۇڭا بىز ئىنسانپەرۋەرلىك، دىين-قېرىنداشلىق، رايۇنلار ھەمكارلىقى، كەلگۈسى تەرەققىيات ۋە ئاخىرەتتىكى ئىستىقبال... قاتارلىقلارنى كۆزدە تۇتۇپ، سۈرىيەدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ؛ قەۋم-قېرىنداشلىق، ۋەتەن-يۇرتداشلىق، ئىناق-ئىتتىپاقلىق، سىلە رەھىم قىلىش، ئاخىرەتتىكى ھېساب... قاتارلىقلارنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆز دىيارىمىزدىكى نامرات، ئاجىزلارغىمۇ ياردەم قۇلىمىزنى سۇنۇشىمىز لازىم. چەتئەللەرگە قارىتا قەرەللىك، ئۆز ئىچىمىزگە قارىتا داۋاملىق مېھرى-شەپقەت  يەتكۈزۈش بىزنىڭ دۇنيا ۋە  ئاخىرەتلىكىمىز ئۈچۈن ئوخشاشلا مۇھىم، دەيدۇ.
        ئەمدى بىز  يەنىمۇ بىر قەدەم چوڭقۇرلاپ تەھلىل يۈرگۈزۈپ باقايلى. يۇقۇردىكى مىسال بۇيىچە قارايدىغان بولساق، بىر مەسىلىنى چۆرىدەپ مۇنازىرە قىلىۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئاساسى بار بولۇپ، مەسىلە كۆپ ھاللاردا مۇتلەقلەشتۈرۈۋېتىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. جەمئىيەتنى بىر تەنگە ئوخشاتساق، ئوخشىمىغان خاھشتىكىلەر شۇ تەندىكى ئوخشىمىغان خىلىتلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. خۇددى مەلۇم خىلىت كەملەپ كەتسە ياكى ئېشىپ كەتسە ئادەمنىڭ مىجەزى بۇزۇلغىنىغا ئوخشاش، مەلۇم خاھىشتىكىلەر كەملەپ كەتسە ياكى ئېشىپ كەتسە جەمئىيەتنىڭ مىجەزى بوزۇلىدۇ. ناۋادا مۆتىدىللىك بىر تەنگە نىسبەتەن نۇرماللىق ھېسابلانسا، ئۇنداقتا، ئۇ جەمئىيەتكە نىسبەتەن تېخىمۇ نۇرماللىقتۇر. شەيئىلەر پەقەت ئاللاھ ياراتقان قانۇنىيەت بۇيىچە ماڭغىنىدا، ئاندىن نۇرمال ماڭغان بولىدۇ، بولمىسا بىنۇرمال ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. يۇقۇردىكى مىسالدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن «سۈرىيەگە ياردەم بىرىش» مەسىلىسىنى ئېلىپ ئېيتساق، تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز ئالدىغا مەسىلىنىڭ بىردىن تەرىپىنى تۇتۇۋالغان. ئالايلۇق، سۈرىيەدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قۇلىمىزنى سۇنايلى، دېگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سۆزىنىڭ ئاساسى بار. ئالدى بىلەن، بىز ئىنسان، ئىنسان نوقتىسىدىن يەنە بىر ئىنسانغا ئىچ ئاغرىتىش، رەھىم قىلىش بىزنىڭ بورچىمىز، بەلكى بىىزنىڭ تەبىئىتىمىز. مەسىلەن: بىز ئادەتتە ھايۋاناتلارغا نىسبەتەنمۇ، ئۇلار قىيىن ئەھۋالدا قالسا ئىچىمىز ئاغرىيدۇ. ئادەمگە قانداقمۇ ئاغرىمىسۇن؟ ئادەمگە ئەمەس، نۇرمال بىر جانلىققىمۇ ئىچ ئاغرىتمىغان ئىنساننى نۇرمال ئىنسان دېگىلى بولمايدۇ. قەلبى قاساۋەتلىشىپ كەتمىگەن، ئاللاھ ياراتقان تەبىئىتىنى ساقلاپ قالغان ئىنسان ھايۋاناتارلارغىمۇ ئىچ ئاغرىتىدۇ. مەسىلەن: بىر ھايۋان ئاچلىقتىن ئۆلەي دەپ قالغان بولسا، ئۇنىڭغا قۇلىدىن كەلسە يىمەكلىك تېپىپ بېرىدۇ؛ ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلەي دەپ قالغان بولسا، ئۇنىڭغا سۇ ئىچكۈزۈپ قۇيىدۇ ۋە ياكى بىھۇدە قىسماقلارغا چۈشۈپ قالغان بولسا، ئۇنى ئاجرىتىۋېتىدۇ. ئادەملەرگە كەلگەندە، بۇ خىل تويغۇ ھەسسىلەپ كۈچىيىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىنسانپەرۋەرلىك نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ تەشەببۇس تامامەن توغرا.. ئەمدى مۇسۇلمانلىق نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتساق، بىز مۇسۇلمان. دېمەك، بىز مۇسۇلمان ئىكەنمىز، مۇسۇلمان قېرىندىشىمىزغا ياردەم قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن پايپىتەك بولۇش، ئۇنىڭ دەردىنى تارتىش ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ دەردىنى تاشلاپ قۇيۇش ۋە ئۇنىڭ دەردىنى ئۆزىمىزنىڭ دەردىنىڭ ئۈستىگە قۇيۇش مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان بىر ھەقىقەتتۇر. شۇڭا، بۇ قېرىنداشلىرىمىزغا ئامېرىكا، ياۋرۇپا ئەللىرى، ياپۇنىيە، رۇسىيە ھەتتا ئىسرائىلىيە دېگەندەك باشقا غەيرىي مۇسۇلمان ئەللەر ياردەم قىلىۋاتقان ۋە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان مۇشۇنداق خەلئارالىق ۋەزىيەتتە بىزنىڭ ئاجىز بولۇشىمىزغا قارىماي، قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشىمىز تۇلىمۇ ئالىيجانابلىق ھەم بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز. ئاخىرىدا ھېسسىيات نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتساق، بىز ئۇنداق مۇسىبەتلەرنىڭ، قىيىنچىلىقلارنىڭ  دەردىنى تارتمىغان خەلق ئەمەس. بىزدە مۇساپىرنىڭ ھالىغا مۇساپىر بولۇپ باققانلار يىتىدۇ، دېگەن گەپ بار. ئۇنداق بولغاندىكىن، بىزنىڭ ئۇلارنىڭ ھالىغا يىتىشىمىز، ئۇلارنىڭ دەردىنى چۈشۈنۈشىمىز، ئۇلارغا ئۆزىمىزنىڭ خەير-خاھلىقىمىزنى بىلدۈرىشىمىز بىزگە نىسبەتەن تامامەن يوللۇق ۋە چۈشۈنۈشلۈك ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ.
ئەمدى سۈرىيەگە ئەمەس، ئۆزىمىزنىڭ ھالىغا يىتەيلى، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىق تارتىۋاتقانلار بولغاندىكىن، ياردەمنى ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىن باشلايلى، دېگەن تەشەببۇستىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سۆزلىرى خاتامۇ؟ ياق بۇمۇ خاتا ئەمەس. چۈنكى مەيلى ئىنسانىي ئەقىل بىلەن تەپەككۇر قىلايلى ياكى ئىسلامىي ھۆكۈملەر نوقتىسىدىن قارايلى، خەير-ساخاۋەت قىلىشنى، ئالدى بىلەن ، ئۆزەڭنىڭ ئەڭ يېقىنلىرىدىن باشلاش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. «ھەدىس»تىمۇ ياخشىلىقنى ئالدى بىلەن ئاناڭغا، ئاندىن كېيىن داداڭغا... قىلىش كۆرسىتىلگەن. ئىسلام شەرىئىتىدە، پەۋقۇلئاددە جىددىي ئاپەت مەزگىللىرىدە، جىددىي ھالەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بولمىسىلا، بىر يۇرتنىڭ زاكىتى شۇ يۇرتنىڭ نامراتلىرى بولغان ئەھۋال ئاستىدا، باشقا بىر يۇرتقا يۆتكەلمەيدۇ. بىر يۇرتنىڭ زاكىتى چۇقۇم شۇ يۇرتنىڭ بايلىرىدىن ئېلىنىپ، شۇ يۇرتنىڭ نامراتلىرىغا بېرىلىدۇ. ئۇنداق بولغانىكەن، بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ قەۋم-قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدا ئاجىز-يۇرۇق، نامراتلار بولغاندىكىن، ئالدى بىلەن، شۇلارنىڭ ھالىغا يىتەيلى، شۇلارغا ياردەم بىرەيلى. بۇلارغا ياردەم بەرمەي تۇرۇپ، باشقىلارغا ياردەم بىرىشنى بىزگە كىم قۇيۇپتۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ دېگەن باشقا بىر دۆلەت، ئارىلىقتا نەچچە دۆلەت بار، بىز قىلغان ياردەم ئۇيەرگە يىتىپ بارالامدۇ-يوق؟ دۆلىتىمىز ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟ بۇ قىلمىشىمىز قانۇنسىز ھەرىكەت بولۇپ قالامدۇ-يوق؟ ياكى بۇ ھەرىكەتكە بەزىبىر ساختاپەز كىشىلەر ئارلىشىۋېلىپ ياخشى ئىشتىن پايدىلىنىپ، توپىلاڭدىن تۇغاچ ئوغۇرلايدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىپ قالامدۇ-يوق...؟ دېگەندەك گۇمانىي قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشى ۋە ئۆزىمىزنىڭ قېرىنداشلىرىغا ياردەم بەرمەي تۇرۇپ، باشقىلارغا ياردەم قىلىمەن، دەپ يۈرسەك مۇۋاپىق بولمايدۇ دېيىشى يوللۇق.
ئۇنداقتا، بۇ ئىككى خىل قاراش بىر-بىرسىگە قارمۇ-قارشى تۇرۇپ، قانداقسىگە يوللۇق بولىدۇ؟ بۇ يەردە، بىز يۇقۇردا دەپ ئۆتكەن ئۈچىنچى بىر خىل قاراش ئوتتۇرغا چىقىدۇ. ئۇ بولسىمۇ ئوڭچىللىق ۋە سولچىللىققا تەڭ پارچىلىنىپ كەتكەن نۇرمال-مۆتىدىل قاراشتۇر. دېمەك، ئوتتۇرھاللىق ئەنە شۇنداق ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىش بىلەن ھەددىدىن چۈشۈرۈۋېتىشنىڭ نەتىجىسىدە مەيدانغا كېلىدىغان مۇقەررەر ھەقىقەتتۇر.
        ئەمدى، بۇخىل ئوتتۇرھاللىق قانداق ئوتتۇرغا چىقىدۇ؟ بۇنىڭ جەريانىنى سۆزلەپ باقايلى. يەنىلا باياتتىنقى مىسالغا قايتىپ كەلسەك، ئالدى بىلەن بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز سۈرىيەگە ياردەم قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ چىقتى؛ ئارقىدىن يەنە بىر تۈركۈم قېرىنداشلىرىمىز بۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ يۇرتىدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلىشىمىز بۇنىڭدىن زۆرۈر، دېگەن قاراشنى ئوتتۇرغا قويدى. ئەمدى بۇنىڭدىن ھەر ئىككىلىسى توغرا، ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئاساسى بار. ئۇنداقتا بۇ يەردىكى تۇقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان نەرسە نېمە؟ بۇ يەردە ھەقىقەت بۇ ئىككى پىكىرگە تەڭ چېچىلىپ كەتكەن بولۇپ، ھەر ئىككىلى پىكىردە %50دىن ھەقىقەت بار. بەلكىم ئۇنىڭدىن يۇقۇرى ياكى تۈۋەندۇ؟ ئەمما  بىز شۇنداق دەپ تۇرايلى. ئەمدى بىز مۇشۇ ئىككى پىكىرگە چېچىلىپ كەتكەن ھەقىقەتنى بىر يەرگە توپلىساق، يەنى چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىش بىلەن چەكتىن چۈشۈرۈۋېتىشنى بىرلەشتۈرسەك نۇرماللىق-مۆتىدىللىك بولىدۇ. ئىككىسىنى بىر يەرگە توپلىساق بۇ يەردىن بىر مۇكەممەل ھەقىقەت ـــ توغرا كۆز قاراش ئوتتۇرغا چىقىدۇ. يۇقۇرقىدەك چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىش ۋە چەكتىن چۈشۈرۈۋېتىش خاھىشىدىكى تالاش-تارتىشلاردىن پايدىلانغان، ئىبرەت ئالغان ھالدا چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزىدىغان بولساق، شۇنىسى ئايان بولىدۇكى، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ پىكرى توغرا، بۇ ئىككى خىل قاراش بىر-بىرىنى چەتكە قاقمايدۇ. سۈرىيەگە ياردەم بىرىش بىلەن ئۆزىمىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم بىرىش ئوتتۇرىسىنى زىتلەشتۈرۈۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق، سۈرىيەگە ياردەم بىرىش دېگەنلىك، بىزنىڭ بار تەئەللۇقاتىمىزنى سۈرىيەگە يۆتكەپ كېتىش، دېگەنلىك ئەمەس. بۇ ھەرگىزمۇ بىزنىڭ، ئۆزىمىزنىڭ نامراتلىرى ئاچ-يالىڭاچ قېلىپ قالغۇدەك دەرىجىدە تاشلىنىپ، سۈرىيەدىكىلەرگە ئۇنىڭدىن ئارتۇق تۇرمۇشقا ئېرىشكۈدەك دەرىجىدە خەيرىخاھلىق قىلىشىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بىزنىڭ سۈرىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ئاز-تۇلا كۆڭلىمىزنى بىلدۈرگىنىمىز ھەرگىزمۇ بۇ سەۋەبلىك ئۆزىمىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىزنى تاشلاپ قويغانلىقىمىز ئەمەس، ئۆزىمىزنىڭ قېرىنداشلىرى بۇ سەۋەبلىك ئاچلىقتىن ئۆلۈپمۇ قالمايدۇ. ئۇنداق بولغانىكەن، بۇ ئىككى مەسىلىنى تامامەن بىرلەشتۈرگىلى بولىدۇ. بۇ ئىككى مەسىلىنى زىتلەشتۈرۈۋېلىشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى يوق. بىز ئىنسانپەرۋەرلىك، مۇسۇلمان قېرىنداشلىق، رايونلار ھەمكارلىقى، كەلگۈسى تەرەققىياتىمىز، ئاخىرەتلىكىمىز... نوقتىلىرىدىن چىقىپ تۇرۇپ سۈرىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم بەرسەك بولىدۇ ھەم ياردەم بىرىشىمىز كېرەك. ئەمدى يەنە قەۋم-قېرىنداشلىق، ۋەتەن-يۇرتداشلىق، سىلە رەھىم قىلىش، ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھېساب-سوراقتىن جايىدا ئۆتۈپ كېتىش... كەبى نوقتىلارنى كۆزدە تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ يۇرتىدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قولىمىزنى سۇنۇشىمىز ۋە ئۇلارنى ئۆزىمىز بىلەن ئوخشاش دېمەتلىك تۇرمۇشتىن بەھرىمەن قىلىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك. قىسقىسى، بىز چەتئەللەرگە قارىتا قەرەللىك ھالدا، مانا مۇشۇنداق ئېغىر ئاپەتلەر يۈز بەرگەن چاغلاردا ياردەم قولىمىزنى سۇنۇپ تۇرساق؛ رايون ئىچىمىزگە قارىتا، ئۆز خەلقىمىزگە قارىتا، دائم، سىجىل ھالەتتە، ئەتراپىمىزدىكى ئاجىز –يۇرۇق قېرىنداشلىرىمىزنى يوقلاپ تۇرساق، بۇ بىزنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىمىز ئۈچۈن تۇلىمۇ پايدىلىق. ھەم بۇنداق قىلىش بىزنىڭ ئىنسانىي، ئىسلامىي، ۋە مىللىي بۇرچىمىز ۋە مەسئۇلىيىتىمىز ھېسابلىنىدۇ.
مانا يۇقۇرقى مىسالدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىر مەسىلە ئۈستىدە ئوخشىمىغان بىر نەچچە خىل قاراش ئوتتۇرغا چىقىدۇ ۋە شۇ قاراشلاردىن بەزىسى ئوڭچىل، بەزىسى سولچىل بولۇپ، ئاخىردا مۆتىدىل-نۇرمال قاراشتىن ھەقىقەت مەيدانغا كېلىدۇ. شۇڭا مەسىلىلەرگە سۇغۇققان، ئىلمىي تەپەككۇر بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگۈنۈۋېلىشىمىز تولىمۇ زۆرۈر.
        ھازىر جەمئىيىتىمىزدە بىر خىل مەسىلىنى ياكى ھەددىدىن زىيادە ئوڭچىل ياكى ھەددىدىن زىيادە سولچىل شەكىلدە تەپەككۇر قىلىش خاھىشى ئېغىر بولۇۋاتىدۇ. تارىختىن بۇيان، ھەر قانداق زامان ۋە ھەر قانداق ماكاندا مەلۇم بىر ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن، شۇ ھادىسىگە قارىتا ئوخشىمىغان پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى مۇقەررەر. مەسىلەن: مەلۇم بىر مەسىلە ئوتتۇرغا چىققاندىن كېين ياكى ئوتتۇرغا قۇيۇلغاندىن كېيىن، كىشىلەر بۇنىڭغا قارىتا بەس-بەستە مۇنازىرە ۋە مۇھاكىمە قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ خىلدىكى مۇنازىرە ۋە مۇھاكىمىلەر بېرىپ-بېرىپ ياكى ئوڭچىللىققا ياكى سولچىللىققا مايىللىشىدۇ. ئاخىرىدا، شۇ ئوڭچىللىق ياكى سولچىللىقتىن ئىبارەت مۇتلەقلەشتۈرۈۋېتىش ئوتتۇرسىدىن مۆتىدىل-نۇرماللىق مەيدانغا كېلىدۇ. بۇ بىر قانۇنىيەت. بەلكىم باشقىچە ئۇسۇللارمۇ، تەپەككۇر يوللىرىمۇ بولۇشى مۇمكىن، ئەمما، مېنىڭ ھازىرچە ھېس قىلغىنىم مانا مۇشۇ ـــ ئوڭچىللىق سولچىللىقنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ؛ سولچىللىق ئوڭچىللىقنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ؛ ئاخىردا، ئىككىسى بىرلىشىپ مۆتىدىللىكنى-نۇرماللىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
       ئىنسانىيەت تارىخىدا ئوتتۇرغا چىققان نۇرغۇنلىغان خاتا، ئازغۇن قاراشلارنىڭمۇ دەسلەپتە ئوتتۇرغا چىقىشىدا مەلۇم ئاساسى بولغان بولىدۇ. بىز مەيلى ئىنسانىيەت تارىخىدا پەيدا بولۇپ يۇقاپ كەتكەن بولسۇن، ياكى ھازىرغىچە ساقلىنىپ كۈندىن كۈنگە ئەۋج ئېلىۋاتقان بولسۇن، ۋە ياكى خىرە-غۇۋا ھالەتتە ئۈچەي دەپ قالغان بولسۇن، ئىشقىلىپ مەلۇم بىر ئېقىم، مەلۇم بىر نەزەرىيە، مەلۇم بىر ھادىسىنى پۈتۈنلەي ئاساسسىز، يولسىز، دەپ قارىماسلىقىمىز كېرەك. چۈنكى ئۇنىڭ بىر مەزگىل دەۋر سۈرۈپ يۇقاپ كەتكەنلىكى، ياكى ھازىرغىچە دەۋر سۈرۈپ كېلىپ خىرەلىشىپ قېلىۋاتقانلىقى، ۋە ياكى ھازىر تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ ئۆزى ئۇنىڭدا مەلۇم دەرىجىدە ھەقىقەتنىڭ بارلىقىنى، مەلۇم دەرىجىدە كىشىلەرنىڭ قەلبىنى، ئەقلىنى، ھېسسىنى قايىل قىلالىغۇدەك نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ تۇرۇپتۇ. شۇڭا، بىز مۇشۇنداق ئوبيېكتىپ پاكىتلار ئالدىدا، ئۇنى سوبيېكتىپ خاھىشىمىز بۇيىچە بىر پەشۋاغا يارىمايدىغان نەرسىلەرگە چىقىرىۋەتسەك بولمايدۇ. چۈنكى بەزى نەرسىلەرنى بىز بىر پەشۋا بىلەن ئىتتىرۋەتسەك، ئۇ ئايلىنىپ كېلىپ بۇرنىمىزغا تېگىدۇ. دېمەك، دۇنيادا مەۋجۇت بولغان نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ، پىكىرلەرنىڭ ، قاراشلارنىڭ چۇقۇم مەلۇم ئاساسى بار.
      ئاخىرىدا، بەس-مۇنازىرىنىڭ قانۇنىيىتىنى چۈشەنمەي، بىر مەسىلىگە نىسبەتەن ئوخشىمىغان پىكىر ئوتتۇرىغا قۇيۇلسىلا، ئىتتىپاقسىزلىق كۆرۈلدى، دەپ قارايدىغان ۋە مىللىتىنى جىدەلخور، ئۇرۇشقاققا چىقىرىۋېتىدىغان كۆپ سانلىق كۆزەتكۈچىلەرگە، ھەمدە مەسىلە ھەل قىلىمەن، دەپ مەسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغان ياكى يېڭىدىن مەسىلە پەيدا قىلىۋالىدىغان ئاز ساندىكى ئىزدەنگۈچىلەرگە دەيدىغان گەپ:
بىرىنچىدىن,شۇنى  بىلىشىمىز كىرەككى، ئوخشىمىغان پىكىر-قاراش، ئىختىلاپ-دەتالاش، بەس-مۇنازىرە دېگەنلەر يالغۇز ئۇيغۇرلاردىلا كۆرۈلمەيدۇ، بەلكى دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر مللەتتە مەۋجۇتتۇر، تەرەققىي قىلغان ئەللەردە تېخىمۇ كۆپ يۈز بىرىدۇ. چۈنكى ئەركىن ئىرادە، ئىختىيارىي پىكىر بار ھەر يەردە، بىر مەسىلىگە قارىتا ھەممە ئادەمنىڭ بىردەك قاراشتا بولۇشى ناتايىن؛ ياكى ئۇنداق، ياكى مۇنداق پىكىر ئىختىلاپىنىڭ چىقىشى تەبئىي. مەلۇم مەسىلىگە نىسبەتەن مۇتلەق پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىش بولسا ئىرادە ۋە پىكىر ئەركىنلىكى بولمىغان مۇستەبىت جەمىئيەتنىڭ مەھسۇلى.
ئىككىنچىدىن، خۇددى ئابدۇۋەلى ئايۇپ (گۈلەن) ئاكىمىز بىر يازمىسىدا نەقىل قىلغاندەك، ئىللەت مىللەتتە بولمايدۇ، بەلكى شەخىستە كۆرۈلىدۇ. چۈنكى مىللەت دېگەن شەخىسلەر توپلۇمىنى كۆرسىتىدۇ. مىللەتنى تۈزەش شەخىسنى تۈزەشتىن باشلىنىدۇ. مىللەت ئابىستىراكىت، شەخس كونكىرت مەۋجۇتلۇقتۇر.
ئۈچىنچىدىن، ھەقىقىي ئىناق-ئىتتىپاقلىق ئاڭلىق، ئىختىيارىي بىرلىشىشتىن كىلىدۇ، ھەرگىزمۇ ئاڭسىز، مەجبۇرىي ئۇيۇشۇشتىن ھاسىل بولمايدۇ. ئادەتتە، كىشىلەر ئىككى خىل ھالەتتە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىدۇ، بىرسى: ئەركىن، ئىختىيارىي ئوتتۇرغا قۇيۇلغان مەسىلىنى چۆرىدەپ ئەركىن، ئىختىيارىي يۇسۇندا مۇلاھىزە، مۇنازىرە، دەتالاش ئېلىپ بېرىپ، مەسىلە ئايدىڭلاشقاندىن  كېيىن ئەل رايىغا قۇيۇپ، كۆپ سانلىقنىڭ رايىغا بويسۇنۇپ، ئاز سانلىقنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىش ئارقىلىق بىر پىكىرگە كىلىش، بۇ ئاڭلىق، ئىلغار، ئەركىن جەمئىيەتنىڭ مەھسۇلى؛ يەنە بىرسى بولسا، ئىختىيارسىز، مەجبۇرىي ئوتتۇرغا تاشلانغان مەسىلىنى قىلچە دە-تالاشسىز قۇبۇل قىلىپ، مەلۇم نۇپۇز ئىگىسىىگە مۇتلەق بويسۇنۇش ئارقىلىق بىر پىكىرگە كىلىش، بۇ بولسا خۇراپىي، قالاق، مۇستەبىت جەمئىيەتنىڭ مەھسۇلى. ئالدىنقسى ئىرادىلىك ئىنسانغا ۋەكىللىك قىلسا، كىيىنكىسى ئىرادىىسىز ماشىنىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
تۆتىنچىدىن، ئادەملەرنىڭ ئىدىيىسىنى تىللاپ، قاقشاپ ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. تەربىيىۋىي جەھەتتىن تىللاش، يامانلاشنىڭ ھېچقانداق رولى يوق. بىر قېتىملىق تور زىيارىتىدە، يالقۇن رۇزى ئاكىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئېيتقانلىرى ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلغانىدى.
بەشىنچىدىن، سالماق، ئىلمىي پوزىتسىيە بىلەن قىلىنغان دوستانە، خالىس پىكىر ئالماشتۇرۇشلا كىشى قەلبىگە چوڭقۇر تەسىر قىلالايدۇ. مەيلى قارشى  تەرەپ قۇبۇل قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن، باشتىن-ئاياغ چىرايلىق، ھېكمەتلىك ئۇسلوبنى ساقلاش پىكىر تارقىتىشنىڭ يىگانە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇسۇلىدۇر. خەلقىمىزدىكى «دىلىدىن تارتمىسا، بىلىدىن تارتقان بىكار» دېگەن سۆز بىكار ئېيتىلمىغان. شۇڭا، پىكىر-قاراشلارنى دەلىل-پاكىتلىرى بىلەن ئالدىرىماي ئوتتۇرغا تاشلاپ، قارشى پىكىرلىكلەر بولسا تەمكىنلىك بىلەن بەس-مۇنازىرە ئېلىپ بېرىپ، ئورتاقلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، ئوخشىماسلىقلاردا ئۆز پىكرىنى ساقلاپ قالغۇلۇق. ئۆز-ئارا بىر-بىرىنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىپ، مەسىلىلەرنى ئىلمىي يۇسۇندا ھەل قىلىشنى بىلگۈلۈك.
ئالتىنچىدىن، ئەركىن بەس-مۇنازىرە مۇھىتىدا، مەلۇم بىر ئىجتىمائىي مەسىلىگە نىسبەتەن، مۇتلەق بىر پىكىرگە كەلگىلى بولمىغانىكەن، ئۇنداقتا، تۈپ ئېتىقاد ۋە يادرولۇق قىممەت قاراشلاردىن چەتنىمەسلىك شەرتى ئاستىدا، ئۆز-ئارا يول قۇيۇشۇش، بولۇپمۇ كۆپ سانلىقنىڭ تاللىشى ئاساسىدا قارار چىقىرىش، ئاز سانلىقلار ئۆز پىكرىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا، شۇ قارارغا بويسۇنۇش ئۇمۇمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى شەخىسنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈنمۇ زۆرۈردۇر. مەيلى كىم بولمىسۇن، بىراۋنىڭ ئۆز پىكرىنى گۇيا ھەممە ئادەم قۇبۇل قىلىشى كېرەكتەك، گۇيا ھەقىقەتنىڭ يىگانە ئۆلچىمىدەك شەكىلدە ئوتتۇرغا تاشلاپ، قارشى پىكىرنىڭ قارىسى كۆرۈنگەن ھامان قاخشاپ قۇپۇشى ياكى سورۇننى تاشلاپ مېڭىشى مۇۋاپىق ئەمەس. گەپ-سۆزى ئاقمىغان ئەھۋالدا، ھەركىم ئۆز سۆزىنى يورغىلىتىپ، ئۆز سەنىمىگە دەسسەپ، ئۆز يولىغا ماڭسا بولمايدۇ. ئۇمۇمنىڭ پايدىسى ئۈچۈن، شەخسىي مەنپەئەتتىن كېچىش ساداقەتنىڭ يۇقۇرى پەللىسىدۇر، ھەقىقي ئالىيجانابلىقتۇر.     
               
2014                                                                         -يىل ھارپىسى، خۇتەن سەھراسى

0

تېما

0

دوست

2857

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   28.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8628
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 441
تۆھپە : 572
توردىكى ۋاقتى: 502
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-5
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر توپتىكى كىشىلەرنىڭ بىر مەسىلىگە ھەرخىل قاراشتا بولۇشى نورمال ئىش.قورقۇنىچلىقى قارغۇلارچە ئەگىشىش.
شەخسنىڭ سەۋەنلىكنى،پۇتۇن مىللەتكە ئارتىپ قويۇش.قولىدىن ھىچ ئىش كەلمەيدىغان نانقېپىلارنىڭ باناسى.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

ھاياتنىڭ قىممىت

1

تېما

0

دوست

1452

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   45.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11436
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 198
تۆھپە : 311
توردىكى ۋاقتى: 201
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-3
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ناھايىتى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپسىز.
  دەرۋەقە، مەيلى سۈرىيەدىكى قېرىنداشلارغا بولسۇن، ۋەياكى دىيارىمىزدىكى قېرىنداشلارغا بولسۇن، يارىدەم،ساخاۋەت ھېسىياتى ۋە ھەرىكىتىنىڭ بولۇشىلا ناھايىتى قىممەتلىك ۋە تەرىپلەشكە تىگىشلىك ئىش. جەمىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ۋە تۇرمۇش قىياپىتىمىزنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ ئۆزئارا يارىدەم ۋە ساخاۋەت ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە قاتنىشىدىغان قېرىنداشلار بارغانسىرى كۆپەيمەكتە، قەلىبلەر ئىللىماقتا. ئاشۇ ساخاۋەت تۇيغۇسىمۇ بولمىسا يەنە نىمە دىگۈلۈك؟  
  شۇڭا باشقا ئىش-ھەرىكەتلەرگە تۈرلۈك نىيەت-مەقسەتلەرگە باغلاپ قالپاق كىيگۈزسەكمۇ ساخاۋەتچى قەلىبلەرگە قالپاق كىيگۈزمەيلى! مەيلى قايسى تەرەپكە بولسۇن، پەقەت ساخاۋەت مۇددىئاسىلا بولسا ئۇنى قەدىرلەشكە ۋە قوللاشقا تىگىشلىك.

8

تېما

0

دوست

2498

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   16.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12612
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 287
تۆھپە : 587
توردىكى ۋاقتى: 159
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-4
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن چوڭقۇر تەپەككۈر قىلىپسز !!!!!!

0

تېما

0

دوست

418

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   59%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22933
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 132
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-5
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلگىرى ئاتا بوۋىلىرىمىز ساددا دىنى ھىسسىياتنىڭ كەينىگە كىرىپ كۆرمىگىنى قالمىغان، بۇنىڭغا سىيت نوچى، تۆمۈر خەلىيە، خوجىنىيازلارنىڭ ئېچىلىنىشلىق ئۆلۈمى ئاددى بىر كارتىنىلا بولىدۇ خالاس.
ھالا بۈگۈنكى كۈندە ئاشقۇن دىنى ھىسسىيات مۇسۇلمان دۇنياسىغا چىققان بىر خەتەرلىك ئۆسمە بولۇپ ئىنسانىيەتنى بىزاۋتە قىلماقتا.

1

تېما

1

دوست

670

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24380
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 200
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-5
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەچچە ۋاقىتتىن مۇشۇنداق سۇرېيەگە ياردەم قىلىش ، ئىئانە توپلاش تۇغرىسىدىكى ئۇچۇرنى تاپشۇرۋالغان ، ھەم شۇنىڭغا قۇشۇپ «سۇغۇقتا توڭلاپ قىلىۋاتقان سۇرېيە » خەلقىنىڭ رەسىملىرىنىمۇ تاپشۇرۋالغان ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش خەلىقئارالىق مەسىلە بولغاندىكىن دەپ بەيدۇ تورىنى ئىزدەپ كورسەم بۇنداق ئىش يوق بۇلۇپ چىقتى . تۇلۇقسىز ئۇتتۇرا مەكتەپ جۇغراپىيە دەرىسىدە سۇرېيەدە قىش بولمايدۇ دەپ ئۈگەنگەن ، شۇنىڭ بىلەن سۇرىيەنىڭ كىلىماتى تۇغۇرلۇق ئىزدىنىپ كورسەم ، سۇرىيەدە 1-ئايدىكى تىمپىراتۇرىمۇ 2-4ئەتراپىدا ئەڭ سۇغۇقمۇ نۆلدىن تۈۋەن بولمايدىكەن ، توۋا مۇشۇنداق ھاۋا كىلىماتىدىمۇ «توڭلاپ قالغان سۇرىيەلىك» باركەن دەيمەن ،يا ئۇلارنىڭ «تىرىسى نىپىز'مۇ ياكى بىزنىڭ سەزگۈرلىكىمىز ئىشىپ كەتكەندىمۇ؟ «يىراقتىكى تۇققاندىن يىقىندىكى قوشنا ئەلا»دەپ يۇرتىمىزدىكى «سۇرىيە»لەر ، يەنى بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز ياشاۋاتقان خوتەن ۋىلايىتىمىزدىمۇ ئىقتقسادتىن قىينىلىپ قىلىۋاتقان نامرات قېرىنداشلىرىمىزمۇ نۇرغۇن ، شۇڭا يىقىندىن بۇيان «بىلىپ ئۈمىد ئىللىقلىق يەتكۈزۇش كوللىكتىپى »،«سىتۇدىنتلار ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئەترىتى»قاتارلىق ئورۇنلار ئىئانە توپلاپ شۇ چەت ، نامراتلار رايونىغا قىشتا ئىللىقلىق يەتكۇزمەكتە . بولسا باغداشتىكى تورداشلارنىڭ «توڭلاپ قىلىۋاتقان سۇرىيەلىك»مەسىلىسىگىلا دىققەت قىلماي ئانا يۇرتىمىزدىكى شۇ ياردەمگە موھتاج قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قۇلىنى سۇنىشىنى ئغمىد قىلىمەن!!!

نىجات ئەكبەر

4

تېما

6

دوست

1836

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   83.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12100
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 513
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-1
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە ساخاۋەتنىمۇ ئۆز ئەتراپىدىن باشلاش كېرەك. مەسىلەن، خوتۇن-بالىلىرى ئاچ-يالىڭاچ ئولتۇرسا، تاپقان پۇلىنى سىرتتىكى سائىلغا بېرىۋەتكەن ئەر ھەقىقىي ئىسلامنى چۈشەنگەن بولمايدۇ. ئۇ ئاۋۋال ئەڭ يېقىنى بولغان خوتۇن-بالىسىغا قىلىشى كېرەك. خۇددى شۇنىڭدەك، ساخاۋەت ئىشىدا ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى، ئاندىن ئۇنىڭدىن يىراقراق كىشىلەرنى ئويلىشىش كېرەك دەپ قارايمەن.

0

تېما

0

دوست

740

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   48%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17988
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 220
توردىكى ۋاقتى: 56
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-5
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈرىيەگە ياردەم قىلايلى دەيدىغانلىغا بىرلا ئېغىز گەپ : قوڭامدا ئىشتان يوق ئېتىم بۈۋى مارجان ،،، كىم قويۇپتۇ ساڭا سۈرىيەگە ياردەم قىلىشنى ،،، خوتەن ، ئاقسۇ ، قەشقەرنىڭ چەت يېزا - قىشلاقلىرنى ئايلىنىپ كېلە ، ياردەمگە موھتاجلارنىڭ يېنىڭدا ئىكەنلىكىنى بايقايسەن ،،،،،

0

تېما

0

دوست

740

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   48%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17988
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 220
توردىكى ۋاقتى: 56
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-5
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈرىيەگە ياردەم قىلايلى دەيدىغانلىغا بىرلا ئېغىز گەپ : قوڭامدا ئىشتان يوق ئېتىم بۈۋى مارجان ،،، كىم قويۇپتۇ ساڭا سۈرىيەگە ياردەم قىلىشنى ،،، خوتەن ، ئاقسۇ ، قەشقەرنىڭ چەت يېزا - قىشلاقلىرنى ئايلىنىپ كېلە ، ياردەمگە موھتاجلارنىڭ يېنىڭدا ئىكەنلىكىنى بايقايسەن ،،،،،

0

تېما

0

دوست

249

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8189
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 77
تۆھپە : 32
توردىكى ۋاقتى: 78
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-3
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەردە سىزدەك چوڭقۇر،ئەتراپلىق پىكىر قىلىدىغانلارنىڭ كۆپلەپ پەيدا بۇلۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )